6
‏1 لېكىن پەرۋەردىگار مۇساغا: «ئەمدى سەن فىرئەۋنگە قىلىدىغىنىمنى كۆرىسەن. چۈنكى ئۇ بىر كۈچلۈك قول تەرىپىدىن زورلىنىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىدۇ، بىر قۇدرەتلىك قولنىڭ سەۋەبىدىن ئۇلارنى ئۆز زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ» دېدى. ‏2 ئاندىن كېيىن خۇدا مۇساغا مۇنداق دېدى: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ‏3 ئىبراھىم، ئىسئھاق ۋە ياقۇبقا ھەممىگە قادىر خۇدا بولۇپ كۆرۈندۈم، لېكىن ئۇلارغا ‹ياھۋەھ› دېگەن نامىم بىلەن ئاشكارا بولمىدىم.    ‏4 مەن ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلار مۇساپىر بولۇپ تۇرغان زېمىننى، يەنى كەنئان زېمىنىنى ئۆزلىرىگە بېرىشكە ۋەدە قىلدىم. ‏5 ئەمدى مىسىرلىقلار تەرىپىدىن قۇللۇقتا تۇتۇلغان بەنى ئىسرائىلنىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلاپ، تۈزگەن ئەھدەمنى ئېسىمگە ئالدىم. ‏6 شۇنىڭ ئۈچۈن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹مەن، پەرۋەردىگار، سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ يۈكلىرى ئاستىدىن چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلىمەن. مەن بىلىكىمنى ئۇزىتىپ ئۇلارغا ئېغىر جازالارنى بېرىپ، سىلەرنى قۇتۇلدۇرىمەن. ‏7 مەن سىلەرنى ئۆز خەلقىم قىلىمەن ۋە ئۆزۈم سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. شۇ چاغدا مېنىڭ سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ يۈكلىرىنىڭ ئاستىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغۇچى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. ‏8 مەن سىلەرنى ئىبراھىم، ئىسئھاق ۋە ياقۇبقا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى سىلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىشقا بېرىمەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن›». ‏9 بۇ سۆزلەرنى مۇسا بەنى ئىسرائىلغا ئېيتىپ بەردى، لېكىن ئۇلار قۇللۇق ئازابىدىن باش كۆتۈرەلمىگەچكە، ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى.
‏10 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: ‏11 «بېرىپ، مىسىرنىڭ پادىشاھى فىرئەۋنگە: ‹بەنى ئىسرائىلنىڭ ئۆز زېمىنىڭدىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويغىن› دەپ ئېيتقىن» دېدى. ‏12 لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: «مانا، بەنى ئىسرائىل ماڭا قۇلاق سالمىغان يەردە، فىرئەۋن مەندەك خەتنىسىز لەۋلىرى بار بىر ئادەمگە قانداق قۇلاق سالسۇن؟» دېدى.   
 
‏13 ئەمما پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا سۆزلەپ ئەمر قىلىپ، بەنى ئىسرائىلنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئۇلارنى بەنى ئىسرائىل ۋە مىسىرنىڭ پادىشاھى فىرئەۋنگە ئەۋەتتى.
 
رۇبەن، شىمون ۋە لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى
‏14 تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى. ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى: خانوك، پاللۇ، خەزرون ۋە كارمى ئىدى. بۇلار رۇبەننىڭ نەسىللىرى ئىدى.
‏15 شىموننىڭ ئوغۇللىرى: يېمۇئەل، يامىن، ئوھاد، ياكىن، زوخار ۋە كەنئانلىق ئايالىدىن بولغان ئوغلى شائۇل ئىدى. بۇلار شىموننىڭ نەسىللىرى ئىدى.
‏16 لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى نەسەبنامىلىرى بويىچە: گەرشون، قوھات ۋە مەرارى ئىدى. لاۋىي بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى.
 
‏17 گەرشوننىڭ ئوغۇللىرى ئۆز نەسىللىرى بويىچە: لىبنى ۋە شىمەي ئىدى.
‏18 قوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، يىزھار، خېبرون ۋە ئۇززىئەل ئىدى. قوھات بىر يۈز ئوتتۇز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆردى.
‏19 مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى ماخلى ۋە مۇشى ئىدى. بۇلار نەسەبنامىلىرى بويىچە لاۋىينىڭ نەسىللىرى ئىدى.
 
‏20 ئامرام بولسا ئۆز ھاممىسى يوكەبەدنى خوتۇنلۇققا ئالدى. ئۇ ئۇنىڭغا ھارۇن ۋە مۇسانى تۇغۇپ بەردى. ئامرام بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى.
‏21 يىزھارنىڭ ئوغۇللىرى قوراھ، نېفەگ ۋە زىكرى ئىدى.
‏22 ئۇززىئەلنىڭ ئوغۇللىرى مىشائەل، ئەلىزافان ۋە سىترى ئىدى.
‏23 ھارۇن بولسا ناھشوننىڭ سىڭلىسىنى، يەنى ئامىنادابنىڭ قىزى ئەلىشېبانى خوتۇنلۇققا ئالدى. ئۇ ئۇنىڭغا ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامارنى تۇغۇپ بەردى.
‏24 قوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئاسسىر، ئەلقانا ۋە ئابىياساف ئىدى. بۇلار قوراھىيلارنىڭ نەسىللىرى ئىدى.
 
‏25 ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار، پۇتىئەلنىڭ قىزلىرىدىن بىرىنى خوتۇنلۇققا ئالدى. ئۇ ئۇنىڭغا پىنىخاسنى تۇغۇپ بەردى. بۇلار ئۆز نەسىللىرى بويىچە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى.
 
‏26 «بەنى ئىسرائىلنى ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى بويىچە مىسىردىن ئېلىپ چىقىڭلار» دەپ پەرۋەردىگاردىن ئەمر ئالغانلار مۇشۇ ھارۇن ۋە مۇسا ئىدى. ‏27 بەنى ئىسرائىلنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ پادىشاھى فىرئەۋنگە سۆز قىلغان كىشىلەرمۇ مۇشۇ ھارۇن ۋە مۇسا ئىدى.
 
مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يەنە فىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىشى
‏28 پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ زېمىنىدا مۇساغا سۆز قىلغىنىدا، ‏29 مۇساغا: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ساڭا قىلغان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى مىسىرنىڭ پادىشاھى فىرئەۋنگە يەتكۈزگىن» دېدى. ‏30 لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: «مەندەك خەتنىسىز لەۋلىرى بار بىر كىشىگە فىرئەۋن قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن؟» دېدى.