خۇدانىڭ ئابرام بىلەن ئەھدە تۈزۈشى
15
‏1 بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئابرامغا ۋەھىيدە كەلدى، ئۇ ئۇنىڭغا: «ئەي ئابرام قورقمىغىن. مەن سېنىڭ قالقىنىڭ، سېنىڭ ناھايىتى ئۇلۇغ ئىنئامىڭ» دېدى. ‏2 لېكىن ئابرام: «ئەي رەببىم پەرۋەردىگار، سەن ماڭا نېمە بېرىسەن؟ مانا، مېنىڭ ئۆمرۈم پەرزەنتسىز ئۆتۈۋاتقاچقا، دەمەشقلىق ئەلىئەزەر ئۆيۈمنىڭ ئىگىسى بولىدۇ» دېدى. ‏3 ئابرام يەنە: «سەن ماڭا ئەۋلاد بەرمىدىڭ. شۇڭا ئۆيۈمدىكى خىزمەتكارىم ماڭا ۋارىس بولىدۇ» دېدى. ‏4 شۇ ھامان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كەلدى، ئۇ ئۇنىڭغا: «بۇ كىشى ساڭا ۋارىس بولمايدۇ، بەلكى ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان كىشى ساڭا ۋارىس بولىدۇ» دېدى. ‏5 شۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: «ئەمدى ئاسمانغا قاراپ، يۇلتۇزلارنىڭ سانىنى دەپ باق، ئەگەر سانىيالىساڭ» دېدى. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭغا: «سېنىڭ نەسلىڭمۇ ئۇلارداك كۆپ بولىدۇ» دېدى. ‏6 ئابرام بولسا پەرۋەردىگارغا ئىشەندى. پەرۋەردىگار بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ھەققانىي دەپ ھېسابلىدى.
‏7 ئۇ يەنە ئۇنىڭغا: «سېنى بۇ زېمىنغا ئىگە قىلاي دەپ، سېنى كالدىيلارنىڭ زېمىنىدىكى ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار مەندۇرمەن» دېدى. ‏8 لېكىن ئابرام: «ئەي رەببىم پەرۋەردىگار، مەن ئۇنىڭغا ئىگە بولىدىغىنىمنى قانداق بىلىمەن؟» دېدى. ‏9 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «مەن ئۈچۈن ئۈچ ياشلىق بىر ئىنەك، ئۈچ ياشلىق بىر ئۆچكە، ئۈچ ياشلىق بىر قوچقار، بىر پاختەك ۋە بىر كەپتەر باچكىسىنى ئېلىپ كەلگىن» دېدى. ‏10 ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىپ، ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچە قىلىپ، ھەربىر پارچىنى يەنە بىر پارچىسىنىڭ ئۇدۇلىغا قويۇپ قويدى، ئەمما قۇشلارنى پارچىلىمىدى. ‏11 قۇشلار كېلىپ، بۇ جەسەتلەرگە چۈشكەندە، ئابرام ئۇلارنى ئۈركۈتۈپ قوغلىۋەتتى. ‏12 لېكىن كۈن پاتقاندا ئابرامنى ئېغىر بىر ئۇيقۇ باستى ۋە مانا، ئۇنىڭغا قورقۇنچلۇق چوڭ قاراڭغۇلۇق چۈشتى. ‏13 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئابرامغا مۇنداق دېدى: «بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ نەسلىڭ ئۆزلىرىنىڭ بولمىغان زېمىندا مۇساپىر بولۇپ، ئۇ يەرنىڭ خەلقىگە قۇللۇق قىلىدۇ. ئۇلار تۆت يۈز يىل ئۇلارغا زۇلۇم سالىدۇ. ‏14 لېكىن مەن ئۇلارنى قۇل قىلغۇچى خەلق ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن. ئاندىن كېيىن ئۇلار نۇرغۇن مال-مۈلۈك بىلەن ئۇ يەردىن چىقىدۇ. ‏15 ئەمما سەن بولساڭ، ئامان-ئېسەن ئەجدادلىرىڭنىڭ قېشىغا كېتىسەن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ئاندىن دەپنە قىلىنىسەن. ‏16 لېكىن نەسلىڭ تۆت ئەۋلادتىن كېيىن، بۇ يەرگە قايتىپ كېلىدۇ. چۈنكى ئامورىيلارنىڭ گۇناھى تېخى چېكىگە يەتمىدى». ‏17 كۈن پېتىپ تامامەن قاراڭغۇ بولغاندا، مانا، تۈتۈن چىقىپ تۇرغان بىر ئوتدان ۋە يالقۇنلۇق بىر مەسئەل كۆرۈنۈپ، بۇ گۆش پارچىلىرى ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ‏18 ئۇ كۈننىڭ ئۆزىدە پەرۋەردىگار ئابرام بىلەن ئەھدە تۈزۈپ مۇنداق دېدى: «مەن سېنىڭ نەسلىڭگە، مىسىرنىڭ دەرياسىدىن تارتىپ ئۇلۇغ دەريا، يەنى فىرات دەرياسىغىچە بولغان زېمىننى بېرىمەن، ‏19 ئۇلارغا قېنىيلار، قېنىزىيلار، قادمونىيلار، ‏20 ھېتىتلار، پەرىززىيلەر، رېفائىيلار، ‏21 ئامورىيلار، كەنئانلار، گىرگاشىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنىنى ئاتا قىلىمەن».