ئابرام بىلەن لوتنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى
13
1 ئابرام مىسىردىن چىقىپ، ئايالى ۋە پۈتۈن بارلىقىنى ئېلىپ، لوت بىلەن بىللە جەنۇبىي زېمىنغا باردى. 2 ئابرام ئىنتايىن باي بولۇپ، نۇرغۇن چارۋا مال ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى بار ئىدى. 3 ئۇ كۆچۈپ يۈرۈپ، جەنۇبىي زېمىندىن بەيتەلگە يېتىپ، بەيتەل بىلەن ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزى ئىلگىرى چېدىر تىكىپ، 4 قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغان جايغا قايتىپ كەلدى. ئابرام ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى. 5 ئابرام بىلەن ماڭغان لوتنىڭمۇ قوي-كالا ۋە چېدىرلىرى بار ئىدى. 6 لېكىن زېمىن ئۇلارنىڭ بىللە تۇرۇشىغا يېتىشمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ چارۋا ماللىرى شۇنچىلىك كۆپ ئىدىكى، ئۇلار ئۇ يەردە بىللە تۇرالمىدى. 7 شۇ سەۋەبتىن ئابرامنىڭ پادىچىلىرى بىلەن لوتنىڭ پادىچىلىرىنىڭ ئارىسىدا جېدەل چىقتى. ئۇ چاغدا كەنئانلار بىلەن پەرىززىيلەر شۇ زېمىندا تۇراتتى. 8 شۇڭا ئابرام لوتقا: «بىز قېرىنداش بولغاچقا، سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا، مېنىڭ پادىچىلىرىم بىلەن سېنىڭ پادىچىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا جېدەل چىقمىسۇن. 9 مانا، پۈتۈن زېمىن سېنىڭ ئالدىڭدا ئەمەسمۇ؟ ئەمدى سەن مەندىن ئايرىلغىن. ئەگەر سەن سول تەرەپكە بارساڭ، مەن ئوڭ تەرەپكە باراي. ئەگەر سەن ئوڭ تەرەپكە بارساڭ، مەن سول تەرەپكە باراي» دېدى.
10 لوت نەزەر سېلىپ قارىسا، پۈتۈن ئىئوردان دەرياسى ئەتراپىدىكى زېمىنلارنىڭ سۈيى مول ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇ يەر پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گوموررانى ۋەيران قىلماستىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ بېغىغا ئوخشايتتى، زوئار دېگەن جايىغىچە مىسىر زېمىنىدەك ئىدى. 11 شۇنىڭ بىلەن لوت ئۆزىگە پۈتۈن ئىئوردان تۈزلەڭلىكىنى تاللىۋېلىپ، شەرق تەرەپكە كۆچتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كەتتى.
12 ئابرام كەنئان زېمىنىدا تۇرۇپ قالدى. لوت بولسا تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەردە ئولتۇراقلىشىپ، سودوم شەھىرىگىچە چېدىرلىرىنى تىكتى. 13 ئەمما سودومنىڭ ئادەملىرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ناھايىتى يامان ۋە ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى.
14 لوت ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئابرامغا سۆزلەپ: «سەن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، ئۆزۈڭ تۇرغان جايدىن تارتىپ، شىمال، جەنۇب، شەرق ۋە غەرب تەرەپلەرگە نەزەر سېلىپ قارىغىن. 15 چۈنكى سەن كۆرۈۋاتقان بۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى مەن ئەبەدكىچە ساڭا ۋە نەسلىڭگە بېرىمەن. 16 سېنىڭ نەسلىڭنى يەردىكى قۇمدەك كۆپ قىلىمەن. ئەگەر بىر كىشى يەردىكى قۇمنى سانىيالىسا، سېنىڭ نەسلىڭنىڭمۇ سانىلىشى مۇمكىن بولىدۇ. 17 سەن ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بۇ زېمىننى ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى بويىچە ئايلىنىپ چىققىن، چۈنكى مەن ئۇنى ساڭا بېرىمەن» دېدى. 18 شۇنىڭ بىلەن ئابرام چېدىرلىرىنى يىغىپ، خېبرون شەھىرىنىڭ يېنىدىكى مامرەنىڭ دۇب دەرەخلىكىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. ئۇ شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى.