خۇدانىڭ ئىبراھىمنى سىنىشى
22
‏1 بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن خۇدا ئىبراھىمنى سىناپ، ئۇنىڭغا: «ئەي ئىبراھىم» دېدى. ئىبراھىم: «مانا مەن» دەپ جاۋاب بەردى. ‏2 خۇدا: «سەن ئەمدى سېنىڭ ئامراق يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسئھاقنى ئېلىپ، مورىيا زېمىنىغا بارغىن. ئۇ يەردە مەن ساڭا ئېيتىپ بېرىدىغان تاغلارنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە قۇربان قىلغىن» دېدى. ‏3 ئەتىسى ئىبراھىم سەھەر قوپۇپ، ئېشىكىنى توقۇدى، ئىككى چاكىرىنى ۋە ئىسئھاقنى ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئوتۇن يېرىپ، خۇدا ئۇنىڭغا ئېيتقان يەرگە قاراپ ماڭدى. ‏4 ئۈچىنچى كۈنى ئىبراھىم بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۇ يەرنى يىراقتىن كۆردى. ‏5 ئىبراھىم چاكارلىرىغا: «سىلەر ئېشەك بىلەن بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار. مەن ئۆزۈم بۇ ئوغۇل بىلەن ئۇ يەرگە چىقىپ، ئىبادەت قىلىپ، ئاندىن قايتىپ كېلىمىز» دېدى. ‏6 شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئوتۇنلىرىنى ئېلىپ، ئوغلى ئىسئھاققا كۆتۈرتۈپ، ئۆزى قولىغا ئوت بىلەن پىچاقنى ئالدى، ۋە ئىككىسى بىللە يۈرۈپ كەتتى. ‏7 ئىسئھاق ئاتىسى ئىبراھىمغا: «ئەي ئاتا» دېسە، ئۇ: «مانا مەن، ئوغلۇم» دېدى. ئىسئھاق ئۇنىڭدىن: «مانا، ئوت بىلەن ئوتۇنغۇ بار، ئەمما كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدىغان قوزا قېنى؟» دەپ سورىدى. ‏8 ئىبراھىم: «ئەي ئوغلۇم، خۇدا ئۆزىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى ئۈچۈن قوزىنى ئۆزى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. ئىككىسى بىللە توختىماي مېڭىۋەردى. ‏9 ئۇلار خۇدا ئىبراھىمغا ئېيتقان جايغا يەتكىنىدە، ئىبراھىم بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۈستىگە ئوتۇننى تىزىپ قويۇپ، ئاندىن ئوغلى ئىسئھاقنى باغلاپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىگە ياتقۇزۇپ قويدى. ‏10 ئاندىن ئىبراھىم قولىنى ئۇزىتىپ، ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن پىچاقنى ئالدى. ‏11 ئەمما پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن: «ئەي ئىبراھىم، ئەي ئىبراھىم» دەپ چاقىردى. «مانا مەن» دېدى ئۇ. ‏12 ئۇ ئۇنىڭغا: «سەن ئوغۇلغا قول تەگكۈزمىگىن ۋە ھەم ئۇنىڭغا ھېچنېمە قىلمىغىن. چۈنكى مەن ئەمدى سېنىڭ خۇدادىن قورقۇپ، ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى مەندىن ئايىمىغىنىڭنى بىلدىم» دېدى. ‏13 ئىبراھىم بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، مانا، ئارقىسىدا مۈڭگۈزلىرى چاتقالغا چىرمىشىپ قالغان بىر قوچقارنى كۆردى. ئىبراھىم بېرىپ، قوچقارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى ئوغلىنىڭ ئورنىغا قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈردى. ‏14 ئىبراھىم بۇ جايغا «پەرۋەردىگار يەتكۈزۈپ بەرگۈچىدۇر» دەپ ئات قويدى. شۇنىڭ ئۈچۈن: «پەرۋەردىگارنىڭ تېغىدا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ» دېگەن سۆز بۈگۈنكى كۈنگىچە ئېيتىلىپ كەلمەكتە.    ‏15 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ئىبراھىمنى يەنە چاقىرىپ، ‏16 ئۇنىڭغا: «سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى ئايىماي، بۇ ئىشنى قىلغىنىڭ ئۈچۈن، مەن ئۆزۈم بىلەن قەسەم قىلدىمكى، ‏17 مەن ساڭا كۆپ بەرىكەت ئاتا قىلىمەن، نەسلىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇن قىلىپ، دېڭىزنىڭ ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپەيتىمەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئىگە بولىدۇ.    ‏18 سەن مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالغىنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ نەسلىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر بەرىكەت تاپىدۇ» دېدى. ‏19 ئاندىن كېيىن ئىبراھىم چاكارلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ھەممىسى بىللە بەئەرشېباغا باردى. ئىبراھىم بەئەرشېبادا تۇرۇپ قالدى. ‏20 بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن ئىبراھىمغا: «مانا، مىلكا سېنىڭ ئۇكاڭ ناھورغا ئوغۇللار تۇغۇپ بېرىپتۇ» دېگەن خەۋەر يەتتى. ‏21 ئۇلار: تۇنجىسى ئۇز، ئۇنىڭ ئۇكىسى بۇز، ئاندىن ئارامنىڭ ئاتىسى ئاتالغان كەمۇئەل، ‏22 كەسەد، خازو، پىلداش، يىدلاف ۋە بېتۇئەل ئىدى. ‏23 بېتۇئەلدىن رىبەقا تۆرەلدى. بۇ سەككىزىنى مىلكا ئىبراھىمنىڭ ئۇكىسى ناھورغا تۇغۇپ بەردى. ‏24 ناھورنىڭ رەئۇما دېگەن كىچىك خوتۇنىمۇ ئۇنىڭغا تېباھ، گاھام، تاھاش ۋە مائاكا تۇغۇپ بەردى.