مۇسا ۋە ھارۇن فىرەۋننىڭ قېشىغا بارىدۇ
5
1 ئاندىن كېيىن مۇسا ۋە ھارۇن فىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹خەلقىمنى مەن ئۈچۈن چۆلدە ھېيت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قويۇپ بەرگىن› » دېدى. 2 لېكىن فىرئەۋن ئۇلارغا: «مەن ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىسرائىلنى قويۇپ بېرىدىغان پەرۋەردىگار كىم بولىدۇ؟ مەن پەرۋەردىگارنى تونۇمايمەن، ئىسرائىلنىمۇ قويۇپ بەرمەيمەن» دېدى. ■ 3 ئۇلار سۆز قىلىپ: «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى بىزگە كۆرۈندى. شۇڭا ئۆتۈنىمىزكى، بىزگە چۆل ئىچىگە ئۈچ كۈنلۈك يول يۈرۈپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيسەن، بولمىسا ئۇ ئۈستىمىزگە ۋابا ياكى قىلىچ ئەۋەتىشى مۇمكىن» دېدى. 4 لېكىن مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۇلارغا: «ئەي مۇسا ۋە ھارۇن، نېمىشقا خەلقنى ئىشلىرىدىن توختىتىسىلەر؟ بېرىپ، ئىشىڭلارنى قىلىڭلار» دېدى. 5 فىرئەۋن يەنە: «مانا، خەلق زېمىندا زىيادە ئاۋۇپ كەتتى. سىلەر بولساڭلار ئۇلارنى ھاشار مەجبۇرىيىتىدىن ئازاد قىلماقچىسىلەر» دېدى. 6 شۇ كۈنى فىرئەۋن خەلقنىڭ ئەمگەك نازارەتچىلىرى ۋە ھەيدەكچىلىرىگە بۇيرۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: 7 «خەلققە ئىلگىرىكىدەك خىش قۇيۇشقا سامان بەرمەڭلار، ئۇلار ئۆزلىرى سامان يىغسۇن. 8 لېكىن ئۇلار ئىلگىرى قانچىلىك خىش قۇيۇپ كەلگەن بولسا، ھېلىمۇ كەم قىلماي، شۇنچىلىك خىش قۇيدۇرۇڭلار. چۈنكى ئۇلار ھۇرۇن، شۇڭا ئۇلار: ‹خۇدايىمىزغا قۇربانلىق قىلغىلى بېرىشىمىزغا ئىجازەت بەرگىن› دەپ ۋارقىرىشىپ تۇرىدۇ. 9 بۇ ئادەملەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، يالغان گەپلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن، ئېغىر ئەمگەككە سېلىنسۇن».
10 شۇنىڭ بىلەن، خەلقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان ئەمگەك نازارەتچىلىرى ۋە ھەيدەكچىلەر بېرىپ، خەلققە: «فىرئەۋن مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرگە سامان بەرمەيدىغان بولدۇم. 11 ئۆزۈڭلار بېرىپ قەيەردىن سامان تاپالىساڭلار، ئېلىپ كېلىڭلار، لېكىن قىلىدىغان ئىشلىرىڭلار قىلدەكمۇ كېمەيتىلمەيدۇ›» دېيىشتى. 12 بۇنىڭ بىلەن خەلق پۈتۈن مىسىرنىڭ زېمىنىغا تارىلىپ، سامان ئورنىغا قۇرۇق پاھاللارنى يىغىشقا باشلىدى. 13 ئەمگەك نازارەتچىلىرى بولسا ئۇلارنى ئالدىرىتىپ: «سىلەرگە سامان بېرىلگەن چاغدىكىدەك ھەر كۈنلۈك ئىشنى شۇ كۈنى ئورۇنلاڭلار» دېدى. 14 فىرئەۋننىڭ ئەمگەك نازارەتچىلىرى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن بەنى ئىسرائىلدىن بولغان ھەيدەكچىلەر تاياق يەپ: «نېمىشقا تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن ئىلگىرىكىدەك سىلەرگە تەقسىم قىلىنغان خىش قۇيدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىمىدىڭلار؟» دەپ سوراق قىلىندى. 15 شۇڭا بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەيدەكچىلىرى فىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ: «نېمىشقا ئۆز قۇللىرىڭغا مۇنداق قىلىسەن؟ 16 ئۇلار ئۆز قۇللىرىڭغا سامان بەرمىسىمۇ: ‹خىش قۇيدۇرۇڭلار› دەپ بىزگە بۇيرۇپ تۇرىدۇ. مانا، قۇللىرىڭ تاياق يەيدۇ، ئەمما گۇناھ ئۆزۈڭنىڭ ئادەملىرىدە» دەپ پەرياد قىلىشتى. 17 لېكىن فىرئەۋ ئۇلارغا: «بەرھەق، ھۇرۇن ئىكەنسىلەر! ھۇرۇن بولغىنىڭلار ئۈچۈن: ‹بىز بېرىپ، پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشقا بىزگە ئىجازەت بەرگەيسەن› دەۋاتىسىلەر. 18 ئەمدى بېرىپ، ئىشىڭلارنى قىلىڭلار. سىلەرگە سامان بېرىلمەيدۇ، لېكىن سىلەر تاپشۇرىدىغان خىشنىڭ سانى ئاۋۋالقىدەك بولىدۇ» دېدى.
19 «سىلەر ھەر كۈنى قۇيىدىغان خىشلارنىڭ سانىنى ھېچ كېمەيتمەيسىلەر» دەپ بۇيرۇلغىنىدا، بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەيدەكچىلىرى بېشىغا بالا-قازا كەلگىنىنى بىلىشتى.
20 ئۇلار فىرئەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كېلىۋاتقىنىدا، ئۇ يەردە ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن ئۇچرىشىپ، 21 ئۇلارغا: «سىلەر فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ بىزدىن سەسكىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ، ئۇلارنىڭ قولىغا بىزنى ئۆلتۈرۈشكە قىلىچ تۇتقۇزغىنىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم قىلسۇن» دېيىشتى.
خۇدا بەنى ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇشقا ۋەدە قىلىدۇ
22 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قايتىپ بېرىپ: «ئەي ئىگەم، نېمىشقا بۇ خەلقنى بالاغا تىقتىڭ؟ نېمىشقا مېنى ئەۋەتتىڭ؟ 23 مەن فىرئەۋننىڭ ئالدىغا كېلىپ، سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆز قىلغىنىمدىن تارتىپ، ئۇ بۇ خەلققە يامانلىق قىلىپ كەلدى. ئەمما سەن ئۆز خەلقىڭنى ھېچ قۇتقۇزمىدىڭ» دېدى.