خۇدا ئابرامنى چاقىرىدۇ
12
‏1 ئەمما پەرۋەردىگار ئابرامغا مۇنداق دېگەنىدى: «سەن ئۆز يۇرتۇڭدىن چىقىپ، جەمەتىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىپ، مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان زېمىنغا بارغىن. ‏2 شۇنداق قىلساڭ، مەن سېنى چوڭ بىر خەلق قىلىمەن، ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن. ھەمدە سەن باشقىلارنىڭ بەرىكەت تېپىشىغا سەۋەب بولىسەن. ‏3 ساڭا بەرىكەت تىلىگەنلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلىمەن. ساڭا لەنەت ئوقۇغانلارغا لەنەت ياغدۇرىمەن. سېنىڭ ۋاسىتەڭ بىلەن دۇنيادىكى ھەممە قەبىلىلەر بەرىكەت تاپىدۇ».
ئىبراھىمنىڭ سەپىرى («يار.» 42-21)
‏4 ئابرام پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئېيتقىنى بويىچە يولغا چىقتى، لوتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدى. ئابرام ھاراندىن چىققىنىدا يەتمىش بەش ياشتا ئىدى. ‏5 ئابرام ئۆز ئايالى ساراي بىلەن قېرىندىشىنىڭ ئوغلى لوتنى، ئۇلارنىڭ يىغقان بارچە ماللىرى ۋە ھاراندا تاپقان ئادەملەرنى بىللە ئېلىپ، كەنئان زېمىنىغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كەنئان زېمىنىغا يېتىپ كەلدى. ‏6 ئابرام زېمىننى كېزىپ، شەكەم دېگەن جايدىكى مورەھنىڭ دۇب دەرىخىگىچە يېتىپ باردى. ئۇ چاغدا ئۇ زېمىندا كەنئانلار تۇراتتى. ‏7 پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: «مەن بۇ زېمىننى سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭغا بېرىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىگە كۆرۈنگەن پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالدى.
‏8 ئاندىن كېيىن ئۇ بۇ يەردىن يۆتكىلىپ، بەيتەلنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغلىققا باردى ۋە چېدىرىنى تىكتى. غەرب تەرىپىدە بەيتەل، شەرق تەرىپىدە ئاي دېگەن جاي بار ئىدى. ئۇ بۇ يەردىمۇ پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى.
‏9 ئاندىن كېيىن ئابرام كۆچۈپ يۈرۈپ، جەنۇبىي زېمىنغا يۆتكەلدى.   
 
ئابرامنىڭ مىسىرغا چۈشۈشى
‏10 ئۇ زېمىندا ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، قەھەتچىلىك ئىنتايىن ئېغىر بولغاچقا، ئابرام ۋاقىتلىق تۇرۇش ئۈچۈن مىسىرغا باردى. ‏11 ئۇ مىسىرغا يېقىنلاشقاندا ئۆز ئايالى سارايغا سۆزلەپ: «قارا، مەن سېنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. ‏12 مىسىرلىقلار سېنى كۆرسە، ‹بۇ ئۇنىڭ ئايالى ئىكەن› دەپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، سېنى تىرىك قالدۇرىدۇ. ‏13 شۇڭا ئۆتۈنەيكى، سەن: ‹مەن ئۇنىڭ سىڭلىسى› دېگىن. شۇنداق قىلساڭ، مەن سېنىڭ سەۋەبىڭدىن ئۇلاردىن ياخشىلىق كۆرۈپ، سېنىڭ ۋاسىتەڭ بىلەن ھايات قالىمەن» دېدى.
‏14 ئابرام مىسىرغا كىرگەندە مىسىرلىقلار ئايالنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆردى. ‏15 فىرئەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ئۇنى كۆرۈپ، فىرئەۋنگە ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئايال فىرئەۋننىڭ ئوردىسىغا كەلتۈرۈلدى. ‏16 فىرئەۋن ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ئابرامغا ئىلتىپات قىلغاچقا، ئابرام قوي، كالا، ھاڭگا ئېشەك، قۇل-دېدەك، مادا ئېشەك ۋە تۆگىلەرگە ئىگە بولدى. ‏17 ئەمما پەرۋەردىگار فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى ئابرامنىڭ ئايالى ساراينىڭ سەۋەبىدىن ئېغىر ۋابالارغا گىرىپتار قىلدى. ‏18 فىرئەۋن ئابرامنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «بۇ ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ ئۆز ئايالىڭ ئىكەنلىكىنى ماڭا ئېيتمىدىڭ؟ ‏19 نېمىشقا ‹ئۇ مېنىڭ سىڭلىم› دەپ، مېنىڭ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىشىمغا سەۋەب بولدۇڭ؟ مانا، سېنىڭ ئايالىڭ! ئۇنى ئېلىپ يوقال!» دېدى. ‏20 فىرئەۋن ئۆز ئادەملىرىگە ئۇ توغرىسىدا ئەمر قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇنى، ئايالى ۋە پۈتۈن بارلىقى بىلەن قوشۇپ يولغا سالدى.