خۇدانىڭ نۇھ بىلەن ئەھدە تۈزۈشى
9
‏1 خۇدا نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارغا: «سىلەر نەسىل قالدۇرۇپ كۆپىيىپ، يەرنى تولدۇرۇڭلار. ‏2 يەر يۈزىدىكى ھەممە جانىۋارلار ۋە ھاۋادىكى ئۇچار قاناتلار سىلەردىن قورقۇپ ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. يەردە مىدىرلايدىغان جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى ۋە سۇدىكى بارچە بېلىقلار قوللىرىڭلارغا تاپشۇرۇلغاندۇر. ‏3 ھەممە مىدىرلايدىغان جانىۋارلار سىلەرگە ئوزۇقلۇق بولسۇن. مەن سىلەرگە ئوت-گىياھلارنى بەرگەندەك، ئەمدى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە بېرىمەن. ‏4 ئەمما جېنى، يەنى قېنى بار گۆشنى يېمەڭلار. ‏5 مەن سىلەرنىڭ قېنىڭلار تۆكۈلسە ئۇنىڭ ھېسابىنى چوقۇم سورايمەن، ھەر ھايۋاندىن ۋە ھەر ئىنساننىڭ قولىدىن ئۇنىڭ ھېسابىنى سورايمەن. ھەر ئىنساننىڭ قېرىندىشىدىن ئىنسان ھاياتىنىڭ ھېسابىنى سورايمەن.    ‏6 كىمكى ئىنسان قېنى تۆكسە، ئۇنىڭ قېنىمۇ ئىنسان تەرىپىدىن تۆكۈلىدۇ. چۈنكى خۇدا ئىنساننى ئۆز ئوبرازىدا ياراتقاندۇر. ‏7 ئەمدى سىلەر نەسىل قالدۇرۇپ كۆپىيىڭلار. يەر يۈزىگە كەڭ تارقىلىپ كۆپىيىڭلار» دېدى.
‏8 ئاندىن خۇدا نۇھ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا سۆز قىلىپ: ‏9 «مانا، سىلەر ۋە سىلەردىن كېيىن كېلىدىغان ئەۋلادلىرىڭلار بىلەن، ‏10 شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىرگە بولغان ھەممە تىرىك جانلىقلار، يەنى سىلەر بىلەن كېمىدىن چىققان ھەممە ئۇچار قانات، چارۋا مال ۋە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن، يەر يۈزىدىكى ھېچبىر ھايۋاننى قويماي، ھەممىسى بىلەن مەن ئۆز ئەھدەمنى تۈزىمەن. ‏11 شۇنداقكى، ھەممە جانلىقلار يەنە توپاننىڭ سۈيى بىلەن يوقىتىلمايدۇ ۋە يەنە توپان كېلىپ، يەر يۈزىنى ۋەيران قىلمايدۇ دەپ، سىلەر بىلەن ئەھدەمنى تۈزىمەن» دېدى. ‏12 خۇدا يەنە سۆز قىلىپ: «مەن سىلەر ۋە قېشىڭلاردىكى ھەممە جانلىقلار بىلەن تۈزىدىغان مەڭگۈلۈك ئەھدەم ئۈچۈن بىر بەلگە بولسۇن، ‏13 مەن بىلەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئالامەت بولسۇن دەپ رەڭلىك يايىمنى بۇلۇتلارغا قويۇپ قويىمەن. ‏14 مەن يەرنىڭ ئۈستىگە بۇلۇت ئەۋەتكىنىمدە ۋە رەڭلىك ياي كۆرۈنگىنىدە، ‏15 ئۆزۈم سىلەر بىلەن ھەممە جانلىقلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئېسىمگە كەلتۈرىمەن. بۇندىن كېيىن ھەممە جانلىقلارنى ھالاك قىلىدىغان توپان قايتا بولمايدۇ. ‏16 قاچانكى بۇلۇتلار ئارىسىدا رەڭلىك ياينى كۆرسەم، مەن خۇدا يەر يۈزىدىكى ھەممە جانلىقلار بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمنى ئېسىمگە كەلتۈرىمەن» دېدى. ‏17 خۇدا نۇھقا يەنە: «مانا، بۇ مەن ئۆزۈم بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلار ئوتتۇرىسىدا تۈزگەن ئەھدەمنىڭ بەلگىسى بولسۇن» دېدى.   
 
نۇھنىڭ ئوغۇللىرى
‏18 نۇھنىڭ كېمىدىن چىققان ئوغۇللىرى شېم، خام ۋە يافەت ئىدى. خام كەنئاننىڭ ئاتىسى بولدى. ‏19 مەزكۇر ئۈچەيلەن نۇھنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ نەسلىدىن پۈتۈن يەر يۈزى ئاۋات بولدى. ‏20 نۇھ دېھقانچىلىق قىلىشقا باشلاپ، بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلدى. ‏21 ئۇ شارابىدىن ئىچىپ مەست بولۇپ، ئۆز چېدىرىدا يالىڭاچ يېتىپ قالدى.    ‏22 كەنئاننىڭ ئاتىسى خام كېلىپ، ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈپ، سىرتقا چىقىپ، ئىككى قېرىندىشىغا خەۋەر بەردى. ‏23 شۇنىڭ بىلەن شېم ۋە يافەت بىر يېپىنچىنى ئېلىپ، مۈرىلىرىگە ئارتىپ، ئارقىچە مېڭىپ كىرىپ، ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىنى يېپىپ قويدى. ئۇلار يۈزلىرىنى ئارقىغا بۇراپ، ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرمىدى. ‏24 نۇھ شارابنىڭ كەيپىدىن يېشىلگىنىدە، كىچىك ئوغلىنىڭ ئۇنىڭغا نېمە قىلغىنىنى بىلىپ، ‏25 «كەنئان لەنەت بولسۇن، ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ قۇللىرىنىڭ قۇلى بولسۇن» دەپ قارغىدى. ‏26 ئاندىن ئۇ يەنە سۆزلەپ: «شېمنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي، ئەمما كەنئان شېمنىڭ قۇلى بولسۇن. ‏27 خۇدا يافەتنى ئاۋۇتسۇن، ئۇ شېمنىڭ چېدىرلىرىدا تۇرسۇن، ئەمما كەنئان بولسا ئۇنىڭ قۇلى بولسۇن» دېدى. ‏28 نۇھ توپاندىن كېيىن يەنە ئۈچ يۈز ئەللىك يىل ياشىدى. ‏29 بۇ تەرىقىدە نۇھ جەمئىي توققۇز يۈز ئەللىك يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.