ئىسھاقنىڭ تۇغۇلۇشى
21
1 پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك ساراھنى يوقلىدى ۋە پەرۋەردىگار ساراھقا دېگىنىنى قىلدى. 2 ساراھ ھامىلىدار بولۇپ، ئىبراھىمغا قېرىلىقىدا، خۇدانىڭ ئۇنىڭغا دەپ بەرگەن ۋاقتىدا، بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 3 ئىبراھىم ساراھ ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلىغا ئىسئھاق دەپ ئات قويدى. 4 ئاندىن ئىبراھىم، خۇدا ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك، ئۆز ئوغلى ئىسئھاقنى سەككىز كۈنلۈك بولغىنىدا خەتنە قىلدى. 5 ئوغلى ئىسئھاق تۇغۇلغاندا ئىبراھىم يۈز ياشتا ئىدى. 6 ساراھ بولسا: «خۇدا مېنى كۈلدۈردى. بۇنى ئاڭلىغان ھەربىر كىشى مەن بىلەن تەڭ كۈلۈشىدۇ» دېدى. 7 ئۇ يەنە: «كىممۇ ئىبراھىمغا ساراھ بالا ئېمىتىدىغان بولىدۇ، دەپ ئېيتالايتتى؟ شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ قېرىغاندا مەن ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دېدى. ھەجەر بىلەن ئىسمائىلنىڭ ھەيدىلىشى
8 بۇ بالا چوڭ بولۇپ ئەمچەكتىن ئايرىلدى. ئىسئھاق ئەمچەكتىن ئايرىلغان كۈنى، ئىبراھىم چوڭ بىر زىياپەت ئۆتكۈزدى. 9 ئەمما ساراھ مىسىرلىق ھەجەرنىڭ ئىبراھىمغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلىنىڭ ئىسئھاقنى مەسخىرە قىلغىنىنى كۆرگەندە، 10 ئۇ ئىبراھىمغا: «بۇ دېدەك بىلەن ئوغلىنى ھەيدىۋەتكىن، چۈنكى بۇ دېدەكنىڭ ئوغلى مېنىڭ ئوغلۇم ئىسئھاق بىلەن تەڭ مىراسخور بولسا بولمايدۇ!» دېدى. 11 بۇ سۆز ئىبراھىمغا تولىمۇ ئېغىر كەلدى، چۈنكى ئۇمۇ ئۇنىڭ ئوغلى ئىدى. 12 لېكىن خۇدا ئىبراھىمغا: «ئوغلۇڭ بىلەن دېدىكىڭ توغرىسىدىكى بۇ سۆز ساڭا ئېغىر كەلمىسۇن. ساراھ ساڭا دېگىنىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سالغىن. چۈنكى سېنىڭ نەسلىڭ ئىسئھاقتىن چىقىدۇ. 13 لېكىن دېدەكنىڭ ئوغلىمۇ سېنىڭ نەسلىڭ بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىنمۇ بىر خەلق پەيدا قىلىمەن» دېدى. 14 ئەتىسى ئىبراھىم سەھەر قوپۇپ، نان بىلەن بىر تۇلۇم سۇنى ئېلىپ، ھەجەرنىڭ مۈرىسىگە ئارتىپ، ئۇنى بالىسى بىلەن يولغا سالدى. بۇ تەرىقىدە ئۇ چىقىپ كېتىپ، بەئەرشېبا چۆلىدە تېنەپ يۈردى. 15 ئەمما تۇلۇمدىكى سۇ تۈگەپ كەتكەندە، ئۇ بالىنى بىر چاتقالنىڭ تۈۋىگە تاشلاپ قويۇپ، 16 بالىنىڭ ئۆلۈمىنى كۆرمەي دەپ، بىر ئوق ئېتىمچە يىراق يەرگە بېرىپ ئولتۇردى. ئۇ ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ، ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. 17 ئەمما خۇدا ئوغۇلنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالدى. شۇنداقكى، خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ھەجەرگە: «ئەي ھەجەر، ساڭا نېمە بولدى؟ قورقمىغىن، چۈنكى خۇدا ئوغۇلنىڭ ئاۋازىنى ئۇنىڭ ياتقان جايىدىن ئاڭلىدى. 18 ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇر، ئوغۇلنى ئېلىپ، ئۇنى قولۇڭدا تۇت، چۈنكى مەن ئۇنى چوڭ بىر خەلق قىلىمەن» دېدى. 19 ئاندىن كېيىن خۇدا ئۇنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى. شۇئان ئۇ بىر بۇلاقنى كۆردى. ئۇ بېرىپ تۇلۇمغا سۇ تولدۇرۇپ، ئوغۇلغا ئىچۈردى. 20 خۇدا ئۇ بالىغا يار ئىدى. ئۇ ئۆسۈپ چوڭ بولدى، چۆلدە ياشاپ، مەرگەن بولۇپ يېتىشتى. 21 ئۇ پاران چۆلىدە ياشىدى. ئانىسى مىسىر زېمىنىدىن ئۇنىڭغا بىر خوتۇن ئېلىپ بەردى.
ئىبراھىمنىڭ ئابىمالىك بىلەن ئەھدە قىلىشى
22 ئۇ چاغدا ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ لەشكەربېشى فىكول كېلىپ، ئىبراھىمغا: «ھەممە قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىڭدە خۇدا سەن بىلەن بىللە. 23 ئەمدى سەن بۇ يەردە خۇدانىڭ نامى بىلەن، نە ماڭا، نە بالامغا ۋە نە نەۋرەمگە خىيانەت قىلماسلىققا قەسەم قىلىپ بەرگىن. مەن ساڭا قىلغاندەك، سەنمۇ مېنىڭ ئۆزۈمگە ۋە سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يۇرتقا ياخشىلىق قىلغايسەن» دېدى. 24 ئىبراھىم: «قەسەم قىلىمەن» دېدى. 25 ئاندىن ئىبراھىم ئابىمەلەكنىڭ چاكارلىرى تارتىۋالغان بىر قۇدۇق توغرىسىدا ئابىمەلەككە نارازىلىق بىلدۇردى. 26 ئابىمەلەك: «بۇ ئىشنى كىمنىڭ قىلغىنىنى بىلمەيمەن. سەنمۇ ماڭا بۇ توغرۇلۇق گەپ قىلمىدىڭ. بۈگۈنگىچە بۇنى ھېچ ئاڭلاپ باقمىدىم» دېدى. 27 ئىبراھىم قوي-كالا ئېلىپ، ئابىمەلەككە بەردى. ئاندىن ئىككەيلەن ئەھدە تۈزدى. 28 ئاندىن ئىبراھىم پادىدىن يەتتە چىشى قوزىنى ئايرىپ قويدى. 29 ئابىمەلەك ئىبراھىمدىن: «سەن ئايرىپ قويغان بۇ يەتتە چىشى قوزا نېمە ئۈچۈندۇر؟» دەپ سورىدى. 30 ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «مېنىڭ بۇ قۇدۇقنى كولىغىنىمغا ئىسپات بولۇشى ئۈچۈن بۇ يەتتە چىشى قوزىنى قولۇمدىن ئالغايسەن» دەپ جاۋاب بەردى. 31 بۇ ئىككىسى ئۇ يەردە قەسەم قىلغاچقا، ئۇ جاي بەئەرشېبا دەپ ئاتالدى. ■ 32 شۇ تەرىقىدە ئۇلار بەئەرشېبادا ئەھدە تۈزدى. ئاندىن ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ لەشكەربېشى فىكول قوزغىلىپ، فىلىستىنلەرنىڭ زېمىنىغا قايتىپ كەتتى. 33 ئەمما ئىبراھىم بەئەرشېبادا بىر تۈپ يۇلغۇن دەرىخى تىكىپ، ئۇ يەردە مەڭگۈ ھايات خۇدا بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى. 34 ئىبراھىم خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە فىلىستىنلەرنىڭ زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قالدى.