9
1 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: «فىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ‹ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن خەلقىمنى قويۇپ بەرگىن. 2 ئەگەر ئۇلارنى قويۇپ بەرمەي تۇتۇپ تۇرساڭ، 3 مانا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئېتىزلىقتىكى چارۋا ماللارنىڭ ئۈستىگە، يەنى ئات، ئېشەك، تۆگە، كالا ۋە قويلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئېغىر بىر ۋابا كەلتۈرىدۇ. 4 لېكىن پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ چارۋىلىرىنى مىسىرلىقلارنىڭ چارۋىلىرىدىن پەرقلەندۈرىدۇ. بۇ تەرىقىدە ئىسرائىلنىڭ چارۋىلىرىدىن ھېچبىرى ئۆلمەيدۇ»› دەپ ئېيتقىن» دېدى. 5 ئاندىن پەرۋەردىگار بىر ۋاقىتنى توختىتىپ: «ئەتە پەرۋەردىگار بۇ زېمىندا مۇنداق قىلىدۇ» دېدى. 6 ئەتىسى پەرۋەردىگار شۇنداق قىلدى. مىسىرلىقلارنىڭ ھەممە چارۋىلىرى ئۆلۈپ كەتتى، لېكىن بەنى ئىسرائىلنىڭ چارۋىلىرىدىن بىرىسىمۇ ئۆلمىدى. 7 فىرئەۋن كىشى ئەۋەتىپ تەكشۈرتسە، مانا، ئىسرائىلنىڭ چارۋا ماللىرىدىن ھېچبىرى ئۆلمىگەن ئىكەن. لېكىن فىرئەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق جاھىل بولغاچ، خەلقنى قويۇپ بەرمىدى. 8 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا: «خۇمداننىڭ كۈلىدىن سىقىملاپ ئېلىڭلار. ئاندىن كېيىن مۇسا ئۇنى فىرئەۋننىڭ كۆز ئالدىدا ھاۋاغا چاچسۇن. 9 شۇنداق قىلىشى بىلەن كۈل پۈتۈن مىسىرنىڭ زېمىنىغا تارقىلىدىغان چاڭ-توزانغا ئايلىنىپ، ئادەملەر ۋە ھايۋانلارغا چۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مىسىر زېمىنىدا ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىدە يىرىڭلىق چاقىلار پەيدا بولىدۇ» دېدى. 10 ئۇلار خۇمداندىن كۈل ئېلىپ، فىرئەۋننىڭ ئالدىغا بارغىنىدا، مۇسا ئۇنى ھاۋاغا چاچتى. شۇنىڭ بىلەن ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدە يىرىڭلىق چاقىلار پەيدا بولدى. 11 جادۇگەرلەر، چاقىنىڭ دەستىدىن مۇسانىڭ ئالدىدا تۇرالماي قالدى. چۈنكى باشقا مىسىرلىقلارنىڭكىگە ئوخشاش جادۇگەرلەرنىڭ بەدىنىگىمۇ يىرىڭلىق چاقىلار يامراپ كەتكەنىدى. 12 لېكىن پەرۋەردىگار فىرئەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقىنىدەك ئۇ ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.
13 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: «تاڭ سەھەر قوپۇپ، فىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ‹ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن خەلقىمنى قويۇپ بەرگىن. 14 بولمىسا مەن بۇ قېتىم ھەممە بالايىئاپەتلىرىمنى ئۆزۈڭ، خىزمەتكارلىرىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن يەر يۈزىدە مېنىڭ تەڭدىشىمنىڭ يوقلۇقىنى بىلىسەن. 15 چۈنكى مەن ئۆز قولۇمنى ئۇزىتىپ، ئۆزۈڭ ۋە خەلقىڭنى ۋابا بىلەن ئۇرغان بولسام ئىدى، بۇ ۋاقىتقىچە سەن يەر يۈزىدىن يوق بولۇپ كېتەتتىڭ. 16 لېكىن ئۆز قۇدرىتىمنى ساڭا كۆرسىتىپ، نامىمنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىدە جاكارلىنىشى ئۈچۈن سېنى ئورنۇڭغا تىكلىدىم. 17 سەن تېخىچىلا خەلقىمگە تەكەببۇرانە مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى قويۇپ بەرمەيۋاتامسەن؟ 18 مانا، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا مىسىر دۆلىتى بىنا بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق مۆلدۈر ياغدۇرىمەن. 19 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر كىشى ئەۋەتىپ چارۋا ماللىرىڭ ۋە ئېتىزدىكى ھەممە نەرسىلىرىڭنى يىغىپ دالدىغا ئالغىن. چۈنكى ئىچكىرىگە كىرمەي تاشقىرىدا قالغان ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى مۆلدۈر ئاستىدا قېلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ»› دەپ ئېيتقىن». 20 فىرئەۋننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىدىن قورققان ھەر كىشى ئۆز خىزمەتكارلىرى ۋە چارۋا ماللىرىنى ھەيدەپ ئۆيلىرىگە كىرىۋالدى. 21 لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلەر ئۆز خىزمەتكارلىرى ۋە چارۋا ماللىرىنى تاشقىرىدا قالدۇردى. 22 پەرۋەردىگار مۇساغا: «پۈتۈن مىسىر زېمىنىدىكى ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۈستىگە ۋە ئېتىزدىكى ھەممە زىرائەتلەرنىڭ ئۈستىگە مۆلدۈر ياغسۇن دەپ، ئاسمانغا قاراپ قولۇڭنى كۆتۈرگىن» دېدى. 23 مۇسا ئۆز ھاسىسىنى ئاسمانغا كۆتۈرگەندە پەرۋەردىگار ھاۋانى گۈلدۈرلىتىپ، مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، يەر يۈزىگە ئوت-چاقماق چاقتۇردى. بۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگار مىسىر زېمىنى ئۈستىگە مۆلدۈر ياغدۇردى. 24 مۆلدۈر يېغىپ تۇردى ۋە مۆلدۈر ئارىسىدا ئوت-چاقماق چاقتى. مىسىر دۆلىتى بىنا بولغاندىن تارتىپ ئۇ يەردە ئۇنداق قاتتىق مۆلدۈر يېغىپ باقمىغانىدى. 25 مۆلدۈر پۈتۈن مىسىر زېمىنىغا يېغىپ، ئىنسان بولسۇن، ھايۋان بولسۇن، تاشقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇۋەتتى. مۆلدۈر ئېتىزدىكى ھەممە زىرائەتلەرنى ئۇرۇپ، ھەممە دەل-دەرەخلەرنىمۇ سۇندۇرۇۋەتتى. 26 پەقەت بەنى ئىسرائىل تۇرۇۋاتقان گوشەن ۋىلايىتىدا مۆلدۈر ياغمىدى.
27 فىرئەۋن كىشى ئەۋەتىپ، مۇسا ۋە ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا: «بۇ قېتىم مەن گۇناھ قىلدىم. پەرۋەردىگار ئادىلدۇر، مەن ۋە خەلقىم بولسا گۇناھكاردۇر. 28 پەرۋەردىگارغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. بۇ ھەيۋەتلىك گۈلدۈرلەش ۋە مۆلدۈر يېتەر ئەمدى. مەن سىلەرنى قويۇپ بېرىمەن. بۇ يەردە يەنە تۇرۇشۇڭلار لازىم ئەمەس» دېدى. 29 مۇسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «مەن شەھەردىن چىقىپ كەتكەندە پەرۋەردىگار تەرەپكە قوللىرىمنى كۆتۈرىمەن. بۇنىڭ بىلەن گۈلدۈرلەش توختايدۇ ۋە مۆلدۈر يەنە ياغمايدۇ. يەر يۈزى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر دەپ بىلىشىڭ ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ. 30 لېكىن سەن ۋە خىزمەتكارلىرىڭنىڭ تېخى پەرۋەردىگار خۇدادىن قورقمايدىغانلىقىڭلارنى بىلىمەن» دېدى. 31 زىغىر ۋە ئارپا مۆلدۈردىن ۋەيران قىلىنغانىدى، چۈنكى ئارپا باش چىقارغان ۋە زىغىر غۇنچىلىغان ۋاقىت ئىدى. 32 بىراق بۇغداي ۋە داغال بۇغداي تېخى بىخ چىقارمىغاچقا، ۋەيران قىلىنمىغانىدى. ■ 33 مۇسا فىرئەۋننىڭ ئالدىدىن ئايرىلىپ شەھەردىن چىقىپ، پەرۋەردىگار تەرەپكە قوللىرىنى كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن گۈلدۈرلەش ۋە مۆلدۈر توختىدى. قاتتىق يامغۇرنىڭ يەرگە تۆكۈلۈشىمۇ توختىدى. 34 ئەمما فىرئەۋن يامغۇر، مۆلدۈر ۋە گۈلدۈرلەشنىڭ توختىغىنىنى كۆرگەندە، ئۇ گۇناھ قىلىشنى داۋام قىلدى. ئۇ ۋە خىزمەتكارلىرى تېخىمۇ قاتتىق جاھىللىق قىلىشتى. 35 فىرئەۋن قاتتىق جاھىللىق قىلىپ، خۇددى پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق ئېيتقاندەك بەنى ئىسرائىلنى قويۇپ بەرمىدى.