8
1 پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە سۆز قىلىپ: «سەن ھارۇنغا: ‹پاقىلارنىڭ مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە چىقىشى ئۈچۈن ھاسا تۇتقان قولۇڭنى ئېقىنلار، ئۆستەڭلەر ۋە كۆللەر تەرەپكە ئۇزاتقىن› دەپ ئېيتقىن» دېدى. 2 ھارۇن ئۆز قولىنى مىسىرنىڭ سۇلىرى تەرەپكە ئۇزاتتى. شۇنداق قىلغاندا، پاقىلار چىقىپ مىسىر زېمىنىنى باستى. 3 لېكىن جادۇگەرلەرمۇ ئۆز جادۇسى بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلىپ، مىسىر زېمىنىغا پاقا چىقاردى. 4 فىرئەۋن مۇسا ۋە ھارۇننى چاقىرتىپ: «پاقىلارنىڭ مەن بىلەن خەلقىمدىن يىراق كېتىشى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىڭلار. ئاندىن كېيىن مەن خەلقنىڭ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلغىلى بېرىشىغا ئىجازەت بېرىمەن» دېدى. 5 مۇسا فىرئەۋنگە: «پاقىلارنىڭ پەقەت نىل دەرياسىدا قېلىپ، ئۆزۈڭدىن ۋە ئۆيلىرىڭدىن يىراق كېتىشى ئۈچۈن، سېنىڭ ھەم خىزمەتكارلىرىڭ ۋە خەلقىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغان ۋاقتىمنى سەن بېكىتكىن» دېدى. 6 «ئەتە بولسۇن» دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. مۇسا: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئوخشىشى يوقلۇقىنى بىلىشىڭ ئۈچۈن سېنىڭ ئېيتقىنىڭدەك بولسۇن. 7 پاقىلار سەندىن، ئۆيلىرىڭدىن، خىزمەتكارلىرىڭ ۋە خەلقىڭدىن يىراق كېتىپ، پەقەت نىل دەرياسىدا قالىدۇ» دېدى. 8 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ۋە ھارۇن فىرئەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. مۇسا فىرئەۋننىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىلگەن پاقىلار توغرىسىدا پەرۋەردىگارغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلدى. 9 پەرۋەردىگار مۇسانىڭ تىلىگىنىنى ئورۇنلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاقىلار ئۆلۈپ، ئۆي، ھويلا ۋە ئېتىزلاردىن يوق بولۇپ كەتتى. 10 خەلق ئۇلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ توپلىدى، پۈتۈن زېمىن سېسىقچىلىققا تولدى. 11 لېكىن فىرئەۋن پاقىلاردىن خالاس بولغىنىنى كۆرگەندە قاتتىق جاھىللىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. 12 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار مۇساغا: «سەن ھارۇنغا: ‹ھاساڭنى ئۇزىتىپ يەرنىڭ توپىسىغا ئۇرغىن. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مىسىر زېمىنىدىكى توپا-چاڭلار پاشىغا ئايلىنىدۇ› دەپ ئېيتقىن» دېدى. 13 ئۇلار شۇنداق قىلدى. ھارۇن قولىنى ئۇزىتىپ ھاسىسى بىلەن يەردىكى توپىغا ئۇرسا، ئادەم ۋە ھايۋانلارنى پاشا بېسىپ كەتتى. پۈتۈن مىسىر زېمىنىدىكى ھەممە يەرنىڭ توپا-توزانلىرى پاشىغا ئايلاندى. 14 جادۇگەرلەر ئۆز جادۇسى بىلەن پاشا پەيدا قىلىشقا تىرىشسىمۇ، ئۇلارنى پەيدا قىلالمىدى. پاشىلار ھەم ئادەملەرنىڭ، ھەم ھايۋانلارنىڭ ئۈستىبېشىنى قاپلاپ كەتتى. 15 جادۇگەرلەر فىرئەۋنگە: «بۇ ئىشتا خۇدانىڭ بارمىقى بار» دېيىشتى. لېكىن فىرئەۋن قاتتىق جاھىللىق قىلىپ، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.
16 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: «تاڭ سەھەر قوپۇپ، فىرئەۋن دەريا بويىغا چىققىنىدا ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭغا: ‹پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن خەلقىمنى قويۇپ بەرگىن. 17 ئەگەر خەلقىمنى قويۇپ بەرمىسەڭ، مانا، مەن ئۆزۈڭگە، خىزمەتكارلىرىڭ، خەلقىڭ ۋە ئۆيلىرىڭگە چىۋىن توپلىرى ئەۋەتىمەن. شۇنداقكى، مىسىرلىقلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە ئۇلار تۇرۇۋاتقان تۇپراقمۇ چىۋىنلار بىلەن تولۇپ تاشىدۇ. 18 لېكىن ئۇ كۈندە ئۆز خەلقىم تۇرۇۋاتقان گوشەن ۋىلايىتىنى ئايرىپ قويىمەن. شۇنداقكى، ئۇ يەردە چىۋىن توپلىرى تېپىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ بۇ زېمىندا پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن. 19 بۇ تەرىقىدە ئۆز خەلقىمنى سېنىڭ خەلقىڭدىن پەرقلەندۈرىمەن. بۇ مۆجىزىلىك كارامەت ئەتە كۆرۈلىدۇ»› دېگىن». 20 پەرۋەردىگار دېگىنىنى قىلدى. چىۋىنلار توپ-توپ چىقىپ، فىرئەۋن ۋە خىزمەتكارلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، پۈتۈن مىسىر زېمىنىنى بېسىپ ۋەيران قىلدى. 21 فىرئەۋن مۇسا ۋە ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا: «بېرىپ، مۇشۇ زېمىندا خۇدايىڭلارغا قۇربانلىق قىلىڭلار» دېدى. 22 لېكىن مۇسا جاۋاب بېرىپ: «ئۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۈچۈن قىلىدىغان قۇربانلىق مىسىرلىقلارغا يىرگىنچلىك كۆرۈنىدۇ. ئەمدى بىز مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلار يىرگىنچلىك كۆرگەن نەرسىنى قۇربانلىق قىلساق، ئۇلار بىزنى چالما-كېسەك قىلىۋەتمەمدۇ؟ 23 بۇنىڭ ئۈچۈن بىز چۆل-باياۋانغا بېرىپ ئۈچ كۈنلۈك يول مېڭىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە بۇيرۇغىنىدەك ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشىمىز كېرەك» دېدى. 24 فىرئەۋن: «سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۈچۈن چۆل-باياۋاندا قۇربانلىق قىلغىلى بېرىشىڭلارغا ئىجازەت بېرىمەن. لېكىن بەك يىراق كېتىپ قالماڭلار. مەن ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار» دېدى. 25 مۇسا جاۋاب بېرىپ: «مانا، مەن سېنىڭ ئالدىڭدىن چىقىپ، پەرۋەردىگاردىن: ‹ئەتە چىۋىن توپلىرى فىرئەۋن، خىزمەتكارلىرى ۋە خەلقىدىن چىقىپ كەتسۇن› دەپ تىلەپ دۇئا قىلىمەن. لېكىن فىرئەۋن يەنە ھىيلىگەرلىك قىلىپ، خەلقنى پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلغىلى بېرىشتىن توسمىسۇن» دېدى. 26 مۇسا فىرئەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلدى. 27 پەرۋەردىگار مۇسا تىلىگىنىدەك قىلىپ، فىرئەۋن، خىزمەتكارلىرى ۋە خەلقتىن چىۋىن توپلىرىنى چىقىرىۋەتتى. شۇنداقكى، بىر تالمۇ قالمىدى. 28 لېكىن فىرئەۋن بۇ نۆۋەتمۇ قاتتىق جاھىللىق قىلىپ، خەلقنى قويۇپ بەرمىدى.