خۇدا ئىسھاق توغرىسىدىكى ۋەدىنى تەكرارلايدۇ
18
1 ئىبراھىم كۈننىڭ ئەڭ ئىسسىق ۋاقتىدا ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە ئولتۇرۇۋاتقاندا، پەرۋەردىگار مامرەدىكى دۇب دەرەخلىكىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا كۆرۈندى. 2 ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، مانا، ئالدىدا ئۈچ كىشى تۇرۇپتۇ. ئۇلارنى كۆرگەندە، ئۇ چېدىرىنىڭ ئىشىكىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ، يەرگە ئېگىلىپ تەزىم قىلىپ: 3 «ئەي ئىگەم، ئەگەر مەن كۆزۈڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، سەندىن ئۆتۈنەيكى قۇلۇڭدىن ئايرىلىپ كەتمىگەيسەن. 4 ئازغىنە سۇ كەلتۈرۈلسۇن. سىلەر پۇتلىرىڭلارنى يۇيۇپ، دەرەخ تۈۋىدە ئارام ئېلىڭلار. 5 سىلەر قۇلۇڭلارنى يوقلاپ ئۆتكەن ئىكەنسىلەر، مەن بىر ئاز نان بولسىمۇ ئېلىپ كېلەي. سىلەر ئارام ئېلىپ، ئاندىن كېيىن كەتكەيسىلەر» دېدى. ئۇلار جاۋاب بېرىپ: «ئېيتقىنىڭدەك بولسۇن» دېدى. 6 ئىبراھىم چېدىرىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ساراھقا: «دەرھال ئۈچ كۈرە ئېسىل ئۇن ئېلىپ، خېمىر يۇغۇرۇپ، توقاچ پىشۇرغىن» دېدى. ■ 7 ئاندىن ئىبراھىم پادىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر ئوبدان سېمىز موزاينى ئېلىپ، بىر چاكىرىغا بەردى. ئۇ دەرھال ئۇنى تەييارلاشقا باشلىدى. 8 ئاندىن ئىبراھىم قايماق، سۈت ۋە موزاينىڭ گۆشىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى. ئۇلار تاماق يەۋاتقاندا، ئۇ دەرەخ تۈۋىدە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇردى. 9 ئۇلار ئۇنىڭدىن: «ئايالىڭ ساراھ قەيەردە؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «مانا، چېدىردا» دەپ جاۋاب بەردى. 10 ئۇ ئۇنىڭغا: «كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا مەن چوقۇم قايتىپ كېلىمەن. مانا، شۇ چاغدا ئايالىڭ ساراھنىڭ بىر ئوغلى بولىدۇ» دېدى. ساراھ ئۇنىڭ كەينىدىكى چېدىرنىڭ ئىشىكىدە تۇرۇپ، بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالدى. 11 ئىبراھىم بىلەن ساراھ ئىككىلىسى قېرىپ كەتكەچكە، ساراھنىڭ ئاياللاردىكى ئادەت كۆرۈشى توختاپ قالغانىدى. 12 شۇڭا ساراھ ئۆز ئىچىدە كۈلۈپ: «راستتىنلا مەن شۇنچە قېرىپ كەتكەن تۇرۇقلۇق، لەززەت تاپامدىمەن؟ خوجايىنىممۇ قېرىپ كەتتى ئەمەسمۇ؟» دەپ ئويلىدى. 13 پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا: «ساراھ نېمىشقا: ‹مەن قېرىپ قالغاندا راستتىنلا بالا تۇغامدىمەن؟› دەپ كۈلدى؟ 14 پەرۋەردىگار ئۈچۈن مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولامدۇ؟ كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا قايتىپ كېلىمەن. ئۇ چاغدا ساراھنىڭ بىر ئوغلى بولىدۇ» دېدى. 15 ئەمما ساراھ قورقۇپ كەتكەچكە: «كۈلمىدىم» دەپ ئىنكار قىلدى. لېكىن ئۇ: «ياق، سەن كۈلدۈڭ» دېدى.
ئىبراھىم خۇداغا سودوم ئۈچۈن يالۋۇرىدۇ
16 ئاندىن كېيىن بۇ كىشىلەر ئۇ جايدىن قوزغىلىپ، سودوم تەرەپكە يۈزلەندى. ئىبراھىممۇ ئۇلارنى ئۇزاتقىلى ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى. 17 پەرۋەردىگار ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق دېدى: «مەن قىلىدىغان ئىشىمنى ئىبراھىمدىن يوشۇرسام بولمايدۇ. 18 چۈنكى ئىبراھىمدىن چوڭ ۋە قۇۋۋەتلىك بىر خەلق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، يەر يۈزىدىكى بارچە خەلقلەر ئۇ ئارقىلىق بەرىكەت تاپىدۇ. 19 مەن ئۇنى ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋە ئۆزىدىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلىشنى ئۆگەتسۇن دەپ تاللىدىم. بۇنىڭ بىلەن مەن، پەرۋەردىگار، ئىبراھىمغا قىلغان ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن». 20 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار: «سودوم ۋە گوموررا توغرۇلۇق كۆتۈرۈلگەن پەرياد كۈچلۈك ۋە گۇناھلىرى ناھايىتى ئېغىر بولغىنى ئۈچۈن، 21 مەن ئەمدى چۈشۈپ، قىلمىشلىرى توغرۇلۇق ماڭا يەتكەن پەريادلارنىڭ ھەقلىق ياكى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ ئېنىقلاي» دېدى. 22 ئاندىن بۇ كىشىلەر ئۇ يەردىن قوزغىلىپ، سودوم تەرەپكە يول ئالدى. ئەمما ئىبراھىم تېخىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. 23 ئىبراھىم يېقىنراق بېرىپ: «سەن راستتىنلا ھەققانىيلارنى يامانلار بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلامسەن؟ 24 شەھەردە ئەللىك ھەققانىي كىشى بار بولسا، سەن راستتىنلا ئۇ جاينى ۋەيران قىلامسەن؟ ئۇ يەردىكى ئەللىك ھەققانىي كىشى ئۈچۈن جاينى ساقلاپ قالمامسەن؟ 25 ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايسەن! سەن ھەرگىز ھەققانىيلارنى يامانلارغا قوشۇپ ھالاك قىلىپ، ھەققانىيلارنى يامانلار بىلەن تەڭ كۆرمەيسەن. پۈتۈن جاھاننىڭ ھاكىمى ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلمامدۇ؟» دېدى. 26 پەرۋەردىگار: «ئەگەر مەن سودوم شەھىرىدە ئەللىك ھەققانىي كىشىنى تاپسام، ئۇلار ئۈچۈن پۈتۈن جاينى ساقلاپ قالىمەن» دەپ جاۋاب بەردى. 27 ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: «مانا، مەن توپا ۋە كۈلدىن ئىبارەت بولساممۇ، ئىگەم بىلەن سۆزلىشىشكە جۈرئەت قىلدىم. 28 مۇبادا ئەللىك ھەققانىيدىن بەش كىشى كەم بولسا، راستتىنلا سەن بۇ بەش كىشىنىڭ كەم بولغىنى ئۈچۈن پۈتۈن شەھەرنى يوقىتامسەن؟» دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: «ئەگەر مەن ئۇ يەردە قىرىق بەشنى تاپساممۇ، ئۇنى ۋەيران قىلمايمەن» دېدى. 29 ئىبراھىم ئۇنىڭغا يەنە: «مۇبادا ئۇ يەردە قىرىق كىشى تېپىلسىچۇ؟» دېدى. پەرۋەردىگار: «بۇ قىرىق كىشى ئۈچۈن ئۇنى ۋەيران قىلمايمەن» دېدى. 30 ئۇ يەنە: «ئەي ئىگەم، خاپا بولمىساڭ، مەن يەنە بىر سۆز قىلاي. مۇبادا ئۇ يەردە ئوتتۇزى تېپىلسىچۇ؟» دېدى. پەرۋەردىگار: «ئەگەر مەن ئۇ يەردە ئوتتۇزنى تاپساممۇ، ئۇنى ۋەيران قىلمايمەن» دېدى. 31 ئىبراھىم يەنە سۆزلەپ: «مانا، ئەمدى مەن يەنە ئىگەمگە سۆزلىگىلى جۈرئەت قىلدىم. مۇبادا ئۇ يەردە يىگىرمىسى تېپىلسىچۇ؟» دېدى. پەرۋەردىگار: «بۇ يىگىرمىسى ئۈچۈن ئۇنى ۋەيران قىلمايمەن» دېدى. 32 ئاخىرىدا ئىبراھىم: «ئەي ئىگەم، خاپا بولمىساڭ، پەقەت يەنە بىرلا قېتىم سۆز قىلاي. مۇبادا ئۇ يەردە ئونى تېپىلسىچۇ؟» دېدى. پەرۋەردىگار يەنە: «مەن ئونى ئۈچۈن ئۇنى ۋەيران قىلمايمەن» دېدى. 33 پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، يولىغا راۋان بولدى. ئىبراھىم بولسا ئۆز جايىغا قايتتى.