ئىبراھىمنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى
25
‏1 ئىبراھىم بولسا قىتۇرا دېگەن يەنە بىر ئايالنى كىچىك خوتۇنلۇققا ئالدى. ‏2 ئۇ ئۇنىڭغا زىمران، يوقشان، مېدان، مىدىيان، ئىشباق ۋە شۇئاھنى تۇغۇپ بەردى. ‏3 يوقشاندىن شېبا ۋە دېدان تۆرەلدى. دېداننىڭ ئەۋلادلىرى ئاشۇرلار، لېتۇشلار ۋە لېئۇملار ئىدى. ‏4 مىدىياننىڭ ئوغۇللىرى بولسا ئېفا، ئېفەر، خانوك، ئابىدا ۋە ئەلدائاھ ئىدى. بۇلار ھەممىسى قىتۇرانىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. ‏5 ئەمما ئىبراھىم پۈتۈن بارلىقىنى ئىسئھاققا بەردى. ‏6 لېكىن دېدەكلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغا ئىبراھىم ھەدىيەلەر بېرىپ، ئۆزى تېخى ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنى ئوغلى ئىسئھاقتىن ئايرىپ، كۈن چىقىش تەرەپكە، شەرقىي زېمىنغا ئەۋەتتى. ‏7 ئىبراھىمنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، بىر يۈز يەتمىش بەش يىل ياشىدى. ‏8 ئىبراھىم كۈنلىرى توشقاندا، ئاخىرقى نەپىسىنى بېرىپ، ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ‏9 ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسئھاق ۋە ئىسمائىل ئۇنى مامرەنىڭ ئۇدۇلىدا ماكپېلا دېگەن يەردە، ھېتىتلاردىن بولغان زوخارنىڭ ئوغلى ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى غارغا دەپنە قىلدى. ‏10 بۇ ئېتىزلىقنى ئىبراھىم خىتنىڭ ئوغۇللىرىدىن سېتىۋالغانىدى. ئايالى ساراھ دەپنە قىلىنغان شۇ يەرگە ئىبراھىممۇ دەپنە قىلىندى.
‏11 ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئوغلى ئىسئھاققا بەرىكەت ئاتا قىلدى. ئىسئھاق بەئەر-لاھايروي دەپ ئاتالغان قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى جايدا ياشايتتى.
 
‏12 ساراھنىڭ مىسىرلىق دېدىكى ھەجەردىن ئىبراھىمغا تۇغۇلغان، ئىبراھىمنىڭ ئوغلى بولغان ئىسمائىلنىڭ نەسلىنىڭ بايانى مۇنداق: ‏13 ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى، ئۇلارنىڭ ئۆز نەسەبنامىسى ۋە قەبىلىلىرى بويىچە تۆۋەندىكىچە: ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نەبايوت، ئۇنىڭدىن كېيىن قېدار، ئادبەئەل، مىبسام، ‏14 مىشما، دۇما، ماسسا، ‏15 خادار، تېما،يېتۇر، نافىش ۋە قېدەما ئىدى. ‏16 ئۇلار ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۆز قەبىلىلىرىگە باشلىق بولغان ئون ئىككى ئەمىر ئىدى. ئۇلارنىڭ كەنت ۋە بارگاھلىرى ئۆز ئىسىملىرى بىلەن ئاتالدى. ‏17 ئىسمائىل بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئاخىرقى نەپىسىنى بېرىپ، ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ‏18 ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى خاۋىلادىن تارتىپ شۇرغىچە بولغان جايغا يەرلەشتى. شۇر بولسا مىسىرغا يېقىن ئاسسۇرغا بارىدىغان يولدا ئىدى. ئۇلار قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراقلاشتى.   
 
ياقۇب ۋە ئەساۋ
‏19 ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسئھاقنىڭ نەسلىنىڭ بايانى مۇنداق: ئىبراھىمدىن ئىسئھاق تۆرەلدى. ‏20 ئىسئھاق قىرىق يېشىدا پاددان-ئارامدا ئولتۇرۇشلۇق ئاراملىق بېتۇئەلنىڭ قىزى، لاباننىڭ سىڭلىسى بولغان رىبەقانى خوتۇنلۇققا ئالدى. ‏21 ئەمما رىبەقا تۇغماس بولغاچقا، ئىسئھاق ئايالى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىدى ۋە ئۇنىڭ ئايالى رىبەقا ھامىلىدار بولدى. ‏22 ئەمما ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ئىككى بالا بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇپ تۇردى. رىبەقا: «نېمىشقا ماڭا بۇنداق بولىدۇ؟» دەپ پەرۋەردىگاردىن سورىدى. ‏23 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سېنىڭ قورسىقىڭدا ئىككى خەلق بار. ئىچىڭدىن ئىككى قەبىلە چىقىدۇ، ئۇلار بىر-بىرىدىن ئايرىلىدۇ. بىر قەبىلە يەنە بىر قەبىلىدىن غالىب كېلىدۇ. چوڭى كىچىكىگە خىزمەت قىلىدۇ» دېدى. ‏24 ئۇنىڭ ئاي-كۈنى توشقاندا، مانا، ئۇنىڭ قورسىقىدا دەرۋەقە قوشكېزەك بار ئىدى. ‏25 ئاۋۋال تۇغۇلغىنى قىزغۇچ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى تۈكلۈك جۇۋىدەك ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا ئەساۋ دەپ ئات قويدى. ‏26 ئاندىن ئىنىسى ئەساۋنىڭ تاپىنىنى قولى بىلەن تۇتقان ھالدا توغۇلدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمى ياقۇب دەپ قويۇلدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا ئىسئھاق ئاتمىش ياشتا ئىدى.   
 
ئەساۋ بىلەن ياقۇب
‏27 بۇ بالىلار ئۆسۈپ چوڭ بولدى. ئەساۋ ئۇستا ئوۋچى بولۇپ، دالادا يۈرەتتى. ياقۇب بولسا ساددا بىر كىشى بولۇپ، چېدىردا ئولتۇراتتى. ‏28 ئىسئھاق دائىما ئەساۋنىڭ ئوۋلاپ كەلگەن گۆشلىرىنى ياقتۇرۇپ يەيتتى، شۇڭا ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى. لېكىن رىبەقا ياقۇبقا ئامراق ئىدى. ‏29 بىر كۈنى ياقۇب شورپا پىشۇرغاندا، ئەساۋ دالادىن ھېرىپ-ئېچىپ كەلدى. ‏30 ئەساۋ ياقۇبقا: «بۇ قىزىل ئاشتىن ماڭىمۇ بەرسەڭچۇ! چۈنكى بەك ھالسىزلىنىپ كەتتىم» دېدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ‹ئېدوم› دەپمۇ ئاتالدى.    ‏31 لېكىن ياقۇب ئۇنىڭغا: «ئۇنداق بولسا، تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقۇڭنى ماڭا سېتىپ بەرگىن» دېدى. ‏32 ئەساۋ: «مانا، ئۆلەي دەپ قالدىم، بۇ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى بار؟» دېدى. ‏33 ياقۇب: «ئەمدى ماڭا قەسەم قىلغىن» دېگەندە، ئۇ ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ، تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىنى ياقۇبقا سېتىپ بەردى. ‏34 ئاندىن ياقۇب ئەساۋغا نان بىلەن قىزىل پۇرچاق شورپىسىنى بەردى. ئۇ يەپ-ئىچىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئەساۋ ئۆز تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىغا شۇنچە سەل قارىغانىدى.