ئىسھاك بىلەن رىبەقا
24
1 ئىبراھىم قېرىپ كەتكەنىدى. پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا ھەممە تەرەپتىن بەرىكەت ئاتا قىلغانىدى. 2 ئىبراھىم ئۆيىدىكى ھەممە مال-مۈلكىنى باشقۇرىدىغان ئەڭ چوڭ خىزمەتكارىغا: «سەن قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويغىن. 3 مەن سېنى ئاسمانلارنىڭ خۇداسى ۋە يەرنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرىمەنكى، سەن مەن ئارىسىدا ياشاۋاتقان كەنئانلارنىڭ قىزلىرىدىن ھەرگىز ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بەرمەيسەن، 4 بەلكى يۇرتۇمغا ئۆز تۇغقانلىرىمنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئوغلۇم ئىسئھاققا خوتۇن ئېلىپ بېرىسەن» دېدى. 5 خىزمەتكارى ئۇنىڭغا: «مۇبادا ئۇ قىز مەن بىلەن بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇنىمىسا، سېنىڭ يۇرتۇڭغا ئوغلۇڭنى قايتۇرۇپ بارايمۇ؟» دېدى. 6 ئىبراھىم ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ئوغلۇمنى ھەرگىز ئۇ يەرگە قايتۇرۇپ ئېلىپ بارمىغىن. 7 مېنى ئاتامنىڭ ئۆيى ۋە تۇغۇلغان يۇرتۇمدىن ئېلىپ چىقىپ، ماڭا سۆز قىلىپ: ‹سېنىڭ ئەۋلادىڭغا بۇ زېمىننى بېرىمەن› دەپ، ماڭا قەسەم قىلىپ بەرگەن ئاسمانلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۆز پەرىشتىسىنى ئالدىڭدا ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇ يەردىن ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بېرەلەيسەن. 8 ئەگەر ئۇ قىز سەن بىلەن بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇنىمىسا، سەن مېنىڭ بۇ قىلدۇرغان قەسىمىمدىن قۇتۇلۇپ قالىسەن. ئەمما ئوغلۇمنى ئۇ يەرگە ھەرگىز قايتۇرۇپ ئاپارمىغىن» دېدى. 9 شۇنىڭ بىلەن خىزمەتكار ئۆز قولىنى خوجايىنى ئىبراھىمنىڭ يوتىسىنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ، بۇ توغرىدا ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ بەردى. 10 ئاندىن كېيىن خىزمەتكار خوجايىنىنىڭ تۆگىلىرىدىن ئون تۆگىنى ۋە خوجايىنىنىڭ ھەر خىل قىممەتلىك بۇيۇملىرىنى ئېلىپ يولغا چىقىپ، ئارام-ناھارايىمدىكى ناھورنىڭ شەھىرىگە باردى. ■ 11 ئۇ كەچقۇرۇن، قىزلارنىڭ سۇ تارتقىلى كېلىدىغان چېغىدا، شەھەرنىڭ سىرتىدا بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلىرىنى چۆكتۈردى. 12 ئۇ دۇئا قىلىپ: «ئەي پەرۋەردىگار، خوجايىنىم ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ساڭا يالۋۇرىمەن. بۈگۈن ئىشىمنى توغرىلاپ، خوجايىنىم ئىبراھىمغا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن. 13 مانا، مەن بۇ يەردە بۇلاقنىڭ بېشىدا تۇرىمەن. شەھەر خەلقىنىڭ قىزلىرى بۇ يەرگە سۇ تارتقىلى كېلىدۇ. 14 ئەمدى شۇنداق بولسۇنكى، مەن قايسى قىزغا: ‹كوزاڭنى چۈشۈرسەڭ، مەن سۇ ئىچىۋالسام› دېسام، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ‹مانا، ئىچكىن. مەن تۆگىلىرىڭنىمۇ سۇغىرىپ قوياي› دېسە، بۇ قىز سەن خىزمەتكارىڭ ئىسئھاققا نېسىپ قىلغىنىڭ بولسۇن. بۇنىڭ بىلەن سېنىڭ خوجايىنىم ئىبراھىمغا مەرھەمەت قىلغىنىڭنى بىلەي» دېدى.
15 ئۇ تېخى سۆزىنى تۈگەتمەستە، مانا، ئىبراھىمنىڭ ئۇكىسى ناھورنىڭ ئايالى مىلكادىن تۇغۇلغان ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى رىبەقا كوزىسىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ كەلدى. 16 بۇ قىز ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، ھېچ ئەر كىشىنى بىلمىگەن پاك قىز ئىدى. ئۇ بۇلاقنىڭ بويىغا چۈشۈپ، كوزىسىنى تولدۇرۇپ يۇقىرىغا چىقتى. 17 خىزمەتكار ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ: «كوزاڭدىن ماڭا ئازغىنا سۇ بەرسەڭ، ئىچىۋالسام» دېدى. 18 ئۇ جاۋاب بېرىپ: «ئىچكىن، ئەي خوجام» دەپ دەرھال كوزىسىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا سۇ ئىچۈرۈپ قويدى. 19 ئۇ ئۇنىڭغا سۇ ئىچۈرۈپ بولۇپ: «تۆگىلىرىڭگىمۇ تويغۇدەك سۇ ئىچۈرۈپ قوياي» دېدى. 20 ئاندىن ئۇ دەرھال كوزىسىدىكى سۇنى ئوقۇرغا قۇيۇۋېتىپ، يەنە بۇلاققا سۇ تارتقىلى يۈگۈرۈپ چۈشۈپ، ئۇنىڭ ھەممە تۆگىلىرى ئۈچۈن سۇ تارتىپ بەردى. 21 ئۇ كىشى ھەيران قېلىپ ئۇنى ئۈن چىقارماي كۆزىتىپ، پەرۋەردىگار يولۇمنى ئوچۇق قىلدىمۇ، قىلمىدىمۇ دەپ، بىلگۈسى كەلدى. 22 تۆگىلەر سۇ ئىچىپ بولغاندا، بۇ كىشى يېرىم شېكەل ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن بۇرۇن ھالقىسى ۋە ئون شېكەل ئېغىرلىقتىكى ئىككى ئالتۇن بىلەزۈكنى چىقىرىپ: ■ 23 «ماڭا ئېيتقىنا، سەن كىمنىڭ قىزى بولىسەن؟ ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە بىزگە قونغىلى جاي بارمۇ؟» دەپ سورىدى. 24 ئۇ ئۇنىڭغا: «مەن مىلكانىڭ ناھورغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى بولىمەن» دېدى. 25 ئۇ يەنە ئۇنىڭغا: «بىزدە سامان ۋە بوغۇز كەڭرى، ساڭا قونغىلى جايمۇ بار» دېدى. 26 شۇئان بۇ ئادەم ئېڭىشىپ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىپ: 27 «خوجايىنىمدىن ئۆز مەرھەمىتىڭنى ۋە ۋاپادارلىقىڭنى ئايىمىغان، خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي! مانا، پەرۋەردىگار مېنى توغرا يولدا يېتەكلەپ، خوجايىنىمنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ باردى» دېدى.
28 قىز يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئانىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردى. 29 رىبەقانىڭ لابان ئىسىملىك بىر ئاكىسى بار ئىدى. لابان بۇلاققا ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ چىقتى. 30 چۈنكى ئۇ بۇرۇن ھالقىسى ۋە سىڭلىسىنىڭ قوللىرىدىكى بىلەزۈكلەرنى كۆرۈپ، سىڭلىسىنىڭ: ‹بۇ ئادەم ماڭا ئۇنداق دېدى، مۇنداق دېدى› دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغانىدى. ئۇ ئادەمنىڭ ئالدىغا بارسا، مانا، ئۇ بۇلاقنىڭ يېنىدا تۆگىلەرنىڭ قېشىدا تۇراتتى. 31 لابان ئۇنىڭغا: «ئەي پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئاتا قىلىنغان ئادەم، كىرگىن. نېمىشقا تاشقىرىدا تۇرىسەن؟ مەن ئۆي تەييارلىدىم، تۆگىلەرگىمۇ جاي ھازىرلىدىم» دېدى. 32 ئۇ ئادەم ئۆيگە كىردى. لابان بولسا تۆگىلەردىن يۈكنى چۈشۈرۈپ، تۆگىلەرگە سامان ۋە ئوت-بوغۇز بېرىپ، ئۇ كىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەنلەرنىڭ پۇتلىرىنى يۇغىلى سۇ ئېلىپ كەلدى. 33 ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا تاماق قويۇلدى. ئەمما ئۇ: «مەن گېپىمنى ئېيتمىغۇچە تاماق يېمەيمەن» دېدى. لابان: « ئۇنداقتا ئېيتقىن» دېدى. 34 ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارىدۇرمەن. 35 پەرۋەردىگار خوجايىنىمغا ناھايىتى كۆپ بەرىكەت ئاتا قىلغاچقا، ئۇ ئۇلۇغ بىر كىشى بولۇپ قالدى. ئۇ ئۇنىڭغا قوي-كالا، ئالتۇن-كۈمۈش، قۇل-دېدەك، تۆگە ۋە ئېشەكلەرنى بەردى. 36 خوجايىنىمنىڭ ئايالى ساراھ بولسا قېرىلىقىدا خوجايىنىمغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. شۇ ئوغلىغا خوجايىنىم پۈتۈن بارلىقىنى ئاتىدى. 37 خوجايىنىم مېنى قەسەم قىلدۇرۇپ: ‹سەن مەن زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان كەنئانلارنىڭ قىزلىرىدىن ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بەرمەيسەن، 38 بەلكى ئاتامنىڭ ئۆيىگە، ئۆز تۇغقانلىرىمنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بېرىسەن› دېدى. 39 مەن خوجايىنىمغا سۆز قىلىپ: ‹ئۇ قىز مەن بىلەن كەلگىلى ئۇنىماسمىكىن› دېسەم، 40 ئۇ ماڭا جاۋاب بېرىپ: ‹مەن يولىدا ماڭغان پەرۋەردىگار ئۆز پەرىشتىسىنى سەن بىلەن ئەۋەتىپ، يولۇڭنى ئوچۇق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەن ئاتامنىڭ جەمەتىدىن بولغان تۇغقانلىرىمنىڭ ئىچىدىن ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بېرەلەيسەن. 41 شۇنداق قىلىپ تۇغقانلىرىمنىڭ قېشىغا يېتىپ بارغىنىڭدا، ئۇلار قىزنى ساڭا بەرمىسە، سەن مەن قىلدۇرغان قەسەمدىن ئازاد بولىسەن. ئۇ تەقدىردە مەن قىلدۇرغان قەسەمدىن قۇتۇلۇپ قالىسەن› دېگەنىدى. 42 شۇڭا مەن بۈگۈن بۇ بۇلاقنىڭ يېنىغا كېلىپ: ‹ئەي پەرۋەردىگار، مېنىڭ خوجايىنىم ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، يولۇمنى ئوچۇق قىلغايسەن. 43 مانا، مەن بۇلاقنىڭ يېنىدا تۇرغىنىمدا سۇ تارتقىلى كەلگەن بىر قىزغا: «كوزاڭدىن ماڭا ئازغىنە سۇ بەرسەڭ، مەن ئىچىۋالسام» دېسەم، 44 ئۇ ماڭا: «سەن ئىچكىن، تۆگىلىرىڭگىمۇ سۇ تارتىپ بېرەي» دەپ جاۋاب بەرسە، بۇ قىز، پەرۋەردىگار ئۆزى خوجايىنىمنىڭ ئوغلىغا نېسىپ قىلغان قىز بولسۇن› دەپ دۇئا قىلغانىدىم. 45 مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى سۆزۈم تېخى تۈگىمىگەندە، مانا، رىبەقا كوزىسىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇلاقنىڭ بويىغا بېرىپ، سۇ تارتتى. مەن ئۇنىڭغا: ‹ماڭا سۇ بەرسەڭ، مەن ئىچىۋالسام› دېسەم، 46 ئۇ دەرھال كوزىسىنى مۈرىسىدىن چۈشۈرۈپ: ‹مانا، ئىچكىن. تۆگىلىرىڭنىمۇ سۇغىرىپ قوياي› دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىچتىم. ئۇ تۆگىلىرىمنىمۇ سۇغىرىپ قويدى. 47 ئاندىن مەن: ‹كىمنىڭ قىزى بولىسەن؟› دەپ سورىسام، ئۇ: ‹مەن ناھورنىڭ مىلكادىن تۇغۇلغان ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى بولىمەن› دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ بۇرنىغا ھالقا، قوللىرىغا بىلەزۈك سېلىپ قويدۇم. 48 ئاندىن مەن ئېڭىشىپ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدىم. خوجايىنىمنىڭ تۇغقىنىنىڭ قىزىنى ئۇنىڭ ئوغلى ئۈچۈن ئېلىپ كەتكىلى يولۇمنى ئوڭ قىلغان، خوجايىنىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتتىم. 49 ئەمدى سىلەر خوجايىنىمغا مەرھەمەت قىلىپ، ئىلتىپات كۆرسەتمەكچى بولساڭلار، بۇنى ماڭا ئېيتىڭلار. ئەمما ئەگەر خالىمىساڭلار، ئۇنىمۇ ماڭا ئېيتىڭلار. شۇنىڭغا قاراپ مەن ئوڭ ياكى سول تەرەپكە بۇرۇلاي». 50 لابان ۋە بېتۇئەل جاۋاب بېرىپ: «بۇ ئىش پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بولغاچقا، ساڭا ياخشى-يامان دېيەلمەيمىز. 51 مانا، رىبەقا ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ. ئۇنى ئېلىپ كەتكىن. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك خوجايىنىڭنىڭ كېلىنى بولسۇن» دېدى.
52 ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارى ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندا يەرگە ئېڭىشىپ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. 53 ئاندىن كېيىن خىزمەتكار ئالتۇن ۋە كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرىنى ۋە كىيىملەرنى چىقىرىپ رىبەقاغا بەردى. ئۇنىڭ ئاكىسى ۋە ئانىسىغىمۇ قىممەت باھالىق ھەدىيەلەر سۇندى. 54 ئاندىن ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يەپ-ئىچىپ، ئۇ يەردە قونۇپ قالدى. ئۇلار ئەتىسى سەھەر تۇرغاندا ئۇ ئۇلارغا: «مېنى يولغا سېلىڭلار، خوجايىنىمنىڭ يېنىغا قايتاي» دېدى. 55 قىزنىڭ ئاكىسى ۋە ئانىسى ئۇنىڭغا: «قىز ئون كۈنچە قېشىمىزدا تۇرسۇن، ئاندىن كېيىن بارسۇن» دېدى. 56 ئەمما ئۇ ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار مېنىڭ يولۇمنى ئوچۇق قىلغان ئىكەن، مېنى توسماڭلار، خوجايىنىمنىڭ يېنىغا بېرىشىم ئۈچۈن ماڭا رۇخسەت بېرىڭلار» دېدى. 57 ئۇلار ئۇنىڭغا: «بىز قىزنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ ئۆزىدىن سورايلى» دەپ، 58 رىبەقانى چاقىرىپ ئۇنىڭدىن: «بۇ ئادەم بىلەن بارامسەن؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «بارىمەن» دەپ جاۋاب بەردى. 59 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىڭلىسى رىبەقا ۋە ئۇنىڭ ئىنىكئانىسىنى، ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارى ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىللە يولغا سالدى. 60 ئۇلار رىبەقاغا خەيرلىك دۇئا قىلىپ: «ئەي سىڭلىمىز، سەن تۈمەنمىڭلارنىڭ ئانىسى بولغايسەن، نەسلىڭ بولسا دۈشمەنلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئىگە بولغاي» دېدى. 61 شۇنىڭ بىلەن رىبەقا ۋە ئۇنىڭ دېدەكلىرى قوزغىلىپ، تۆگىلەرگە مىنىپ، ئۇ كىشىگە ئەگىشىپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ خىزمەتكار رىبەقانى ئېلىپ يولغا راۋان بولدى.
62 ئىسئھاق بەئەر-لاھايروي دېگەن جايدىن يېڭىلا قايتىپ كەلگەنىدى، چۈنكى ئۇ جەنۇبىي زېمىندا تۇراتتى. 63 ئىسئھاق كۈن پېتىش ۋاقتىدا ئويلىنىش ئۈچۈن دالاغا چىققانىدى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، مانا، تۆگىلەر كېلىۋاتاتتى. 64 رىبەقا بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئىسئھاقنى كۆرگەندە دەرھال تۆگىدىن چۈشۈپ، 65 خىزمەتكاردىن: «دالادا بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىۋاتقان ئاۋۇ كىشى كىم؟» دەپ سورىدى. خىزمەتكار: «ئۇ خوجايىنىمدۇر» دېگەندە، رىبەقا دەرھال چۈمبىلىنى ئېلىپ يۈزىنى يېپىۋالدى. 66 خىزمەتكار ھەممە قىلغان ئىشلىرىنى ئىسئھاققا سۆزلەپ بەردى. 67 ئىسئھاق رىبەقانى ئانىسى ساراھنىڭ چېدىرىغا باشلاپ كىردى ۋە ئۇ ئۇنىڭ خوتۇنى بولدى. ئىسئھاق ئۇنى ياخشى كۆردى. بۇ تەرىقىدە ئىسئھاق ئانىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەسەللى تاپتى.