ئىسھاقنىڭ گەراردا تۇرۇشى
26
1 ئۇ يەردە ئىبراھىمنىڭ ۋاقتىدىكى ئاۋۋالقى ئاچارچىلىقتىن باشقا يەنە بىر ئاچارچىلىق بولدى. ئىسئھاق گەرار شەھىرىگە، فىلىستىنلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەكنىڭ ئالدىغا باردى. 2 پەرۋەردىگار ئىسئھاققا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «سەن مىسىرغا چۈشمەي، بەلكى مەن ساڭا دەپ بېرىدىغان يەردە تۇرغىن. ■ 3 بۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرساڭ، مەن ساڭا يار بولۇپ، ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلىمەن، چۈنكى بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ۋە ئەۋلادلىرىڭغا بېرىمەن. مەن ئاتاڭ ئىبراھىمغا بەرگەن قەسىمىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، 4 ئەۋلادىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇن قىلىمەن ۋە نەسلىڭگە بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىمەن. يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر سېنىڭ نەسلىڭ ئارقىلىق بەرىكەت تاپىدۇ. 5 چۈنكى ئىبراھىم مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىپ، بۇيرۇغىنىمغا، ئەمرلىرىم ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلدى». 6 شۇنىڭ بىلەن ئىسئھاق گەراردا تۇرۇپ قالدى. 7 ئەمما ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ ئايالى توغرىسىدا ئۇنىڭدىن سورىسا، ئۇ: «بۇ مېنىڭ سىڭلىم بولىدۇ» دېدى. چۈنكى رىبەقا ئىنتايىن چىرايلىق بولغاچقا، ئىسئھاق: «بۇ مېنىڭ ئايالىم بولىدۇ دېسەم، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى رىبەقانىڭ سەۋەبىدىن مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن» دەپ قورقتى. 8 ئىسئھاق ئۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن، بىر كۈنى فىلىستىنلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك دېرىزىدىن قارىسا، مانا، ئىسئھاق ئۆز ئايالى رىبەقا بىلەن كۈلۈشۈپ ئوينىشىۋاتاتتى. 9 ئابىمەلەك ئىسئھاقنى چاقىرىپ: «مانا، ئۇ سېنىڭ ئايالىڭ ئىكەن. نېمە ئۈچۈن سەن: ‹ئۇ مېنىڭ سىڭلىم› دېدىڭ؟» دەپ سورىدى. ئىسئھاق ئۇنىڭغا: «ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلمەي دەپ ئويلاپ، شۇنداق دېگەنىدىم» دېدى. 10 ئابىمەلەك ئۇنىڭغا: «بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ خەلقنىڭ ئىچىدىن بىرى ئايالىڭ بىلەن يېتىۋالغىلى تاس قالدىغۇ! ئۇنداق بولغان بولسا، بىزنى گۇناھقا قويغان بولاتتىڭ ئەمەسمۇ؟» دېدى. 11 ئاندىن كېيىن ئابىمەلەك ھەممە خەلققە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: «كىمكى بۇ كىشىگە ياكى ئۇنىڭ خوتۇنىغا تەگسە، چوقۇم ئۆلتۈرۈلىدۇ» دەپ جاكارلىدى.
12 ئىسئھاق ئۇ زېمىندا دېھقانچىلىق قىلىشقا باشلىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلغاچقا، ئۇ شۇ يىلى بىرگە يۈز ھەسسە ھوسۇل ئالدى. 13 بۇ تەرىقىدە ئۇ باش كۆتۈرۈپ، بارغانسېرى راۋاج تېپىپ، كاتتا كىشى بولۇپ قالدى. 14 ئۇنىڭ قوي-كالا ۋە قۇللىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ كەتكەچكە، فىلىستىنلەر ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىشقا باشلىدى. 15 ئۇلار ئۇنىڭ ئاتىسى ئىبراھىمنىڭ ۋاقتىدا ئاتىسىنىڭ چاكارلىرى كولىغان قۇدۇقلارنىڭ ھەممىسىنى تىندۇرۇپ، توپا بىلەن تولدۇرۇۋەتتى. 16 ئابىمەلەك ئىسئھاققا: «سەن بىزدىن زىيادە كۈچلەندىڭ، شۇڭا ئەمدى ئارىمىزدىن چىقىپ كەتكىن» دېدى. 17 شۇنىڭ بىلەن ئىسئھاق ئۇ يەردىن كېتىپ، گەرار ۋادىسىدا چېدىر تىكىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. 18 ئاندىن ئىسئھاق ئاتىسى ئىبراھىمنىڭ ۋاقتىدا كولىنىپ ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، فىلىستىنلەر تىندۇرۇۋەتكەن قۇدۇقلارنى يەنە كولىتىپ، ئۇلارغا ئاتىسى ئىلگىرى قويغان ئىسىملىرىنى يەنە قويۇپ قويدى. 19 ئىسئھاقنىڭ چاكارلىرى ۋادىدا قۇدۇق كولاۋېتىپ، سۈيى ئېقىپ تۇرىدىغان بىر قۇدۇقنى تېپىۋالدى. 20 لېكىن گەرارنىڭ پادىچىلىرى ئىسئھاقنىڭ پادىچىلىرى بىلەن جېدەللىشىپ: «بۇ سۇ بىزنىڭكىدۇر» دېيىشتى. ئۇلار بۇ توغرىسىدا جېدەللەشكەچكە، ئىسئھاق بۇ قۇدۇقنى ئېسەك دەپ ئاتىدى. ■ 21 ئۇلار يەنە باشقا بىر قۇدۇقنى كولىسا، ئۇلار بۇ توغرىسىدىمۇ جېدەللەشتى. شۇڭا ئىسئھاق ئۇ قۇدۇقنى سىتنا دەپ ئاتىدى. ■ 22 ئاندىن كېيىن ئۇ يەردىن كېتىپ، باشقا يەرگە بېرىپ، ئۇ يەردىمۇ بىر قۇدۇقنى كولىدى، لېكىن بۇ توغرىسىدا جېدەل قىلىشمىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ بۇ قۇدۇقنى رەخوبوت دەپ ئاتاپ: «ئەمدى پەرۋەردىگار بىزگە جاي بەرگەندىن كېيىن، بۇ زېمىندا روناق تاپىمىز» دېدى. ■ 23 ئىسئھاق ئۇ يەردىن چىقىپ، بەئەرشېباغا بارغاندا،
24 پەرۋەردىگار ئۇ كېچىسى ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: «مەن ئاتاڭ ئىبراھىمنىڭ خۇداسىدۇرمەن. سەن قورقمىغىن، چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللە بولۇپ، ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، خىزمەتكارىم ئىبراھىم سەۋەبىدىن ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى كۆپەيتىمەن» دېدى. 25 ئۇ شۇ يەردە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى. ئۇ شۇ يەردە چېدىرىنى تىكتى. ئاندىن كېيىن ئىسئھاقنىڭ چاكارلىرى ئۇ يەردە يەنە بىر قۇدۇقنى كولىدى. 26 ئابىمەلەك بولسا ئۆز دوستى ئاخۇززات ۋە لەشكەربېشى فىكول بىلەن بىللە گەراردىن چىقىپ، ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. 27 ئىسئھاق ئۇلارغا: «مېنى يامان كۆرۈپ، ئاراڭلاردىن قوغلىۋەتكەن تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن يەنە مېنىڭ قېشىمغا كەلدىڭلار؟» دېدى. 28 ئۇلار ئۇنىڭغا: «بىز پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا يار بولغىنىنى ئېنىق كۆرۈپ: ‹سەن ۋە بىز بىر-بىرىمىزگە قەسەم بېرىشەيلى، سەن بىلەن ئەھدە تۈزۈشەيلى، بىز ساڭا قول تەگكۈزمەي، ساڭا ياخشىلىقتىن باشقا ھېچ ئىش قىلماي، سېنى ئامان-ئېسەن يولغا سالغاندەك، 29 سېنىڭمۇ بىزگە زىيان يەتكۈزمەسلىكىڭ توغرىسىدا كېلىشەيلى› دەپ ئويلىدۇق. چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشكەن ئادەمسەن» دېدى. 30 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا بىر زىياپەت بەردى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، 31 ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، قەسەم قىلىشتى. ئاندىن ئىسئھاق ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى ۋە ئۇلار ئۇنىڭ يېنىدىن تىنچ-ئامان كەتتى.
32 شۇ كۈنى ئىسئھاقنىڭ چاكارلىرى كېلىپ، ئۆزلىرى كولىغان قۇدۇق توغرىسىدا ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىپ: «بىز سۇ تاپتۇق» دېدى. 33 ئىسئھاق قۇدۇقنى شېبا دەپ ئاتىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەرنىڭ نامى بۈگۈنكى كۈنگىچە بەئەرشېبا دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ■
ئەساۋنىڭ خوتۇنلىرى
34 ئەساۋ قىرىق يېشىدا ھېتىتلاردىن بولغان بەئەرىنىڭ قىزى يەھۇدىت ۋە ھېتىتلاردىن بولغان ئېلوننىڭ قىزى باسىماتنى خوتۇنلۇققا ئالدى. 35 ئەمما ئۇلار ئىسئھاق بىلەن رىبەقانىڭ باش ئاغرىقىغا ئايلاندى.