ئابرامنىڭ لوتنى قۇتقۇزۇشى ۋە مەلكىسادىق بىلەن ئۇچرىشىشى
14
‏1 شىنارنىڭ پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئاريوك، ئېلامنىڭ پادىشاھى كېدورلائومەر ۋە گويىمنىڭ پادىشاھى تىدالنىڭ كۈنلىرىدە، ‏2 ئۇلار سودومنىڭ پادىشاھى بېرا، گوموررانىڭ پادىشاھى بىرشا، ئادمانىڭ پادىشاھى شىناب، زىبويىمنىڭ پادىشاھى شەمېبەر ۋە بېلا دەپ ئاتالغان زوئارنىڭ پادىشاھىغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. ‏3 بۇ بەشىنىڭ ھەممىسى بىرلەشتۈرۈپ، سىددىم ۋادىسىغا، يەنى ‹شور دېڭىز› ۋادىسىغا يىغىلدى. ‏4 ئۇلار ئون ئىككى يىل كېدورلائومەرگە تەۋە بولۇپ، ئون ئۈچىنچى يىلى ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنىدى. ‏5 ئون تۆتىنچى يىلى كېدورلائومەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان پادىشاھلار كېلىپ، رېفائىيلارنى ئاشتاروت-قارنايىمدا، زۇزىيلارنى ھامدا ۋە ئېمىيلارنى شاۋەھ-قىرياتايىمدا تارمار قىلدى.    ‏6 ئۇلار خورىيلارنىمۇ ئۇلار ياشاۋاتقان سېئىر تاغلىقىدا تارمار قىلىپ، چۆلنىڭ يېنىدىكى ئەل-پارانغىچە قوغلاپ باردى. ‏7 ئاندىن كېيىن ئۇلار يېنىپ، ئېن-مىشپات دەپ ئاتالغان قادەشكە كېلىپ، ئامالەكىيلەرنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بېسىپ، خازازون-تاماردا ياشاۋاتقان ئامورىيلارنىمۇ تارمار قىلدى.
‏8 شۇنىڭ بىلەن سودومنىڭ پادىشاھى، گوموررانىڭ پادىشاھى، ئادمانىڭ پادىشاھى، زىبويىمنىڭ پادىشاھى ۋە بېلا دەپ ئاتالغان زوئارنىڭ پادىشاھى يولغا چىقىپ، سىددىم ۋادىسىدا، ‏9 ئېلامنىڭ پادىشاھى كېدورلائومەر، گويىمنىڭ پادىشاھى تىدال، شىنارنىڭ پادىشاھى ئامرافەل ۋە ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئاريوك دېگەنلەرگە قارشى جەڭ سېپى تۈزۈشتى، يەنى تۆت پادىشاھقا قارشى بەش پادىشاھ. ‏10 لېكىن سىددىم ۋادىسىنىڭ ھەممە يېرىدە قارىماي ئورەكلىرى بار ئىدى. سودوم ۋە گوموررانىڭ پادىشاھلىرى قېچىۋاتقىنىدا ئۇ ئورەكلەرگە چۈشۈپ كەتتى. قالغانلار بولسا تاغقا قېچىپ كەتتى. ‏11 غالىب كەلگەنلەر سودوم بىلەن گوموررانىڭ ھەممە مال-مۈلكىنى ۋە بارلىق ئوزۇق-تۈلۈكلىرىنى ئېلىپ كەتتى. ‏12 ئۇلار سودومدا تۇرۇۋاتقان ئابرامنىڭ جىيەنى لوتنىمۇ مال-مۈلۈكلىرى بىلەن قوشۇپ ئېلىپ كەتتى.
‏13 لېكىن قۇتۇلۇپ قالغان بىر كىشى بېرىپ بۇنى ئىبرانىي ئابرامغا مەلۇم قىلدى. شۇ چاغدا ئۇ ئەشكول بىلەن ئانەرنىڭ قېرىندىشى بولغان ئامورىيلاردىن بولغان مامرەنىڭ دۇب دەرەخلىكى ئەتراپىدا تۇراتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئابرامنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىدى. ‏14 ئابرام قېرىندىشىنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغىنىنى ئاڭلىغىنىدا، ئۆز ئۆيىدە تۇغۇلۇپ يېتىشكەن، چېنىققان ئۈچ يۈز ئون سەككىز ئادەمنى باشلاپ چىقىپ، دۈشمەنلەرنى دان دېگەن جايغىچە قوغلاپ باردى. ‏15 كېچىسى ئۇ ئادەملىرىنى بىرقانچە قىسىمغا بۆلۈپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، دەمەشقنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ھوبا دېگەن جايغىچە قوغلاپ باردى. ‏16 ئۇ ھەممە مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئۆز قېرىندىشى لوتنىمۇ قۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى، شۇنداقلا ئاياللارنى ۋە قالغان ئادەملارنى ياندۇرۇپ كەلدى.
‏17 ئۇ كېدورلائومەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ قايتىپ كېلىۋاتقىنىدا، سودومنىڭ پادىشاھى شاۋەھ ۋادىسى دەپ ئاتالغان پادىشاھ ۋادىسىدا ئۇنى قارشى ئېلىشقا چىقتى. ‏18 سالېمنىڭ پادىشاھى مەلكىسەدىق بولسا ئۇنىڭ ئالدىغا نان بىلەن شاراب ئېلىپ كەلدى. ئۇ ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ كاھىنى ئىدى.    ‏19 ئۇ ئۇنىڭ ھەققىدە خەيرلىك دۇئا قىلىپ: «ئاسمان بىلەن يەرنى ياراتقان ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدا ئابرامغا بەرىكەت ئاتا قىلغاي! ‏20 دۈشمەنلىرىڭنى قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇداغا ھەمدۇسانا بولغاي» دېدى. ئابرام ئۇنىڭغا ھەممە نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى بەردى.
‏21 سودومنىڭ پادىشاھى ئابرامغا: «ماڭا خەلقنى بەرگىن، مال-مۈلۈك ئۆزۈڭگە قالسۇن» دېدى. ‏22 لېكىن ئابرام سودومنىڭ پادىشاھىغا جاۋاب بېرىپ: «مەن ئاسمان بىلەن يەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارغا، ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇداغا قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىمەنكى، ‏23 مەن سەندىن ھېچقانداق نەرسە، ھەتتا بىر تال يىپ ياكى چورۇقنىڭ بىر بوغقۇچىنى ئالمايمەن. بولمىسا، سەن: ‹مەن ئابرامنى باي قىلىپ قويدۇم› دېيىشىڭ مۇمكىن. ‏24 بۇنىڭ ئۈچۈن يىگىتلەرنىڭ يېگىنىدىن باشقا ھېچنېمىنى ئالمايمەن. ماڭا ھەمراھ بولغان ئانەر، ئەشكول ۋە مامرە بولسا ئۆزلىرىگە تېگىشلىكلىرىنى ئالسۇن» دېدى.