لوتنىڭ سودوم خاراپ قىلىنغان ۋاقتىدا قۇتقۇزۇلۇشى
19
‏1 ئىككى پەرىشتە ئاخشىمى سودومغا يېتىپ كەلگەندە لوت سودومنىڭ دەرۋازىسىدا ئولتۇراتتى. لوت ئۇلارنى كۆرگىنىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىغا چىقىپ، يۈزى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىلىپ تەزىم قىلىپ: ‏2 «مانا، ئەي غوجىلىرىم، قۇلۇڭلارنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ قونۇپ، پۇتلىرىڭلارنى يۇيۇپ، ئاندىن سەھەر قوپۇپ يولۇڭلارغا راۋان بولۇڭلار» دېدى. لېكىن ئۇلار: «ياق، بىز كوچىدا كەچلەيمىز» دېدى. ‏3 ئەمما ئۇ ئۇلارنى بەكلا زورلاپ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بېرىپ ئۆيىگە كىردى. ئۇ ئۇلارغا تاماق تەييارلاپ، پېتىر نان پىشۇرۇپ بەردى، ئۇلار يېدى.
‏4 ئەمما ئۇلار تېخى ياتمىغاندا، مەيلى ياش ياكى قېرى بولسۇن، شەھەرنىڭ كىشىلىرىنىڭ، يەنى سودومنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى مەھەللىدىن چىقىپ كېلىپ ئۆينى قورشىۋالدى. ‏5 ئۇلار لوتنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «بۈگۈن كېچە سېنىڭكىگە كىرگەن كىشىلەر قېنى؟ ئۇلارنى بىزگە چىقىرىپ بەرگىن. بىز ئۇلار بىلەن بىللە بولماقچى» دېدى. ‏6 لوت سىرتقا، ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقتى. ئۇ كەينىدىن ئىشىكنى تاقاپ، ‏7 «ئەي بۇرادەرلەر، مۇنداق يامانلىقنى قىلماڭلار. ‏8 مانا تېخى ھېچ ئەر كىشى بىلەن بىللە بولمىغان ئىككى قىزىم بار. ئۇلارنى سىلەرگە چىقىرىپ بېرەي. ئۇلار بىلەن خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار. ئەمما بۇ ئادەملەرگە چېقىلماڭلار، چۈنكى ئۇلار ئۆگزەمنىڭ سايىسى ئاستىغا كىردى» دېدى. ‏9 لېكىن ئۇلار: «سەن نېرى تۇر! بۇ يەرگە مۇساپىر بولۇپ ياشاشقا كەلگەن بۇ كىشى ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ! ئەمدى ئۇلارغا قىلماقچى بولغانلىرىمىزدىن يامانراقىنى ساڭا قىلىمىز» دېيىشىپ لوتنى قاتتىق قىستاپ، ئىشىكنى بۇزۇش ئۈچۈن يېقىنلاشتى. ‏10 ئەمما ئۇ ئىككى كىشى قوللىرىنى ئۇزىتىپ، لوتنى ئۆي ئىچىگە ئۆز يېنىغا تارتىۋېلىپ، ئىشىكنى تاقىدى. ‏11 ئاندىن ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى ئادەملەرنى، چوڭ-كىچىكلىرىنىڭ ھەممىسى كورلۇققا مۇپتىلا قىلدى. شۇنداقكى، ئۇلار ئىشىكنى تاپالماي ھېرىپ كەتتى. ‏12 ئاندىن كېيىن ئۇ ئىككى كىشى لوتقا: «بۇ يەردە سېنىڭ يەنە كىمىڭ بار؟ كۈيئوغلۇڭ، ئوغۇل-قىزلىرىڭ ياكى شەھەردە باشقا كىملىرىڭ بار بولسا ئۇلارنى بۇ يەردىن ئېلىپ چىقىپ كەتكىن. ‏13 چۈنكى بىز بۇ يەرنى ۋەيران قىلىمىز. ئۇلار توغرۇلۇق كۆتۈرۈلگەن پەرياد پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن چوڭ بولغاچ، پەرۋەردىگار بىزنى ئۇنى ۋەيران قىلىشقا ئەۋەتتى» دېدى.
‏14 شۇنىڭ بىلەن لوت تاشقىرىغا چىقىپ، قىزلىرىغا ئۆيلىنىدىغان بولغۇسى كۈيئوغۇللىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، بۇ يەردىن تېز چىقىپ كېتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى ۋەيران قىلماقچى» دېدى. ئەمما ئۇنىڭ سۆزى كۈيئوغۇللىرىغا چاقچاقتەك تۇيۇلدى. ‏15 تاڭ ئاتقاندا پەرىشتىلەر لوتنى ئالدىرىتىپ: «ئەمدى قوپۇپ، ئۆز ئايالىڭ ۋە قېشىڭدىكى ئىككى قىزىڭنى ئېلىپ، بۇ يەردىن چىقىپ كەتكىن. بولمىسا شەھەرنىڭ بۇزۇقچىلىقى سەۋەبىدىن سىلەرمۇ ھالاك بولىسىلەر» دېدى. ‏16 لوت ئارىسالدى بولۇپ تۇرغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا رەھىم قىلغاچقا، ئۇ ئىككى كىشى لوتنىڭ، ئايالىنىڭ ۋە ئىككى قىزىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا يول باشلاپ، ئۇنى شەھەردىن چىقىرىپ قويدى. ‏17 ئۇلارنى چىقارغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ بىرىسى: «سەن جېنىڭنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قاچقىن. كەينىڭگە قارىمىغىن، تۈزلەڭلىكنىڭ ھېچبىر يېرىدىمۇ توختىماي، تاغقا قاچقىن. بولمىسا ھالاك بولىسەن» دېدى. ‏18 لوت ئۇلارغا: «ئەي غوجام، ئۇنداق بولمىغاي. ‏19 مانا، قۇلۇڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپتى. سەن جېنىمنى قۇتقۇزۇپ، ماڭا چوڭ مەرھەمەت كۆرسەتتىڭ. ئەمما مەن تاغقا قاچالمايمەن. ئۇنداق قىلسام، ئاپەت ماڭا يېتىشىپ كېلىپ ئۆلۈپ كېتىمەن. ‏20 مانا، بۇ شەھەر قېچىش ئۈچۈن يېقىن، ھەم ئۇ كىچىك بىر شەھەر. ئىجازەت بەرسەڭ، ئۇ يەرگە قېچىپ كېتەي. ئۇ كىچىك بىر يەر ئەمەسمۇ؟ شۇ يەردە جېنىم قۇتۇلۇپ قالىدۇ» دېدى. ‏21 پەرىشتە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «خەير، بۇ توغرىسىدىمۇ مەن سېنىڭ خاتىرەڭنى قىلىپ، سەن ئېيتقان شەھەرنى ۋەيران قىلماي قوياي. ‏22 ئەمدى ئۇ يەرگە تېزدىن قېچىپ بارغىن، چۈنكى سەن ئۇ يەرگە يېتىپ بارمىغۇچە مەن ھېچ ئىش قىلالمايمەن» دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ شەھەر زوئار دەپ ئاتالدى.    ‏23 يەر يۈزىگە قۇياش كۆتۈرۈلگەندە لوت زوئارغا كىردى.
‏24 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئۆز يېنىدىن ئاسماندىن سودوم بىلەن گوموررانىڭ ئۈستىگە گۈڭگۈرت بىلەن ئوت ياغدۇرۇپ، ‏25 بۇ شەھەرلەرنى، پۈتۈن تۈزلەڭلىكنى ۋە پۈتۈن ئاھالىسىنى يەردىن ئۈنگەنلىرى بىلەن قوشۇپ ۋەيران قىلىۋەتتى. ‏26 لېكىن لوتنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغان ئايالى كەينىگە قاراپ، بىر تۇز تۈۋرۈكىگە ئايلىنىپ قالدى.
 
‏27 ئەتىسى سەھەر ئىبراھىم قوپۇپ، ئىلگىرى ئۆزى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان جايغا باردى. ‏28 ئۇ سودوم بىلەن گوموررا تەرەپكە ۋە پۈتۈن تۈزلەڭلىككە نەزەر سېلىپ قارىسا، مانا، يەردىن خۇمداننىڭ تۈتۈنىدەك بىر تۈتۈننىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ‏29 خۇدا ئۇ تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەرنى ۋەيران قىلغىنىدا، ئىبراھىمنى يادىغا كەلتۈرۈپ، لوت تۇرغان شەھەرلەرنى يوق قىلغىنىدا لوتنى بۇ بالايىئاپەتنىڭ ئىچىدىن چىقىرىپ قۇتقۇزدى.
 
لوت ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى
‏30 لوت بولسا زوئار شەھىرىدە تۇرۇشتىن قورققاچقا، زوئاردىن كېتىپ تاغقا چىقىپ، ئىككى قىزى بىلەن ئۇ يەردە ماكانلاشتى. ئۇ ئىككى قىزى بىلەن بىر غاردا تۇرۇپ قالدى. ‏31 چوڭ قىزى كىچىكىگە: «ئاتىمىز قېرىپ كەتتى. پۈتۈن دۇنيانىڭ قائىدە-يوسۇنى بويىچە بۇ يەردە بىز بىلەن بىللە بولغۇدەك ھېچ ئەر كىشى قالمىدى. ‏32 كەل، ئاتىمىزغا شاراب ئىچۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتايلى. شۇنداق قىلىپ، ئاتىمىزنىڭ ئۇرۇق-پۇشتىنى ساقلاپ قالايلى» دېدى. ‏33 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ كېچىدە ئاتىسىغا شاراب ئىچۈرۈپ قويدى ۋە چوڭى كىرىپ ئاتىسى بىلەن بىللە ياتتى. لېكىن لوت ئۇنىڭ كىرىپ ياتقىنىنىمۇ، قوپۇپ كەتكىنىنىمۇ سەزمىدى. ‏34 ئەتىسى چوڭ قىزى كىچىكىگە: «مانا، ئۆتكەن كېچە ئاتام بىلەن مەن بىللە ياتتىم. بۇ كېچىمۇ ئۇنىڭغا يەنە شاراب ئىچۈرۈپ قويايلى. ئەمدى سەن كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتقىن. شۇنداق قىلىپ، بىز ئاتىمىزنىڭ ئۇرۇق-پۇشتىنى ساقلاپ قالايلى» دېدى. ‏35 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئۇ كېچىدىمۇ ئاتىسىغا شاراب ئىچۈرۈپ قويدى ۋە كىچىك قىزى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى. ئەمما لوت ئۇنىڭ كېلىپ ياتقىنىنىمۇ، قوپۇپ كەتكىنىنىمۇ سەزمىدى. ‏36 بۇ تەرىقىدە لوتنىڭ ئىككىلا قىزى ئۆز ئاتىسىدىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى. ‏37 چوڭ قىزى بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا موئاب دەپ ئات قويدى. ئۇ بۈگۈنكى موئابىيلارنىڭ ئاتىسىدۇر.    ‏38 كىچىك قىزىمۇ بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا بەن-ئاممى دەپ ئات قويدى. ئۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئاممونىيلارنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.