شېم، ھام ۋە ياپەتنىڭ ئەۋلادلىرى
10
1 نۇھنىڭ ئوغۇللىرى شېم، خام ۋە يافەتنىڭ نەسلىنىڭ بايانى مۇنداق: توپاندىن كېيىن ئۇلاردىن بالىلار تۆرەلدى.
ئەللەرنىڭ نەسەبنامىسى (يار. 10)
2 يافەتنىڭ ئوغۇللىرى: گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس ئىدى. 3 گومەرنىڭ ئوغۇللىرى بولسا ئاشكىناز، رىفات ۋە توگارما ئىدى. 4 ياۋاننىڭ ئوغۇللىرى بولسا ئەلىشا، تارشىش، كىتتىم ۋە دودانىم ئىدى. 5 بۇلاردىن ئارال-قىتئەلەردە ياشايدىغان مىللەتلەر تارقىلىپ چىقىپ، ھەرقايسىسى ئۆز زېمىنىدا ياشاپ، ئۆز تىللىرى ۋە قەبىلىلىرى بويىچە باشقا-باشقا مىللەت بولۇپ قالدى.
6 خامنىڭ ئوغۇللىرى: كۇش، مىسىر، پۇت ۋە كەنئان ئىدى. 7 كۇشنىڭ ئوغۇللىرى بولسا سېبا، خاۋىلا، سابتا، رائاما ۋە سابتىكا ئىدى. رائامانىڭ ئوغۇللىرى بولسا شېبا ۋە دېدان ئىدى.
8 كۇشتىن نىمرود تۆرەلدى. ئۇ يەر يۈزىدە كۈچتۈڭگۈر پالۋان بولدى. 9 پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پالۋان ئوۋچى بولغانىدى. شۇڭا «خۇددى نىمرودتەك پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پالۋان ئوۋچى ئىكەن» دېگەن سۆز تارقالدى. 10 ئۇنىڭ سەلتەنىتى شىنار زېمىنىدىكى بابىل، ئېرەك، ئاككاد ۋە كالنە دېگەن شەھەرلەردىن باشلانغانىدى. 11 ئۇ بۇ زېمىندىن چىقىپ ئاسسۇرغا بېرىپ، نىنەۋە، رەخوبوت-ئىر ۋە كالاھ شەھەرلەرنى قۇرۇپ، 12 نىنەۋە بىلەن چوڭ شەھەر كالاھنىڭ ئارىسىدا رېسەن شەھىرىنىمۇ بىنا قىلدى.
13 مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى لۇدىيلار، ئانامىيلار، لېھابىيلار، نافتۇھىيلار، 14 پاتروسىيلار ۋە فىلىستىنلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بولغان كاسلۇھىيلار ۋە كافتورىيلار ئىدى.
15 كەنئاندىن ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى سىدون ۋە خىت تۆرەلدى. 16 يەبۇسىيلار، ئامورىيلار، گىرگاشىيلار، 17 خىۋۋىيلار، ئارقىيلار، سىنىيلار، 18 ئارۋادىيلار، زېمارىيلار ۋە خاماتىيلار ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. كېيىن كەنئاننىڭ قەبىلىلىرى يېيىلىپ تارقىلىشقا باشلىدى. 19 كەنئانلارنىڭ زېمىنىنىڭ چېگرىسى سىدوندىن تارتىپ گەرارنى بويلاپ، گازاغىچە چىقىپ، ئاندىن سودوم، گوموررا، ئادما ۋە زىبويىم تەرىپىگە قايرىلىپ، لاشاغىچە يېتىپ باردى. 20 بۇلار خامنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۆز قەبىلىلىرى ۋە تىللىرى بويىچە مىللەتلەر بولۇپ ئۆز زېمىنلىرىدا ئولتۇراقلاشتى.
21 يافەتنىڭ ئاكىسى بولغان شېمگىمۇ ئوغۇللار تۇغۇلدى، ئۇ ھەممە ئېبەرلەرنىڭ ئاتىسى بولدى. 22 شېمنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاسسۇر، ئارپاخشاد، لۇد ۋە ئارام ئىدى. 23 ئارامنىڭ ئوغۇللىرى بولسا ئۇز، ھۇل، گەتەر ۋە ماش ئىدى. 24 ئارپاخشادتىن شالاھ تۆرەلدى. شالاھتىن ئېبەر تۆرەلدى. 25 ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. بىرىنىڭ ئېتى پەلەگ ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ دەۋرىدە يەر يۈزى بۆلۈندى. ئۇنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى. ■ 26 يوقتاندىن ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يېراھ، 27 ھادورام، ئۇزال، دىقلا، 28 ئوبال، ئابىمائەل، شېبا، 29 ئوفىر، خاۋىلا ۋە يوباب تۆرەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 30 ئۇلارنىڭ تۇرغان جايلىرى مېشادىن تارتىپ، سېفارنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغقىچە سوزۇلاتتى. 31 بۇلار شېمنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۆز قەبىلىلىرى ۋە تىللىرى بويىچە مىللەتلەر بولۇپ ئۆز زېمىنلىرىدا ئولتۇراقلاشتى.
32 بۇلار ئۆز نەسەبلىرى ۋە قەبىلىلىرى بويىچە نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ نەسىللىرى ئىدى. توپاندىن كېيىنكى خەلق-مىللەتلەر ئۇلاردىن چىقىپ، يەر يۈزىگە تارقالدى.
ئەللەرنىڭ يەر يۈزىدە تارقاقلاشتۇرۇلۇشى (يار. 10)