8
1 ئاندىن كېيىن خۇدا نۇھنى ياد ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بولغان ھەممە جانىۋار ۋە بارچە چارۋا مالنى ئېسىگە كەلتۈردى. خۇدا يەر يۈزىگە شامال چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن سۇلار پەسىيىشكە باشلىدى. 2 چوڭقۇر سۇلارنىڭ بۇلاقلىرى ۋە ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرى ئېتىلدى. ئاسماندىن ياغقان قاتتىق يامغۇر توختىدى. 3 سۇلار بارا-بارا يەر يۈزىدىن ياندى. بىر يۈز ئەللىك كۈن ئۆتكەندىن كېيىن سۇ خېلى ئازلاپ قالغانىدى. 4 يەتتىنچى ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى، كېمە ئارارات تاغلىرى ئۈستىدە توختىدى. 5 سۇ ئونىنچى ئايغىچە داۋاملىق پەسلىدى. ئونىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تاغلارنىڭ چوققىلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. 6 قىرىق كۈندىن كېيىن نۇھ كېمىگە ئورناتقان دېرىزىنى ئېچىپ، 7 بىر قۇزغۇننى سىرتقا قويۇپ بەردى. يەر يۈزىدىن سۇ تارتىلىپ قۇرۇپ كەتكۈچە، ئۇ ئايلىنىپ ئۇچۇپ يۈردى. 8 ئاندىن كېيىن نۇھ سۇلارنىڭ يەر يۈزىدىن تارتىلغان-تارتىلمىغىنىنى بىلىش ئۈچۈن بىر كەپتەرنى سىرتقا قويۇپ بەردى. 9 ئەمما پۈتۈن يەر يۈزىدە سۇ بولغاچقا، كەپتەر پۇتىنى قويغىلى يەر تاپالماي، كېمىگە ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. نۇھ قولىنى سۇنۇپ ئۇنى تۇتۇپ، كېمى ئىچىگە ئېلىپ كىردى. 10 ئۇ يەنە يەتتە كۈن ساقلاپ، ئاندىن كەپتەرنى تەكرار كېمىدىن سىرتقا قويۇپ بەردى. 11 كەپتەر ئاخشام ۋاقتىدا ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، دەرۋەقە، تۇمشۇقىدا زەيتۇننىڭ يېڭى ئۈزۈلگەن بىر يوپۇرمىقى بار ئىدى. نۇھ شۇنىڭدىن سۇلارنىڭ يەر يۈزىدىن تارتىلغىنىنى بىلدى. 12 ئاندىن ئۇ يەنە يەتتە كۈن ساقلىغاندىن كېيىن، كەپتەرنى تەكرار سىرتقا قويۇپ بەردى، ئەمما بۇ قېتىم كەپتەر قايتىپ كەلمىدى. 13 نۇھ ئالتە يۈز بىر ياشقا كىرگەن يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، سۇ يەر يۈزىدىن تارتىلىپ قۇرۇغانىدى. نۇھ كېمىنىڭ ئۈستىنى ئېچىپ ئەتراپىغا قاراپ، يەر يۈزىنىڭ قۇرۇغىنىنى كۆردى. 14 ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى، يەر يۈزى پۈتۈنلەي قۇرۇغانىدى.
15 خۇدا نۇھقا سۆز قىلىپ: 16 «سەن ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىپ، كېمىدىن چىققىن. 17 ئۆزۈڭ بىلەن بىللە بولغان بارچە جانىۋارلارنى، يەنى ئۇچار قاناتلار، چارۋا مال ۋە يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭ بىلەن قوشۇپ كېمىدىن چىقارغىن. ئۇلار يەر يۈزىدە يېيىلىپ، نەسىل قالدۇرۇپ زېمىندا ئاۋۇسۇن» دېدى. 18 شۇنىڭ بىلەن، نۇھ ئۆز ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە ئوغۇللىرىنىڭ ئاياللىرى بىلەن بىللە سىرتقا چىقتى. 19 ھەممە جانىۋارلار، يەنى ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلار، ئۇچار قاناتلار ۋە يەردە ئۆمىلەيدىغان جانىۋارلارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز تۈرلىرى بويىچە كېمىدىن چىقتى.
20 نۇھ پەرۋەردىگار ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ھەر خىل پاك جانىۋار ۋە ھەر خىل پاك ئۇچار قاناتتىن ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈردى. 21 پەرۋەردىگار خۇش پۇراقنى پۇراپ، كۆڭلىدە: «ئادەمنىڭ كۆڭلىنىڭ نىيىتى كىچىكىدىن تارتىپ يامان بولسىمۇ، مەن ئادەم تۈپەيلىدىن يەر يۈزىگە يەنە لەنەت قىلمايمەن ۋە بۇ قېتىم قىلغىنىمدەك بارلىق جانلىقلارنى يەنە ئۆلتۈرۈۋەتمەيمەن. ■ 22 يەر يۈزى مەۋجۇتلا بولىدىكەن تېرىم-يىغىم، ئىسسىق-سوغۇق، قىش-ياز، كېچە-كۈندۈزمۇ توختاپ قالمايدۇ» دېدى.