بابىلنىڭ مۇنارى
11
1 ئۇ زاماندا پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ تىلى ۋە سۆزى بىر ئىدى. 2 لېكىن شۇنداق بولدىكى، ئۇلار شەرق تەرەپكە سەپەر قىلىپ، شىنار زېمىنىدا بىر تۈزلەڭلىكنى تېپىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. 3 ئۇلار: «كېلىڭلار، بىز خىش قۇيۇپ، ئوتتا پىشۇرايلى» دەپ ئۆزئارا سۆزلەشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار تاش ئورنىغا خىش، لاي ئورنىغا قارىماي ئىشلىتىشكە باشلىدى. 4 ئۇلار يەنە: «كېلىڭلار، ئەمدى ئۆزىمىزگە بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇچى ئاسمانغا تاقاشقۇدەك بىر مۇنار ياساپ، ئۆز نامىمىزنى چىقىرايلى. شۇنداق قىلساق پۈتۈن يەر يۈزىگە تارقىلىپ كەتمەيمىز» دېيىشتى. 5 بۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئادەم بالىلىرىنىڭ بىنا قىلىۋاتقان شەھەر ۋە مۇنارىنى كۆرگىلى چۈشتى. 6 پەرۋەردىگار: «مانا، ئۇلار بىر جامائەتتۇر، ھەممىسىنىڭ تىلىمۇ بىردۇر، بۇ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشىنىڭ باشلىنىشىدۇر. بۇندىن كېيىن ئۇلارنىڭ نىيەت قىلىپ ئويلىغان ئىشلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ھېچنېمە توسالغۇ بولالمايدۇ. 7 كېلىڭلار، بىز تۆۋەنگە چۈشۈپ، بىر-بىرىنى چۈشىنەلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتەيلى» دېدى. 8 شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ جايدىن پۈتۈن يەر يۈزىگە تارىتىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەھەرنى ياساشتىن توختاپ قالدى. 9 پەرۋەردىگار ئۇ يەردە دۇنيانىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەچكە، ئۇ شەھەرنىڭ نامى بابىل دەپ ئاتالدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ جايدىن پۈتۈن يەر يۈزىگە تارىتىۋەتتى. ■ شېمنىڭ ئەۋلادلىرى
10 شېمنىڭ نەسلىنىڭ بايانى مۇنداق: توپاندىن ئىككى يىل كېيىن، شېم يۈز ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭدىن ئارپاخشاد تۆرەلدى. 11 ئارپاخشاد تۇغۇلغاندىن كېيىن، شېم يەنە بەش يۈز يىل ياشاپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەر كۆردى.
12 ئارپاخشاد ئوتتۇز بەش ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭدىن شالاھ تۆرەلدى. 13 شالاھ تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئارپاخشاد يەنە تۆت يۈز ئۈچ يىل ياشاپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەر كۆردى.
14 شالاھ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭدىن ئېبەر تۆرەلدى. 15 ئېبەر تۇغۇلغاندىن كېيىن، شالاھ يەنە تۆت يۈز ئۈچ يىل ياشاپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەر كۆردى.
16 ئېبەر ئوتتۇز تۆت ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭدىن پەلەگ تۆرەلدى. 17 پەلەگ تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئېبەر يەنە تۆت يۈز ئوتتۇز يىل ياشاپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەر كۆردى.
18 پەلەگ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭدىن رائۇ تۆرەلدى. 19 رائۇ تۇغۇلغاندىن كېيىن، پەلەگ يەنە ئىككى يۈز توققۇز يىل ياشاپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەر كۆردى.
20 رائۇ ئوتتۇز ئىككى ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭدىن سېرۇخ تۆرەلدى. 21 سېرۇخ تۇغۇلغاندىن كېيىن، رائۇ يەنە ئىككى يۈز يەتتە يىل ياشاپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەر كۆردى.
22 سېرۇخ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭدىن ناھور تۆرەلدى. 23 ناھور تۇغۇلغاندىن كېيىن، سېرۇخ يەنە ئىككى يۈز يىل ياشاپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەر كۆردى.
24 ناھور يىگىرمە توققۇز ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭدىن تەراھ تۆرەلدى. 25 تەراھ تۇغۇلغاندىن كېيىن، ناھور يەنە بىر يۈز ئون توققۇز يىل ياشاپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەر كۆردى.
26 تەراھ يەتمىش ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭدىن ئابرام، ناھور ۋە ھاران تۆرەلدى.
27 تەراھنىڭ نەسلىنىڭ بايانى مۇنداق: تەراھتىن ئابرام، ناھور ۋە ھاران تۆرەلدى. ھاراندىن لوت تۆرەلدى. 28 لېكىن ھاران، ئۆز يۇرتى بولغان كالدىيلارنىڭ زېمىنىدىكى ئۇر شەھىرىدە ئاتىسى تەراھ تېخى ھايات ۋاقتىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 29 ئابرام ۋە ناھور بولسا ئۆزلىرىگە خوتۇن ئالدى. ئابرامنىڭ ئايالىنىنڭ ئىسمى ساراي ئىدى. ناھورنىڭ ئايالى ھاراننىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى مىلكا ئىدى. ھاران مىلكا ۋە يىسكاھنىڭ ئاتىسى ئىدى. 30 لېكىن ساراي تۇغماس بولغاچقا، ئۇنىڭ بالىسى يوق ئىدى. 31 تەراھ ئوغلى ئابرامنى، يەنە بىر ئوغلى ھاراننىڭ بالىسى بولغان نەۋرىسى لوتنى ۋە ئوغلى ئابرامنىڭ ئايالى بولغان ئۆز كېلىنى ساراينى ئېلىپ، كەنئان زېمىنىغا بېرىش ئۈچۈن، كالدىيلارنىڭ زېمىنىدىكى ئۇردىن چىقىپ كەتتى. ئەمما ئۇلار ھاران شەھىرىگە يەتكەندە، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 32 تەراھ ئىككى يۈز بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ھاراندا ئالەمدىن ئۆتتى.