سارەنىڭ ۋاپات بولۇشى ۋە دەپنە قىلىنىشى
23
‏1 ساراھ بىر يۈز يىگىرمە يەتتە يىل ياشىدى. ساراھنىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرى شۇنچىلىك ئىدى. ‏2 ساراھ كەنئان زېمىنىدىكى خېبرون دەپ ئاتالغان قىريات-ئاربادا ۋاپات بولدى. ئىبراھىم كېلىپ، ساراھ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار قىلدى. ‏3 ئىبراھىم ئۆلگەن خوتۇنىنىڭ يېنىدىن تۇرۇپ، خىتنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىپ، ئۇلارغا: ‏4 «مەن ئاراڭلاردا مۇساپىر، مېھماندۇرمەن. سىلەر ئەمدى ئاراڭلاردا ماڭا بىر يەرلىك بەرگەيسىلەر. مەن خوتۇنۇمنىڭ مېيىتىنى دەپنە قىلاي» دېدى. ‏5 خىتنىڭ ئوغۇللىرى ئىبراھىمغا: ‏6 «ئەي خوجام، بىزگە قۇلاق سالغىن. سەن ئارىمىزدا خۇدانىڭ بىر ئەمىرىدۇرسەن. يەرلىكلىرىمىزدىن ئەڭ ياخشىسىنى تاللاپ، شۇ يەردە خوتۇنۇڭنىڭ مېيىتىنى دەپنە قىلغىن. مېيىتىڭنى دەپنە قىلىشىڭ ئۈچۈن، ھېچقايسىمىز يەرلىكىمىزنى سەندىن ئايىمايمىز» دەپ جاۋاب بەردى. ‏7 شۇنىڭ بىلەن، ئىبراھىم تۇرۇپ، ئۇ يەرنىڭ خەلقى بولغان خىتنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا تەزىم قىلىپ، ‏8 ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ: «ئەگەر خوتۇنۇمنىڭ مېيىتىنى ئېلىپ بېرىپ، دەپنە قىلىشىمنى راۋا كۆرسەڭلار، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مەن ئۈچۈن زوخارنىڭ ئوغلى ئەفرونغا ئىلتىماس قىلىپ، ‏9 ئۇنىڭ ئېتىزىنىڭ ئايىغىدىكى ماكپېلا غارىنى ماڭا سېتىپ بېرىشنى سوراڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قەبرىستان قىلىشىم ئۈچۈن ئۇ يەرنى ماڭا تولۇق پۇلغا بەرسۇن» دېدى. ‏10 شۇ چاغدا ئەفرون ھېتىتلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراتتى. ھېتىتلاردىن بولغان ئەفرون ھېتىتلارنىڭ ۋە شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا توپلانغانلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ:    ‏11 «ياق، خوجام، ماڭا قۇلاق سالغىن. مەن بۇ ئېتىزلىقنى ئۇ يەردىكى غار بىلەن قوشۇپ ساڭا بەردىم. ئۇنى ئۆز خەلقىمنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا ساڭا بېرىمەن. مېيىتىڭنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلغىن» دېدى. ‏12 ئىبراھىم ئۇ يەرنىڭ خەلقى ئالدىدا تەزىم قىلىپ، ‏13 ئۇ يەرنىڭ خەلقىنىڭ ئالدىدا ئەفرونغا: «ئەگەر شۇنداق قىلماقچى بولساڭ، ئىلتىماسىمغا قۇلاق سالغايسەن. مەن يەرنىڭ پۇلىنى ساڭا بېرەي، ئۇنى مەندىن قوبۇل قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، مېيىتىمنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلاي» دېدى. ‏14 ئەفرون ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ: ‏15 «ئەي خوجام، ماڭا قۇلاق سالغىن. يەرنىڭ باھاسى تۆت يۈز شېكەل كۈمۈش بولىدۇ. بۇ سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا نېمىكى؟ سەن مېيىتىڭنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلغىن» دېدى.    ‏16 ئىبراھىم ئەفروننىڭ سۆزىگە قوشۇلدى، ئۇنىڭ خىتنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا ئېيتقىنى بويىچە، شۇ چاغدىكى سودىگەرلەر ئىشلىتىدىغان ئۆلچەم بىلەن تۆت يۈز شېكەل كۈمۈشنى ئەفرونغا تارتىپ بەردى. ‏17 بۇ تەرىقىدە مامرەنىڭ ئۇدۇلىدىكى ماكپېلانىڭ يېنىغا جايلاشقان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقى، ئۇ يەردىكى غار، ئېتىزلىقتىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەر بىلەن قوشۇپ، ‏18 خىتنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ۋە ئەفروننىڭ شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا توپلانغانلارنىڭ ئالدىدا ئىبراھىمغا تاپشۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ مۈلكى قىلىندى. ‏19 شۇنىڭدىن كېيىن ئىبراھىم ئايالى ساراھنى كەنئان زېمىنىدا خېبرون دەپ ئاتالغان مامرەنىڭ ئۇدۇلىدىكى ماكپېلانىڭ ئېتىزلىقىدىكى غارغا دەپنە قىلدى. ‏20 بۇ تەرىقىدە ئۇ ئېتىزلىق ۋە ئۇ يەردىكى غار خىتنىڭ ئوغۇللىرى تەرىپىدىن ئىبراھىمنىڭ قەبرىستانلىقى بولسۇن دەپ تايىن قىلىندى.