خۇدانىڭ مۇسانى چاقىرىشى
3
‏1 مۇسا بولسا مىدىياندا كاھىن بولغان قېيناتىسى يېترونىڭ قويلىرىنى باقاتتى. بىر كۈنى ئۇ قويلارنى ھەيدەپ چۆلدىن ئۆتۈپ خۇدانىڭ تېغىغا، يەنى خورېب تېغىغا كەلدى.    ‏2 ئۇ يەردە بىر تىكەنلىك چاتقال ئىچىدىن چىقىۋاتقان ئوت يالقۇنىدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا كۆرۈندى. ئۇ قارىسا، مانا، چاتقالدا ئوت يېنىۋاتاتتى، لېكىن چاتقال كۆيۈپ كەتمەيۋاتاتتى.    ‏3 مۇسا: «مەن ئۇ يەرگە چىقىپ، بۇ ئاجايىپ مەنزىرىگە سەپسېلىپ، تىكەنلىك چاتقالنىڭ نېمىشقا كۆيۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆرەي» دەپ ئويلىدى. ‏4 پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بۇنى كۆرگىلى بارغىنىنى كۆرگىنىدە، خۇدا تىكەنلىك چاتقال ئىچىدىن ئۇنى: «ئەي مۇسا، ئەي مۇسا» دەپ چاقىردى. مۇسا: «مانا مەن» دەپ جاۋاب بەردى. ‏5 خۇدا ئۇنىڭغا: «بۇ يەرگە يېقىن كەلمىگىن. چۈنكى سەن مۇقەددەس جايدا تۇرۇۋاتىسەن، پۇتلىرىڭدىن چورۇقلىرىڭنى سالغىن» دېدى. ‏6 ۋە يەنە: «مەن ئاتاڭنىڭ خۇداسى، ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسئھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇبنىڭ خۇداسىدۇرمەن» دېدى. بۇنى دېگەندە مۇسا خۇداغا قاراشتىن قورقۇپ، يۈزىنى يېپىۋالدى.
‏7 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «بەرھەق، مەن مىسىردا تۇرغان خەلقىمنىڭ دەرد-ئەلىمىنى كۆرۈپ، ئەمگەك نازارەتچىلىرىنىڭ زۇلۇمى سەۋەبلىك قىلغان نالە-پەريادىنى ئاڭلىدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. ‏8 مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ ئۇ زېمىندىن چىقىرىپ، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان ياخشى ۋە كەڭ بىر زېمىنغا، يەنى كەنئانلار، ھېتىتلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، خىۋۋىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چۈشتۈم. ‏9 مانا، بەنى ئىسرائىلنىڭ نالە-پەريادى ماڭا يەتتى ۋە مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارغا قىلغان زۇلۇمىنى كۆردۈم. ‏10 شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى بارغىن. مەن سېنى فىرئەۋننىڭ ئالدىغا ئەۋەتىمەن، چۈنكى مېنىڭ خەلقىم بەنى ئىسرائىلنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىسەن».
‏11 لېكىن مۇسا خۇداغا: «مەن كىمتىم، فىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، بەنى ئىسرائىلنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىدىغان؟» دېدى. ‏12 خۇدا ئۇنىڭغا: «مەن ساڭا يار بولىمەن. ئۆزۈم سېنى ئەۋەتكىنىمنىڭ ئالامىتى شۇ بولىدۇكى، سەن خەلقنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، سىلەر بۇ تاغدا خۇداغا ئىبادەت قىلىسىلەر» دېدى. ‏13 مۇسا خۇداغا: «مەن بەنى ئىسرائىلنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا: ‹ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى مېنى سىلەرگە ئەۋەتتى› دېگىنىمدە ئۇلار مەندىن: ‹ئۇنىڭ نامى نېمىدۇر؟› دەپ سورىسا، ئۇلارغا نېمە دەپ جاۋاب بېرەي؟» دېدى. ‏14 خۇدا مۇساغا: «مەن ‹مەڭگۈ بار بولغۇچى›دۇرمەن» دېدى. ئاندىن ئۇ: «بەنى ئىسرائىلغا: ‹مەڭگۈ بار بولغۇچى مېنى سىلەرگە ئەۋەتتى› دەپ ئېيتقىن» دېدى.    ‏15 خۇدا مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى: «بەنى ئىسرائىلغا: ‹ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى، ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسئھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇبنىڭ خۇداسى بولغان «ياھۋەھ» مېنى سىلەرگە ئەۋەتىپ: «ئەبەدكىچە بۇ مېنىڭ نامىم بولىدۇ. نەسىلدىن نەسىلگىچە بۇ نام بىلەن ئەسلىنىمەن» دېدى› دېگىن.    ‏16 ئەمدى بېرىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىپ ئۇلارغا: ‹ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى، ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسئھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇبنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ماڭا كۆرۈنۈپ: «مەن سىلەرنى يوقلاپ كېلىپ، مىسىردا سىلەرگە نېمە بولغىنىنى كۆردۈم. ‏17 شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن سىلەرنى مىسىردىكى زۇلۇمدىن چىقىرىپ، كەنئانلار، ھېتىتلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، خىۋۋىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنى بولغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن دەپ ۋەدە قىلدىم»› دېگىن. ‏18 ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدۇ. ئاندىن سەن ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن بىللە مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ‹ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بىزگە كۆرۈندى. ئەمدى ساڭا يالۋۇرىمىزكى، بىزنىڭ ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ چۆلگە بېرىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيسەن› دەڭلار. ‏19 لېكىن مىسىرنىڭ پادىشاھى، قۇدرەتلىك قولنىڭ بېسىمى بىلەنمۇ، يەنىلا سىلەرنى قويۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن.    ‏20 ئەمما مەن ئۆز قولۇمنى ئۇزىتىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆرسىتىدىغان ھەر خىل مۆجىزىلىرىم بىلەن مىسىرنى ئۇرغىنىمدىن كېيىن، ئۇ سىلەرنى قويۇپ بېرىدۇ. ‏21 بۇ خەلقنى مىسىرلىقلارنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈرىمەن. شۇنداقكى، سىلەر قۇرۇق قول كەتمەي، ‏22 بەلكى ھەربىر ئايال ئۆز ئايال قوشنىلىرىدىن ۋە ئۆز ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان يات ئاياللاردىن ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملار ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى سورىسۇن. بۇ نەرسىلەرنى ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىڭلارغا تاقاپ كىيدۈرىسىلەر. شۇ تەرىقىدە مىسىرلىقلاردىن ئولجا ئالغان بولىسىلەر».