ياقۇبنىڭ ئاتىسىنى ئالدىشى
27
‏1 ئىسئھاق قېرىپ قالغاندا كۆزلىرى غۇۋالىشىپ كۆرمەس بولۇپ قالدى. ئۇ چوڭ ئوغلى ئەساۋنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «ئەي ئوغلۇم» دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «مانا مەن» دېدى. ‏2 ئۇ ئۇنىڭغا : «مانا، مەن قېرىپ كەتتىم، قاچان ئۆلىدىغىنىمنى بىلمەيمەن. ‏3 سەن قورال-جابدۇقلىرىڭنى ئېلىپ، ئوقدان ۋە ئوقيايىڭ بىلەن دالاغا چىقىپ، مەن ئۈچۈن بىر ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، ‏4 مەن ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك تاماق پىشۇرۇپ، ماڭا ئېلىپ كەل. مەن ئۇنى يەپ، ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ساڭا خەيرلىك دۇئا قىلاي» دېدى. ‏5 لېكىن رىبەقا ئىسئھاقنىڭ ئوغلى ئەساۋغا ئېيتقان سۆزىنى ئاڭلاپ قالدى. ئەساۋ ئوۋ ئوۋلاپ كەلگىلى دالاغا چىقىپ كەتكەندە، ‏6 رىبەقا ئوغلى ياقۇبقا مۇنداق دېدى: «مانا، مەن ئاتاڭنىڭ ئاكاڭ ئەساۋغا: ‏7 ‹ماڭا ئوۋ ئېلىپ كېلىپ، مەززىلىك تاماق پىشۇرغىن. مەن ئۇنى يەپ، ئۆلمەستىن بۇرۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ساڭا خەيرلىك دۇئا قىلاي› دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. ‏8 ئەمدى سەن، ئەي ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ بۇيرۇغىنىمنى قىل. ‏9 سەن دەرھال پادىغا بېرىپ، ماڭا ئۆچكىلەرنىڭ ئىچىدىن ئىككى ئېسىل ئوغلاقنى ئېلىپ كەل. مەن ئۇلاردىن ئاتاڭغا، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك بىر تاماق تەييارلاي. ‏10 سەن ئۇنى ئاتاڭنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىر. ئۇ يەپ، ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ساڭا خەيرلىك دۇئا قىلغاي» دېدى. ‏11 لېكىن ياقۇب ئانىسى رىبەقاغا: «ئەمما ئاكام ئەساۋ تۈكلۈك كىشى، مېنىڭ تېنىم بولسا سىلىق. ‏12 ئەگەر ئاتام مېنى سىلاپ باقسا، مەن ئۇنىڭ نەزىرىدە ئالدامچى بولۇپ، بەرىكەت ئورنىغا بېشىمغا لەنەت كەلتۈرەرمەنمىكىن؟» دېدى. ‏13 ئانىسى ئۇنىڭغا: «ئەي ئوغلۇم، ساڭا تېگىدىغان لەنەت ماڭا تەگسۇن. سەن پەقەت سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، بېرىپ ئوغلاقلارنى ماڭا ئېلىپ كەل» دېدى.
‏14 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ، ئۇلارنى ئېلىپ كېلىپ ئانىسىغا بەردى. ئانىسى بولسا ئۇنىڭ ئاتىسى ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك بىر تاماق تەييارلىدى. ‏15 ئاندىن كېيىن رىبەقا ئۆيدە ئۆز يېنىدا ساقلىغان تۇنجى ئوغلى ئەساۋنىڭ ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى ئېلىپ، كىچىك ئوغلى ياقۇبقا كىيدۈرۈپ، ‏16 ئوغلاقلارنىڭ تېرىسى بىلەن ئۇنىڭ قوللىرى ۋە بوينىنىڭ تۈكسىز جايلىرىنى يۆگەپ قويدى. ‏17 ئاندىن ئۇ ئۆزى ئەتكەن مەززىلىك تاماق بىلەن ناننى ئوغلى ياقۇبنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ‏18 ئۇ ئاتىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ: «ئەي ئاتام» دېدى. «مانا مەن. سەن قايسى ئوغلۇم بولىسەن؟» دېدى ئاتىسى. ‏19 ياقۇب ئاتىسىغا: «مەن چوڭ ئوغلۇڭ ئەساۋدۇرمەن. ماڭا ئېيتقىنىڭدەك قىلدىم. قېنى، قوپقىن، ئولتۇرۇپ ئوۋۇمنىڭ گۆشىگە ئېغىز تېگىپ، ئاندىن ماڭا خەيرلىك دۇئا قىلغايسەن» دەپ جاۋاب بەردى. ‏20 ئىسئھاق ئوغلىغا: «ئەي ئوغلۇم، قانداق قىلىپ شۇنچە تېز تاپتىڭ؟» دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇنى ماڭا يولۇقتۇردى» دېدى. ‏21 ئاندىن ئىسئھاق ياقۇبقا: «ئەي ئوغلۇم، يېقىنراق كەلگىن. سەن راستتىنلا ئوغلۇم ئەساۋمۇ ياكى ئەمەسمۇ دەپ، سىلاپ باقاي» دېدى. ‏22 ياقۇب ئاتىسى ئىسئھاقنىڭ يېنىغا يېقىن باردى. ئۇ ئۇنى سىلاپ بېقىپ: «قول ئەساۋنىڭ قولىدەك بولغىنى بىلەن ئاۋاز ياقۇبنىڭ ئاۋازىدۇر» دېدى. ‏23 ئۇنىڭ قوللىرى ئاكىسى ئەساۋنىڭ قوللىرىدەك تۈكلۈك بولغىنى ئۈچۈن ئاتىسى ئۇنى تونۇيالماي قېلىپ، ئۇنىڭغا خەيرلىك دۇئا قىلىپ قويدى. ‏24 ئۇ يەنە: «سەن راستتىن ئوغلۇم ئەساۋمۇسەن؟» دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: «مەندۇرمەن» دېدى. ‏25 ئىسئھاق ئۇنىڭغا: «تاماقنى ئېلىپ كەلگىن. مەن ئوغلۇمنىڭ ئوۋىنىڭ گۆشىدىن يەپ، ساڭا خەيرلىك دۇئا قىلاي» دېدى. ياقۇب تاماقنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى ۋە ئۇ يېدى. ئۇ ئۇنىڭغا شارابنىمۇ تۇتتى ۋە ئۇ ئىچتى. ‏26 ئاندىن ئاتىسى ئىسئھاق ئۇنىڭغا: «ئەي ئوغلۇم، ئەمدى كېلىپ، مېنى سۆيگىن» دېدى. ‏27 ئۇ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى سۆيدى. ئاتىسى ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ، ئۇنىڭغا خەيرلىك دۇئا قىلىپ: «مانا، ئوغلۇمنىڭ پۇرىقى پەرۋەردىگار بەرىكەتلىك قىلغان دالانىڭ پۇرىقىغا ئوخشاشتۇر. ‏28 خۇدا ساڭا ئاسماننىڭ شەبنىمى ۋە يەرنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىنى ئاتا قىلىپ، مول ئاشلىق ۋە يېڭى شاراب بەرگەي. ‏29 خەلقلەر ساڭا خىزمەت قىلسۇن، ئەللەر ساڭا باش ئەگسۇن. سەن ئۆز قېرىنداشلىرىڭغا خوجا بولغايسەن. ئاناڭنىڭ ئوغۇللىرى ساڭا باش ئەگسۇن، ساڭا لەنەت ئوقۇغانلارنىڭ ھەربىرى لەنەتكە ئۇچراپ، ساڭا بەرىكەت تىلىگەنلەر بەرىكەت تاپسۇن» دېدى.
‏30 ئىسئھاق ياقۇبقا خەيرلىك دۇئا قىلىپ بولۇپ، ياقۇب ئاتىسى ئىسئھاقنىڭ ئالدىدىن چىقىپ بولۇشىغىلا ئاكىسى ئەساۋ ئوۋدىن قايتىپ كەلدى. ‏31 ئۇمۇ مەززىلىك بىر تاماقنى ئېتىپ، ئاتىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپ، ئاتىسىغا: «ئاتا، قوپقىن، ئوغلۇڭنىڭ ئوۋىنىڭ گۆشىگە ئېغىز تېگىپ، ماڭا خەيرلىك دۇئا قىلغايسەن» دېدى. ‏32 ئاتىسى ئىسئھاق ئۇنىڭغا: «سەن كىم بولىسەن؟» دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: «مەن چوڭ ئوغلۇڭ ئەساۋ بولىمەن» دېدى. ‏33 ئىسئھاق چۆچۈپ تىترەپ كېتىپ: «ئۇنداق بولسا، باياتىن ئوۋ ئوۋلاپ، ماڭا ئېلىپ كەلگەن كىم ئىدى؟ سەن كەلمەستە مەن ھەممىسىدىن يەپ، ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەپ خەيرلىك دۇئا قىلدىم. دېمەك، ئۇ بەرىكەت تاپىدۇ» دېدى. ‏34 ئەساۋ ئاتىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندا قاتتىق ئۈن سېلىپ ئاچچىق پەرياد قىلىپ ئاتىسىغا: «ئەي ئاتام، ماڭىمۇ خەيرلىك دۇئا قىلغىن» دېدى. ‏35 ئۇ ئۇنىڭغا: «سېنىڭ ئۇكاڭ ھىيلە بىلەن ساڭا تېگىدىغان خەيرلىك دۇئانى ئېلىپ كېتىپتۇ» دېدى. ‏36 ئەساۋ: «بىكارغا ئۇنى ياقۇب دەمدۇ؟ ئۇ مېنى ئىككى قېتىم ئالدىدى. ئاۋۋال تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقۇمنى ئېلىۋالدى. مانا، ئەمدى ماڭا تېگىدىغان خەيرلىك دۇئانىمۇ ئېلىپ كېتىپتۇ» دېدى. ئاندىن: «مەن ئۈچۈن خەيرلىك دۇئايىڭ قالمىدىمۇ؟» دەپ سورىدى.    ‏37 ئىسئھاق جاۋاب بېرىپ، ئەساۋغا: «مانا، مەن ئۇنى ساڭا خوجا قىلىپ، ھەممە قېرىنداشلىرىنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە بەردىم، ئاشلىق ۋە يېڭى شاراب بىلەن ئۇنى قۇۋۋەتلىدىم. ئەمدى، ئەي ئوغلۇم، ساڭا يەنە نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن؟» دېدى. ‏38 ئەساۋ ئاتىسىغا: «ئەي ئاتام، پەقەت بىرلا خەيرلىك دۇئايىڭ بارمۇ؟ ئەي ئاتام، ماڭىمۇ خەيرلىك دۇئا قىلغىن» دېدى. ئەساۋ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. ‏39 ئاتىسى ئىسئھاق ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «مانا، ئولتۇراق جايىڭ يەرنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدىن نېرى بولۇپ، ئۈستىدىكى ئاسماننىڭ شەبنىمىدىن يىراق بولىدۇ. ‏40 سەن قىلىچىڭ بىلەن ياشاپ ئۇكاڭغا خىزمەت قىلىسەن. لېكىن كۈچ تاپقىنىڭدا ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭدىن ئېلىپ ئۈزۈپ تاشلايسەن».
‏41 ئەساۋ ئاتىسى ئۇنىڭغا قىلغان خەيرلىك دۇئانىڭ سەۋەبىدىن ياقۇبقا ئاداۋەت ساقلىدى. ئەساۋ ئۆز كۆڭلىدە: «ئاتامنىڭ ماتەم كۈنلىرى يېقىنلىشىپ قالدى. كېيىن مەن ئۇكام ياقۇبنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەپ خىيال قىلدى. ‏42 لېكىن رىبەقاغا چوڭ ئوغلى ئەساۋنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى يەتكۈزۈلگەندە، ئۇ كىچىك ئوغلى ياقۇبنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: «مانا، ئاكاڭ ئەساۋ سېنى ئۆلتۈرۈش نىيىتى بىلەن ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ يۈرىدۇ. ‏43 ئەمدى، ئەي ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ھارانغا ئاكام لاباننىڭ يېنىغا قېچىپ كېتكىن. ‏44 ئاكاڭنىڭ غەزىپى بېسىلغۇچە ئۇنىڭ قېشىدا تۇرۇپ تۇرغىن. ‏45 ئاكاڭ ئاچچىقىدىن يېنىپ، سېنىڭ ئۇنىڭغا قىلغانلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالغاندا، مەن كىشى ئەۋەتىپ، سېنى ئۇ يەردىن ئالدۇرۇپ كېلىمەن. نېمە ئۈچۈن بىر كۈندە ئىككىلەڭلاردىن تەڭلا ئايرىلىپ قالاي» دېدى. ‏46 ئاندىن كېيىن رىبەقا ئىسئھاققا: «مەن مۇشۇ ھېتىتلاردىن ئالغان خوتۇنلارنىڭ سەۋەبىدىن جېنىمدىن تويۇپ كەتتىم. ئەگەر ياقۇبمۇ بۇ يۇرتتىكى ھېتىتلارنىڭ قىزلىرىدىن بىرىنى خوتۇنلۇققا ئالسا، مېنىڭ ياشىشىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى قالىدۇ؟» دېدى.