ئىبراھىم بىلەن گەرارنىڭ پادىشاھى ئابىمالىك
20
‏1 ئىبراھىم ئۇ يەردىن چىقىپ، جەنۇبىي زېمىنغا كۆچۈپ، قادەش بىلەن شۇرنىڭ ئارىسىغا جايلاشتى، كېيىن بىرئاز ۋاقىت گەراردا تۇرۇپ قالدى. ‏2 ئىبراھىم ئۆز ئايالى ساراھ توغرىسىدا: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىم» دېگىنى ئۈچۈن گەرارنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك كىشى ئەۋەتىپ، ساراھنى تارتىۋالدى. ‏3 لېكىن كېچىسى خۇدا ئابىمەلەكنىڭ چۈشىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا: «مانا، سەن ئېلىۋالغان ئايالنىڭ سەۋەبىدىن ئۆلىسەن، چۈنكى ئۇ بىر ئەرنىڭ ئايالىدۇر» دېدى. ‏4 ئەمما ئابىمەلەك تېخى ئۇنىڭغا چېقىلمىغانىدى. ئۇ سۆز قىلىپ: «ئەي ئىگەم، گۇناھسىز بىر خەلقنى ھالاك قىلامسەن؟ ‏5 ئۇ راستتىنلا ئۆزى ماڭا: ‹ئۇ مېنىڭ سىڭلىم› دېگەن ئەمەسمۇ؟ بۇ ئايالمۇ، ئۇنى ‹مېنىڭ ئاكامدۇر› دېگەنىدى. مەن ساپ كۆڭۈل ۋە پاك قول بىلەن بۇنى قىلدىم» دېدى. ‏6 خۇدا چۈشىدە ئۇنىڭغا: «بۇنى ساپ كۆڭۈل بىلەن قىلغىنىڭنى بىلىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سېنى ماڭا گۇناھ قىلىشتىن توسۇپ، ئۇنىڭغا تېگىشىڭگە يول قويمىدىم. ‏7 ئەمدى سەن ئۇ ئادەمگە ئايالىنى قايتۇرۇپ بەرگىن، چۈنكى ئۇ پەيغەمبەر. ئۇ سېنىڭ ھەققىڭدە دۇئا قىلىدۇ ۋە سەن ھايات قالىسەن. ئەگەر ئۇنى قايتۇرۇپ بەرمىسەڭ، بىلىپ قويغىنكى، سەن ھەممە ئادەملىرىڭ بىلەن قوشۇلۇپ ئۆلىسەن» دېدى. ‏8 ئابىمەلەك ئەتىگەن سەھەر قوپۇپ، ھەممە خىزمەتكارلىرىنى چاقىرىپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا ئېيتتى. ئۇلار ناھايىتى قورقۇپ كەتتى. ‏9 ئاندىن كېيىن ئابىمەلەك ئىبراھىمنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: «بىزگە بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ مەن ساڭا نېمە گۇناھ قىلدىم؟ سەن بولساڭ، مەن ۋە پادىشاھلىقىمغا چوڭ گۇناھ كەلتۈرۈپ، ماڭا قىلغۇسىز ئىشنى قىلدىڭ ئەمەسمۇ؟» دېدى. ‏10 ئابىمەلەك ئىبراھىمغا يەنە: «سەن نېمىنى ئويلاپ بۇ ئىشنى قىلدىڭ؟» دېدى. ‏11 ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: «مەن: ‹بۇ يەردە ھېچكىم خۇدادىن قورقمايدىكەن، ئۇلار مېنى ئايالىمنىڭ سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈۋېتەمدىكىن›، دەپ ئويلىغانىدىم. ‏12 ئۇ ئانامنىڭ قىزى بولمىغىنى بىلەن، ئاتامنىڭ قىزى بولغىنى ئۈچۈن ھەقىقەتەن مېنىڭ سىڭلىمدۇر. كېيىن ئۇ مېنىڭ ئايالىم بولدى. ‏13 لېكىن خۇدا مېنى ئاتامنىڭ ئۆيىدىن مۇساپىرلىققا چىقارغىنىدا مەن ئايالىمغا: ‹بىز قەيەرگە بارساق، سەن ماڭا مېھرىبانلىق قىلىپ، مەن توغرۇلۇق: «بۇ مېنىڭ ئاكام» دېگىن› دەپ قويغانىدىم» دېدى. ‏14 بۇنىڭ بىلەن ئابىمەلەك ئىبراھىمغا قوي-كالا، قۇل ۋە دېدەكلەر بېرىپ، ئايالى ساراھنىمۇ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردى. ‏15 ئاندىن ئابىمەلەك: «مانا، مېنىڭ زېمىنىم ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ. كۆزۈڭگە خۇش كۆرۈنگەن يەردە ئولتۇراقلاشقىن» دېدى. ‏16 ئۇ ساراھغىمۇ: «مانا، مەن ئاكاڭغا مىڭ كۈمۈش تەڭگە بەردىم. بۇ سەن ئۈچۈن سېنىڭ چۆرەڭدىكى ھەممە خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا يېپىنچا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممىسىنىڭ ئالدىدا سەن ئاقلانغان بولىسەن» دېدى. ‏17 ئىبراھىم خۇداغا دۇئا قىلغاندىن كېيىن، خۇدا ئابىمەلەك ئايالى ۋە كېنىزەكلىرىنى ساقايتتى ۋە ئۇلار يەنە بالا تۇغىدىغان بولدى. ‏18 چۈنكى پەرۋەردىگار ئىبراھىمنىڭ خوتۇنى ساراھنىڭ سەۋەبىدىن ئابىمەلەكنىڭ ئۆيىدىكى ھەممە ئاياللارنى تۇغماس قىلىپ قويغانىدى.