ئەھدە بەلگىسى – خەتنە
17
1 ئابرام توقسان توققۇز ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ: «مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ، كامىل بولغىن. 2 مەن سەن بىلەن ئەھدەمنى تۈزۈپ، سېنىڭ ئەۋلادىڭنى ناھايىتى كۆپەيتىمەن» دېدى. 3 ئابرام ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ بېشىنى ئەگدى. خۇدا ئۇنىڭغا يەنە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 4 «مانا، مېنىڭ سەن بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم شۇكى: سەن نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ئاتىسى بولىسەن. 5 شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بۇندىن كېيىن ئابرام دەپ ئاتالمايسەن، بەلكى ئىسمىڭ ئىبراھىم بولىدۇ. چۈنكى مەن سېنى نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ئاتىسى قىلىمەن. ■ 6 مەن سېنى ناھايىتى بەرىكەتلىك قىلىمەن. شۇنداقكى، سەندىن نۇرغۇن خەلقلەر يارىتىمەن، پۇشتۇڭدىن پادىشاھلار چىقىدۇ. 7 مەن بىر مەڭگۈلۈك ئەھدە بولسۇن دەپ ئۆزۈم بىلەن سەن ۋە سەندىن كېيىن كېلىدىغان نەسلىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەھدەمدە تۇرىمەن. مەن سېنىڭ ۋە سەندىن كېيىن كېلىدىغان نەسلىڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن. 8 مەن ساڭا ۋە سەندىن كېيىن كېلىدىغان نەسلىڭگە ئۆزۈڭ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان زېمىننى ئاتا قىلىپ، پۈتكۈل كەنئان زېمىنىنى مەڭگۈگە مۈلۈك قىلىپ بېرىمەن. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن». 9 ئاندىن كېيىن خۇدا ئىبراھىمغا يەنە مۇنداق دېدى: «سەن مېنىڭ ئەھدەمگە ۋاپا قىلغىن، سەن ۋە سەندىن كېيىن كېلىدىغان نەسلىڭمۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا بۇ ئەھدىگە رىئايە قىلىڭلار. 10 سىلەرنىڭ رىئايە قىلىشىڭلار كېرەك بولغان، مەن بىلەن سىلەرنىڭ ۋە سەندىن كېيىن كېلىدىغان نەسلىڭنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەھدەم شۇكى، ئاراڭلاردىكى ھەر ئەركەك خەتنە قىلىنسۇن. ■ 11 شۇنداقكى، خەتنە تېرىڭلارنى كېسىڭلار. بۇ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردىكى ئەھدىنىڭ بەلگىسى بولسۇن. 12 نەسىلدىن-نەسىلگە ئاراڭلاردا، مەيلى ئۆيۈڭدە تۇغۇلغان بولسۇن ياكى ئەۋلادلىرىڭدىن بولماي، ياتلاردىن پۇلغا ئېلىنغان بالا بولسۇن، ھەربىر سەككىز كۈنلۈك ئوغۇل بالا خەتنە قىلىنسۇن. 13 ئۆيۈڭدە تۇغۇلغان بولسۇن، پۇلغا ئېلىنغان بولسۇن، ھەممىسى چوقۇم خەتنە قىلىنسۇن. بۇ تەرىقىدە مېنىڭ ئەھدەم بەدىنىڭلارغا ئويۇلۇپ، مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە بولسۇن. 14 لېكىن خەتنە تېرىسى كېسىلمىگەن، خەتنە قىلىنمىغان ھەربىر ئەركەك مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزغاچقا، ئۆز خەلقىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ». ئىسھاقنىڭ تۇغۇلۇشى توغرىسىدىكى ۋەدە
15 خۇدا ئىبراھىمغا يەنە سۆز قىلىپ: «ئايالىڭ ساراينى بۇندىن كېيىن ساراي دەپ ئاتىمايسەن، ئەمدى ئۇنىڭ ئىسمى ساراھ بولىدۇ. ■ 16 مەن ئۇنىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭدىنمۇ ساڭا بىر ئوغۇل بېرىمەن. ھەقىقەتەن، مەن ئۇنىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلىمەن. شۇنداقكى، ئۇ خەلقلەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ ۋە ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭدىن چىقىدۇ» دېدى. 17 ئىبراھىم ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ بېشىنى ئەگدى. ئۇ كۈلۈپ، كۆڭلىدە: «راستتىنلا يۈز ياشقا كىرگەن ئادەمنىڭ بالىسى بولامدۇ؟ توقسان ياشقا كىرگەن ساراھ بالا تۇغامدۇ؟» دېدى. 18 ئىبراھىم خۇداغا: «كاشكى ئىسمائىل سېنىڭ ئالدىڭدا ياشىسا ئىدى!» دېدى. 19 خۇدا ئۇنىڭغا: «ياق، بەلكى ئايالىڭ ساراھ ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. سەن ئۇنىڭغا ئىسئھاق دەپ ئات قويغىن. مەن ئۇنىڭ بىلەن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان نەسىل بىلەن ئەھدەمنى تۈزىمەن. بۇ مەڭگۈلۈك ئەھدە بولىدۇ. ■ 20 ئەمما ئىسمائىل توغرىسىدىكى دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. مانا، مەن ئۇنىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، پەرزەنت بېرىپ، ئۇنىڭ نەسلىنى ناھايىتى كۆپەيتىمەن. ئۇنىڭ پۇشتىدىن ئون ئىككى ئەمىر تۆرىلىدۇ. مەن ئۇنى چوڭ بىر خەلق قىلىمەن. 21 ئەمما ئەھدەمنى ساراھ كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا ساڭا تۇغۇپ بېرىدىغان ئىسئھاق بىلەن تۈزىمەن» دېدى. 22 خۇدا ئىبراھىمغا سۆز قىلىپ بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىن يۇقىرى چىقىپ كەتتى.
23 ئاندىن كېيىن ئىبراھىم، خۇدا ئۇنىڭغا بۇيرۇغاندەك، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئۆز ئوغلى ئىسمائىل، ئۆز ئۆيىدە تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى ۋە پۇلغا ئالغانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنى ئۆز ئۆيىدىكى ھەممە ئەر كىشىلەرنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ خەتنە تېرىسىنى كېسىپ ئۇلارنى خەتنە قىلدى. 24 ئىبراھىم خەتنە قىلىنغاندا، توقسان توققۇز ياشتا ئىدى. 25 ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىل خەتنە تېرىسى كېسىلىپ، خەتنە قىلىنغاندا ئون ئۈچ ياشتا ئىدى. 26 ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىل شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە خەتنە قىلىندى. 27 شۇنداقلا، مەيلى ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغانلار ياكى ياتتىن پۇلغا ئېلىنغانلار بولسۇن، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ھەممە ئەر كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە خەتنە قىلىندى.