مۇسانىڭ تۇغۇلۇشى
2
1 لاۋىي جەمەتىدىن بولغان بىر كىشى لاۋىينىڭ نەسلىدىن بولغان بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئالدى. 2 بۇ ئايال ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرگىنىدە ئۇنى ئۈچ ئايغىچە يوشۇرۇپ ساقلىدى. 3 ئۇنى يەنە يوشۇرالمايدىغانلىقىنى بىلگىنىدە، قومۇشتىن بىر ساندۇق ياساپ، ئۇنى موم ۋە قارىماي بىلەن سۇۋاپ، بالىنى ئىچىگە سېلىپ، نىل دەرياسىنىڭ بويىدىكى قومۇشلۇققا قويۇپ قويدى. 4 بالىنىڭ ئاچىسى بولسا ئۇنىڭغا نېمە بولاركىن دەپ، يىراقتىن قاراپ تۇردى. 5 ئۇ چاغدا فىرئەۋننىڭ قىزى سۇغا چۆمۈلۈش ئۈچۈن دەرياغا چۈشتى. ئۇنىڭ كېنىزەكلىرى بولسا دەريانىڭ لېۋىدە ئايلىنىپ يۈرۈشتى. فىرئەۋننىڭ قىزى قومۇشلۇقنىڭ ئارىسىدىكى ساندۇقنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۆز كېنىزىكىنى ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. 6 ئۇ ساندۇقنى ئېچىپ قارىسا، يىغلاپ تۇرغان بىر ئوغۇل بالىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ: «بۇ ئىبرانىيلارنىڭ بالىلىرىدىن بىرى ئىكەن» دېدى. 7 بۇ چاغدا بالىنىڭ ئاچىسى فىرئەۋننىڭ قىزىدىن: «سەن ئۈچۈن بالىنى ئېمىتىپ باقىدىغان بىر ئىبرانىي ئانا تېپىپ كېلەيمۇ؟» دەپ سورىدى. 8 فىرئەۋننىڭ قىزى ئۇنىڭغا: «ماقۇل، بارغىن» دېگەندە ئۇ بېرىپ، بالىنىڭ ئانىسىنى چاقىرىپ كەلدى. 9 فىرئەۋننىڭ قىزى ئۇنىڭغا: «بۇ بالىنى ئېلىپ، مەن ئۈچۈن ئېمىتىپ چوڭ قىلساڭ، ساڭا ئىش ھەققىڭنى بېرىمەن» دېدى. ئايال بالىنى ئېلىپ، ئۇنى ئېمىتىپ باقتى. 10 بالا چوڭ بولغاندا ئانىسى ئۇنى فىرئەۋننىڭ قىزىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئۇ ئۇنىڭغا ئوغۇل بولدى. فىرئەۋننىڭ قىزى: «ئۇنى سۇدىن چىقىرىۋالدىم» دەپ، ئۇنىڭغا مۇسا دەپ ئات قويدى. ■
مۇسانىڭ بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈشى ۋە قېچىشى
11 مۇسا چوڭ بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىۋاتقىنىنى كۆردى. بۇ ئەسنادا ئۇ بىر مىسىرلىق ئادەمنىڭ ئۇنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىدىن بولغان بىر ئادەمنى ئۇرۇۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدى. 12 ئۇ ھەر تەرەپكە قاراپ، ھېچ كىشى بولمىغىنىنى كۆرگىنىدە، مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنى قۇمغا كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويدى. 13 ئەتىسى ئۇ يەنە بارغىنىدا، مانا، ئىككى ئىبرانىي ئادەم بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتاتتى. ئۇ ناھەق ئۇرۇش قىلغان كىشىگە: «ئۆز قېرىندىشىڭنى نېمىشقا ئۇرىسەن؟» دېدى. 14 ئۇ جاۋاب بېرىپ: «كىم سېنى ئۈستىمىزگە ھاكىم ياكى سوراقچى قىلىپ قويدى؟ مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟» دېدى. شۇنى دېسە، مۇسا قورقۇپ: «بۇ ئىش جەزمەن ئاشكارا بولۇپ قالدى» دەپ ئويلىدى.
15 فىرئەۋن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ قېلىپ، مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. لېكىن مۇسا فىرئەۋننىڭ ئالدىدىن قېچىپ چىقىپ، مىدىياننىڭ زېمىنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. ئۇ يەردە ئۇ بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ قالدى.
مۇسا مىدىياننىڭ كاھىنىنىڭكىدە ئولتۇرۇشى
16 مىدىياندىكى كاھىننىڭ يەتتە قىزى بار ئىدى. ئۇلار كېلىپ، سۇ تارتىپ، ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىش ئۈچۈن ئوقۇرلارنى تولدۇرۇشقا باشلىدى. 17 بۇ چاغدا پادىچىلار كېلىپ، ئۇلارنى ھەيدىۋەتمەكچى ئىدى، لېكىن مۇسا دەس تۇرۇپ، قىزلارغا ياردەم بېرىپ، قويلىرىنى سۇغىرىپ بەردى. 18 ئۇلار ئۆز ئاتىسى رېھۇئەلنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە، ئۇ ئۇلاردىن: «نېمىشقا بۈگۈن شۇنداق چاققان قايتىپ كەلدىڭلار؟» دەپ سورىدى. 19 ئۇلار: «بىر مىسىرلىق ئادەم بىزنى پادىچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، بىز ئۈچۈن سۇ تارتىپ، قويلارنى سۇغىرىپ بەردى» دەپ جاۋاب بېرىشتى. 20 ئۇ قىزلىرىغا: «ئۇ كىشى قەيەردە قالدى؟ نېمىشقا ئۇنى ئارقاڭلارغا قويۇپ كەلدىڭلار؟ ئۇنى تاماق يېيىشكە چاقىرىڭلار» دېدى. 21 مۇسا ئۇ كىشى بىلەن تۇرۇشقا رازى بولدى. ئۇ كىشى بولسا ئۆز قىزى زىپپورانى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى.
22 ئۇ ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغقاندا، مۇسا «مەن ياقا يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ قالدىم» دەپ، ئۇنىڭغا گەرشوم دەپ ئات قويدى. ■
23 ئۇزۇن بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۆلدى. لېكىن بەنى ئىسرائىل قۇللۇق ھالىتىدە ئاھ ئۇرۇپ پەرياد قىلغىنىدا، ئۇلارنىڭ قۇللۇقى سەۋەبلىك قىلغان نالە-پەريادى خۇداغا يەتتى. 24 خۇدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ئىبراھىم، ئىسئھاق ۋە ياقۇب بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى يادىغا ئالدى. 25 خۇدا بەنى ئىسرائىلنىڭ ھالىتىنى كۆردى ۋە خۇدا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلدى.