ھەجەر بىلەن ئىسمائىل
16
‏1 بىراق ئابرامنىڭ ئايالى ساراي ئۇنىڭغا ھېچ بالا تۇغۇپ بەرمىدى، لېكىن ئۇنىڭ ھەجەر ئىسىملىك مىسىرلىق بىر دېدىكى بار ئىدى. ‏2 ساراي ئابرامغا: «مانا، پەرۋەردىگار مېنى تۇغماس قىلىپ قويغان. ئەمدى سەن مېنىڭ دېدىكىم بىللە بول. بەلكىم ئۇ ئارقىلىق ئەۋلادىم بولار» دېدى. ئابرام بولسا ساراينىڭ سۆزىگە ئۇنىدى. ‏3 ئابرام كەنئان زېمىنىدا ئون يىل تۇرغاندىن كېيىن ئابرامنىڭ ئايالى ساراي مىسىرلىق دېدىكى ھەجەرنى ئېلىپ، ئۇنى ئۆز ئېرى ئابرامغا كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. ‏4 ئۇ ھەجەر بىلەن بىللە بولدى ۋە ئۇ ھامىلىدار بولدى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغىنىنى كۆرگەندە، ئۆز خانىمىنى كۆزگە ئىلماي قويدى. ‏5 ساراي ئابرامغا: «بۇ زۇلۇم سېنىڭ سەۋەبىڭدىن بېشىمغا كەلدى. مەن دېدىكىمنى قۇچىقىڭغا سېلىپ بەردىم. ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغىنىنى كۆرگەندە، مېنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولدى. پەرۋەردىگار سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ھۆكۈم چىقارسۇن» دېدى. ‏6 ئەمما ئابرام سارايغا: «مانا، دېدىكىڭ ئۆز قولۇڭدىدۇر. ئۇنىڭغا نېمە قىلىشنى خالىساڭ، ئۆز ئىختىيارىڭدا» دېدى. بۇنىڭ بىلەن ساراي ئۇنىڭغا قاتتىقلىق قىلىشقا باشلىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئۇنىڭ يېنىدىن قېچىپ كەتتى.
‏7 ئەمما پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنى چۆلدىكى بىر بۇلاقنىڭ، يەنى شۇر يولىنىڭ بويىدىكى بۇلاقنىڭ بېشىدا كۆرۈپ،    ‏8 «ئەي ساراينىڭ دېدىكى ھەجەر، قەيەردىن كەلدىڭ، قەيەرگە بارىسەن؟» دەپ سورىدى. ھەجەر: «مەن ئۆز خانىمىم ساراينىڭ يېنىدىن قېچىپ كەلدىم» دەپ جاۋاب بەردى. ‏9 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: «خانىمىڭنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ قول ئاستىغا تاپشۇرغىن» دېدى. ‏10 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا يەنە: «مەن سېنىڭ نەسلىڭنى شۇنداق كۆپەيتىمەنكى، كۆپلۈكىدىن ئۇنى سانىغىلى بولمايدۇ» دېدى. ‏11 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: «مانا، سەن ھامىلىدار بولدۇڭ. سەن بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا ئىسمائىل دەپ ئات قويىسەن، چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ دەرد-ئازابىڭنى ئاڭلىدى.    ‏12 بۇ ئوغۇل ياۋا ئېشەكتەك بىر ئادەم بولىدۇ. ئۇنىڭ قولى ھەر كىشىگە قارشى بولىدۇ، ھەر كىشىنىڭ قولىمۇ ئۇنىڭغا قارشى بولىدۇ. ئۇ ھەممە قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرىدۇ» دېدى.    ‏13 ھەجەر ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرۋەردىگارنى: «مېنى كۆرگۈچى خۇدا» دەپ ئاتاپ، «مانا، مەن مۇشۇ يەردە مېنى كۆرگۈچى خۇدانى كۆردۈم!» دېدى.    ‏14 شۇڭا ئۇ بۇلاققا بەئەر-لاھايروي دەپ ئات قويۇلدى. بۇ بۇلاق قادەش بىلەن بەرەد شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى.    ‏15 ھەجەر ئابرامغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئابرام ھەجەر ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلىغا ئىسمائىل دەپ ئات قويدى. ‏16 ھەجەر ئابرامغا ئىسمائىلنى تۇغۇپ بەرگىنىدە، ئابرام سەكسەن ئالتە ياشتا ئىدى.