خۇدا مۇسانى مىسىرغا ئەۋەتىدۇ
4
‏1 مۇسا جاۋاب بېرىپ: «ئۇلار ماڭا ئىشەنمەي، سۆزۈمگە قۇلاق سالماي، بەلكى: ‹پەرۋەردىگار ساڭا كۆرۈنمىدى› دېيىشى مۇمكىن» دېدى. ‏2 پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «بۇ قولۇڭدىكى نېمە؟» دەپ سورىدى. «بىر ھاسا» دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. ‏3 پەرۋەردىگار: «ئۇنى يەرگە تاشلىغىن» دېدى. مۇسا ئۇنى يەرگە تاشلىسا، ئۇ يىلانغا ئايلاندى. مۇسا ئۇنىڭدىن قاچتى. ‏4 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: «قولۇڭنى ئۇزىتىپ ئۇنىڭ قۇيرۇقىنى تۇتقىن» دېدى. ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ ئۇنى تۇتتى. ئۇ ئۇنىڭ قولىدا يەنە ھاسا بولۇپ قالدى. ‏5 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى، ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسئھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇبنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا كۆرۈنگىنىگە ئىشىنىدۇ» دېدى.
‏6 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: «قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن» دېدى. ئۇ قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقارسا، مانا، قولى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، قاردەك ئاقىرىپ كەتكەنىدى.    ‏7 ئاندىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «قولۇڭنى يەنە قوينۇڭغا سالغىن» دېدى. ئۇ قولىنى يەنە قوينىغا سېلىپ، ئاندىن يەنە قوينىدىن چىقارسا، مانا، ئۇ ئەسلىگە كېلىپ، بەدىنىنىڭ باشقا يەرلىرىگە ئوخشاش بولدى. ‏8 پەرۋەردىگار يەنە: «ئەگەر ئۇلار ساڭا ئىشەنمىسە ۋە ئاۋۋالقى مۆجىزىلىك كارامەتكە ئېتىبار قىلمىسا، ئىككىنچى مۆجىزىلىك كارامەتكە ئىشەنسۇن. ‏9 لېكىن ئۇلار بۇ ئىككى مۆجىزىگىمۇ ئىشەنمىسە ۋە سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىمىسا، سەن نىل دەرياسىنىڭ سۈيىدىن بىرئاز ئېلىپ، قۇرۇق يەرگە سەپكىن. شۇنداق قىلساڭ، سەن نىل دەرياسىدىن ئالغان سۇ، قۇرۇق يەر ئۈستىدە قانغا ئايلىنىدۇ» دېدى.
‏10 لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارغا: «ئەي ئىگەم، مەن گەپكە ئۇستا ئەمەسمەن. ئاۋۋالمۇ شۇنداق ئىدى، سەن خىزمەتكارىڭ بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىنمۇ يەنە شۇنداق، چۈنكى گېپى كەمتۈك، تىلى ئېغىر بىر ئادەممەن» دېدى. ‏11 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «ئادەمگە ئېغىز بەرگەن كىم؟ ئادەمنى گاچا ياكى گاس، كۆرەلەيدىغان ياكى كور قىلغۇچى كىم؟ مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ ‏12 ئەمدى سەن بارغىن. مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئاغزىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، نېمە سۆزلەيدىغىنىڭنى ساڭا ئۆگىتىمەن» دېدى. ‏13 لېكىن مۇسا: «ئەي ئىگەم، سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، سەن خالىغان باشقا كىشىنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ قولى بىلەن بۇ ئىشنى قىلغىن» دېدى. ‏14 پەرۋەردىگار مۇساغا غەزەپلىنىپ مۇنداق دېدى: «لاۋىيلاردىن بولغان ھارۇن ئاكاڭ ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئوبدان گەپ قىلالايدىغىنىنى بىلىمەن. مانا، ئۇ سېنى قارشى ئېلىشقا چىقتى. ئۇ سېنى كۆرگەندە كۆڭلى خۇش بولىدۇ. ‏15 سەن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ، ئېيتىدىغان سۆزلەرنى ئاغزىغا سالىسەن. مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئاغزىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاغزى بىلەن بىللە بولىمەن. نېمە قىلىشىڭلار كېرەكلىكىنى سىلەرگە ئۆگىتىپ تۇرىمەن. ‏16 ھارۇن سېنىڭ ئورنۇڭدا خەلققە سۆز قىلىپ، سېنىڭ ئاغزىڭ بولىدۇ. سەن بولساڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا كەبى بولىسەن. ‏17 بۇ ھاسىنى قولۇڭدا تۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن مۆجىزىلىك كارامەتلەرنى كۆرسىتىسەن».
 
مۇسانىڭ مىسىرغا قايتىشى
‏18 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۆز قېيناتىسى يېترونىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: «ماڭا ئىجازەت بەرگىن. مىسىردىكى ئۆز قېرىنداشلىرىمنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلار ھاياتمۇ ئەمەسمۇ، كۆرۈپ كېلەي» دېدى. يېترو بولسا مۇساغا: «تىنچ-ئامان بېرىپ كەلگىن» دېدى. ‏19 پەرۋەردىگار مىدىياندا مۇساغا: «مىسىرغا قايتىپ بارغىن، چۈنكى سېنىڭ جېنىڭنى ئالماقچى بولغان كىشىلەر ئۆلۈپ كەتتى» دېدى.
‏20 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئايالى ۋە ئوغۇللىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى ئېشەككە مىندۈرۈپ، مىسىرغا قايتىشقا يولغا چىقتى. مۇسا خۇدانىڭ ھاسىسىنى قولىغا ئېلىپ ماڭدى. ‏21 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: «مىسىرغا قايتىپ بارغىنىڭدا سەن ئاگاھ بولۇپ، مەن ساڭا قىلىشقا قۇدرەت بەرگەن مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسىنى فىرئەۋننىڭ ئالدىدا كۆرسەتكىن. لېكىن مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، خەلقنى قويۇپ بەرمەيدىغان قىلىمەن. ‏22 ئۇ چاغدا سەن فىرئەۋنگە: ‹پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم بولىدۇ. ‏23 مەن ساڭا: ‹ئوغلۇمنى ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن قويۇپ بەرگىن› دېگەن بولساممۇ، سەن ئۇنى قويۇپ بەرمىدىڭ. بۇ سەۋەبتىن مەن ئەمدى سېنىڭ تۇنجى ئوغلۇڭنى ئۆلتۈرىمەن»› دېگىن».
 
‏24 ئۇلار سەپەر قىلغىنىدا، پەرۋەردىگار بىر قونالغۇدا ئۇنىڭغا ئۇچراپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ‏25 بۇ ئەسنادا زىپپورا بىر ئىتتىك چاقماق تېشىنى ئېلىپ، ئۆز ئوغلىنىڭ خەتنە تېرىسىنى كېسىپ، ئۇنى مۇسانىڭ پۇتىغا تەگكۈزۈپ: «سەن مەن ئۈچۈن بىر قانلىق توي يىگىتىسەن» دېدى. ‏26 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى قويۇپ بەردى. بۇ چاغدا زىپپوراھ خەتنىنىڭ سەۋەبىدىن «بىر قانلىق توي يىگىتى!» دېگەنىدى.
 
‏27 پەرۋەردىگار ھارۇنغا: «مۇسا بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بارغىن» دېگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ خۇدانىڭ تېغىدا مۇسا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنى سۆيدى. ‏28 مۇسا ئۆزىنى ئەۋەتكەن پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ۋە كۆرسىتىشكە بۇيرۇغان مۆجىزىلىك كارامەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ھارۇنغا ئېيتىپ بەردى.
‏29 ئاندىن كېيىن مۇسا ۋە ھارۇن بېرىپ، بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرىنى يىغدى. ‏30 ھارۇن ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى بايان قىلىپ بېرىپ، خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا مۆجىزىلىك كارامەتلەرنى كۆرسەتتى. ‏31 خەلق بۇنى كۆرۈپ ئىشەندى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بەنى ئىسرائىلنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ زۇلۇم ئاستىدا ئىكەنلىكىگە ئېتىبار بەرگىنىنى ئاڭلىغىنىدا، باشلىرىنى ئېگىپ سەجدە قىلىشتى.