7
1 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: «مانا، مەن سېنى فىرئەۋنگە خۇدادەك قىلىپ قويدۇم. ئاكاڭ ھارۇن بولسا سېنىڭ پەيغەمبىرىڭ بولسۇن. 2 مەن ساڭا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرىسەن. ئاندىن كېيىن ئاكاڭ ھارۇن فىرئەۋنگە ئۇنىڭ بەنى ئىسرائىلنىڭ ئۆز زېمىنىدىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويۇشى توغرىسىدا سۆز قىلسۇن. 3 لېكىن مەن فىرئەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، مىسىر زېمىنىدا كارامەت ۋە مۆجىزىلىرىمنى كۆپلەپ كۆرسىتىمەن. 4 شۇنداقتىمۇ، فىرئەۋن سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ. ئەمما مەن مىسىرنىڭ ئۈستىگە قولۇمنى ئۇزىتىپ، ئۇلارغا ئېغىر جازالارنى بېرىپ، قوشۇنلىرىم بولغان ئۆز خەلقىم بەنى ئىسرائىلنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىمەن. 5 ئۆز قولۇمنى مىسىرنىڭ ئۈستىگە ئۇزىتىپ، بەنى ئىسرائىلنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقارغىنىمدا مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». 6 مۇسا ۋە ھارۇن پەرۋەردىگار ئۇلارغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، شۇنداق قىلدى. 7 فىرئەۋنگە سۆز قىلغان ۋاقىتتا مۇسا سەكسەن ياشتا، ھارۇن بولسا سەكسەن ئۈچ ياشتا ئىدى.
8 پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا سۆز قىلىپ: 9 «فىرئەۋن سىلەرگە: ‹بىر مۆجىزە كۆرسىتىڭلار› دېسە، سەن ھارۇنغا: ‹ھاساڭنى ئېلىپ، فىرئەۋننىڭ ئالدىغا تاشلىغىن› دېگىن. شۇنداق قىلىشىڭلار بىلەن ھاسا چوڭ بىر يىلانغا ئايلىنىدۇ» دېدى. ■ 10 مۇسا ۋە ھارۇن فىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرۋەردىگار بۇيرۇغاندەك قىلىپ، ھارۇن ئۆز ھاسىسىنى فىرئەۋن ۋە خىزمەتكارلىرىنىڭ ئالدىغا تاشلىسا، ئۇ بىر يىلانغا ئايلاندى. 11 شۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن دانىشمەنلەر ۋە جادۇگەرلەرنى چاقىرتىپ كەلتۈردى. مىسىرنىڭ جادۇگەرلىرىمۇ ئۆز جادۇسى بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلدى. 12 ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ھاسىسىنى تاشلىغىنىدا ئۇلارمۇ يىلانغا ئايلاندى. لېكىن ھارۇننىڭ ھاسىسى ئۇلارنىڭ ھاسىلىرىنى يۇتۇۋەتتى. 13 ئەمما فىرئەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق جاھىل بولۇپ، ئۇ خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.
توققۇز ئاپەت
14 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: «فىرئەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق جاھىل، ئۇ خەلقنى قويۇپ بەرمەيدۇ. 15 ئەمدى سەن تاڭ سەھەردە فىرئەۋننىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇ دەريادىن چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن دەريانىڭ لېۋىدە كۈتۈپ تۇرغىن. ئىلگىرى يىلانغا ئايلانغان ھاسىنى قولۇڭغا ئېلىپ، 16 ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ‹ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مېنى ئالدىڭغا: «خەلقىمنى چۆلدە ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن قويۇپ بەرگىن» دېيىشكە ئەۋەتتى. لېكىن مانا، بۇ ۋاقىتقىچە قۇلاق سالمىدىڭ. 17 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار: «مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى شۇنىڭدىن بىلىسەن» دەيدۇ: مانا، مەن قولۇمدىكى ھاسا بىلەن نىل دەرياسىنىڭ سۈيىگە ئۇرسام، بۇ سۇ قانغا ئايلىنىدۇ. 18 دەريادىكى بېلىقلار ئۆلىدۇ، دەريانىڭ سۈيى بولسا سېسىپ كېتىدۇ. مىسىرلىقلارنىڭ كۆڭلىمۇ ئاينىپ، دەريانىڭ سۈيىدىن ئىچەلمەيدىغان بولىدۇ›». 19 پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە سۆز قىلىپ: «سەن ھارۇنغا: ‹ھاساڭنى ئېلىپ، قولۇڭنى مىسىرلىقلارنىڭ سۇلىرى، يەنى ئېقىنلىرى، ئۆستەڭلىرى، كۆللىرى ۋە سۇ ئامبارلىرى تەرەپكە ئۇزاتقىن. شۇنداق قىلساڭ، پۈتۈن مىسىر زېمىنىدىكى سۇلار، ھەتتا ياغاچ ۋە تاش قاچىلار ئىچىدىكى سۇلارمۇ قانغا ئايلىنىدۇ› دەپ ئېيتقىن» دېدى.
20 مۇسا ۋە ھارۇن پەرۋەردىگار بۇيرۇغاندەك قىلىپ، ھارۇن فىرئەۋن ۋە خىزمەتكارلىرىنىڭ ئالدىدا ھاسىنى كۆتۈرۈپ، نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۇرغىنىدا، پۈتۈن دەريانىڭ سۈيى قانغا ئايلىنىپ كەتتى. 21 دەريادىكى بېلىقلار ئۆلدى ۋە دەريانىڭ سۈيى سېسىپ كەتتى. مىسىرلىقلار دەريانىڭ سۈيىدىن ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. مىسىرنىڭ پۈتۈن زېمىنى قانغا تولدى. 22 لېكىن مىسىرنىڭ جادۇگەرلىرىمۇ ئۆز جادۇسى بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلدى. بۇ سەۋەبتىن فىرئەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق جاھىل بولۇپ، پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك ئۇ ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. 23 ئەكسىچە فىرئەۋن ئۆيىگە قايتىپ كېتىپ، بۇ ئىشقا ھېچ پەرۋا قىلمىدى.
24 دەريانىڭ سۈيىنى ئىچەلمىگىنى ئۈچۈن، مىسىرلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىچىدىغان سۇ ئىزدەپ دەريانىڭ چۆرىسىنى كولىدى. 25 پەرۋەردىگار نىل دەرياسىنى ئۇرغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئۆتتى.
26 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار مۇساغا: «فىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ‹پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلغىلى بېرىشىغا يول قويغىن. 27 ئەگەر ئۇلارنى قويۇپ بەرمىسەڭ، پۈتۈن زېمىنىڭنى پاقىلار بىلەن تولدۇرۇۋېتىمەن. 28 نىل دەرياسىدا نۇرغۇن پاقا پەيدا بولۇپ، سېنىڭ ھويلاڭ ۋە ھۇجراڭغا كىرىپ، ئورۇن-كۆرپىلىرىڭگە چىقىۋالىدۇ. ئۇلار خىزمەتكارلىرىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ كىرىپ، ھەتتا تونۇر ۋە تەڭنىلىرىڭگە سەكرەپ كىرىۋالىدۇ. 29 ئۆزۈڭ، خەلقىڭ ۋە ھەممە خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ئۈستىگە پاقىلار سەكرەپ يامىشىپ چىقىۋالىدۇ»› دېگىن» دېدى.