10
‏1 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار مۇساغا: «فىرئەۋننىڭ ئالدىغا بارغىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇ مۆجىزىلىك كارامەتلەرنى كۆرسىتىشىم ئۈچۈن فىرئەۋن ۋە خىزمەتكارلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىنى قاتتىق قىلىپ قويدۇم. ‏2 بۇ ئارقىلىق مەن مىسىرلىقلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىم ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك كارامەتلىرىم توغرىسىدا سەن ئوغلۇڭ ۋە نەۋرەڭگە سۆزلەپ بېرەلەيسەن. بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر» دېدى. ‏3 مۇسا ۋە ھارۇن فىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹قاچانغىچە سەن ماڭا بويسۇنۇشتىن باش تارتىسەن؟ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن خەلقىمنى قويۇپ بەرگىن. ‏4 ئەگەر سەن خەلقىمنى قويۇپ بەرمىسەڭ، مانا، مەن ئەتە سېنىڭ زېمىنىڭغا چېكەتكە ئەۋەتىمەن. ‏5 ئۇلار يەر يۈزى كۆرۈنمىگۈدەك دەرىجىدە زېمىننى قاپلاپ، سىلەرنىڭ مۆلدۈردىن ئامان قالغان نەرسىلىرىڭلارنى ۋە دالالاردا ئۆسكەن ھەممە دەرەخلىرىڭلارنىمۇ يەپ كېتىدۇ. ‏6 ئۆيلىرىڭ، پۈتۈن خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرى ۋە ھەممە مىسىرلىقلارنىڭ ئۆيلىرىمۇ ئۇلار بىلەن تولىدۇ. مۇنداق ۋەقەنى ئاتا-بوۋىلىرىڭمۇ يەر يۈزىدە پەيدا بولغاندىن تارتىپ بۇ ۋاقىتقىچە كۆرۈپ باقمىغان›» دېدى ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپ فىرئەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. ‏7 ئاندىن فىرئەۋننىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: «قاچانغىچە بۇ كىشى بىزگە تۇزاق بولىدۇ؟ ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشلىرى ئۈچۈن بۇ ئادەملەرنى قويۇپ بەرگىن. مىسىرنىڭ خاراب بولۇۋاتقانلىقىنى تېخىچە كۆرمىدىڭمۇ؟» دېدى. ‏8 شۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن مۇسا ۋە ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا: «خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بېرىڭلار. لېكىن بارىدىغانلار كىم بولىدۇ؟» دەپ سورىدى. ‏9 مۇسا جاۋاب بېرىپ: «ياشلىرىمىز ۋە قېرى-چۆرىلىرىمىز، ئوغۇل-قىزلىرىمىز ۋە قوي-كالىلىرىمىزنى ئېلىپ ھەممىمىز بارىمىز، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك» دېدى. ‏10 ئۇ ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار سىلەرنى ساقلىسۇن، مەن سىلەرنى بالا-چاقاڭلار بىلەن قوشۇپ قويۇپ بەرسەم! مانا، نىيىتىڭلار يامان! ‏11 ياق، ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ! پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا پەقەت ئەر كىشىلەر بارسۇن. سىلەرنىڭ تەلىپىڭلار شۇ ئەمەسمىدى؟» دېدى. ئاندىن ئۇلار فىرئەۋننىڭ ئالدىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.
‏12 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار مۇساغا: «مىسىر زېمىنى تەرىپىگە قولۇڭنى ئۇزاتقىن. شۇنداق قىلساڭ، چېكەتكىلەر مىسىر زېمىنىنى بېسىپ، مۆلدۈردىن ئامان قالغان يەردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسىنى يەپ كېتىدۇ» دېدى.
‏13 مۇسا ئۆز ھاسىسىنى مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە ئۇزاتتى. پەرۋەردىگار ئۇ كۈنى ۋە كېچىسى زېمىن ئۈستىگە شەرق شامىلى چىقاردى. ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا شەرق شامىلى چېكەتكىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ‏14 چېكەتكىلەر پۈتۈن مىسىر زېمىنىغا يېيىلىپ، مىسىر زېمىنىنىڭ ھەممە يېرىگە قوندى. مۇندىن ئىلگىرى ئۇنداق چېكەتكە ئاپىتى بولۇپ باقمىغانىدى، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭدەك بولمايدۇ. ‏15 ئۇلار پۈتۈن زېمىننى قاپلاپ يەر يۈزىنى قاراڭغۇلاشتۇرۇۋەتتى. مۆلدۈردىن ئامان قالغان يەردىكى ھەممە ئۆسۈملۈكلەر ۋە دەرەخلەرنىڭ ھەممە مېۋىسىنى يەپ كەتتى. شۇنداقكى، پۈتۈن مىسىر زېمىنىدا دەرەخلەردە ۋە دالادىكى گىياھلاردا ھېچ يېشىللىق قالمىدى. ‏16 فىرئەۋن مۇسا ۋە ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا: «مەن ھەم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا، ھەم سىلەرگە قارشى گۇناھ قىلدىم. ‏17 ئەمدى مۇشۇ بىر قېتىم گۇناھىمدىن ئۆتۈپ، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردىن: ‹فىرئەۋننى بۇ ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغايسەن› دەپ تىلەڭلار» دېدى. ‏18 شۇنىڭ بىلەن مۇسا فىرئەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلدى. ‏19 پەرۋەردىگار غەرب تەرەپتىن بىر شامالنى بۇراپ، ئۇنى قاتتىق بورانغا ئايلاندۇردى. ئۇ بوران چېكەتكىلەرنى ئۇچۇرۇپ كېتىپ، قىزىل دېڭىزغا ئېلىپ بېرىپ تاشلىدى. پۈتۈن مىسىر زېمىنىدا بىر تالمۇ چېكەتكە قالمىدى. ‏20 لېكىن پەرۋەردىگار فىرئەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن ئۇ بەنى ئىسرائىلنى قويۇپ بەرمىدى.
 
‏21 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار مۇساغا: «قولۇڭنى ئاسمانغا كۆتۈرگىن. شۇنداق قىلساڭ، ھېس قىلغۇدەك زۇلمەت قاراڭغۇلۇق مىسىر زېمىنىنى قاپلايدۇ» دېدى. ‏22 مۇسا ئۆز قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈشى بىلەن، زۈلمەت قاراڭغۇلۇق مىسىر زېمىنىنى بېسىپ، ئۇنى ئۈچ كۈنگىچە قاپلاپ تۇردى. ‏23 ئۈچ كۈنگىچە ئۇلار بىر-بىرىنى كۆرەلمىدى ۋە ھېچكىم ئۆز جايىدىن قوپۇپ چىقالمىدى. لېكىن ھەممە بەنى ئىسرائىلنىڭ تۇرغان يەرلىرىدە يورۇقلۇق بار ئىدى. ‏24 فىرئەۋن مۇسانى چاقىرتىپ: «سىلەر بېرىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىڭلار. پەقەت قوي-كالاڭلار بۇ يەردە قېلىشى كېرەك. بالا-چاقىلىرىڭلارنىمۇ ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ» دېدى. ‏25 لېكىن مۇسا: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن سويۇم قۇربانلىق ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ھايۋانلىرىنى بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىشىڭ لازىم بولىدۇ. ‏26 ئۆز چارۋا ماللىرىمىزنىمۇ ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. ھېچبىر تۇياقمۇ بۇ يەردە قالمىسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا قۇربانلىق قىلىدىغىنىمىزنى بۇلاردىن ئالىمىز. ئۇ يەرگە يېتىپ بارمىغۇچە پەرۋەردىگارغا نېمە قۇربانلىق قىلىدىغىنىمىزنى بىلمەيمىز» دېدى. ‏27 لېكىن پەرۋەردىگار فىرئەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى خالىمىدى. ‏28 فىرئەۋن مۇساغا: «يوقال كۆزۈمدىن! ئىككىنچى ماڭا كۆرۈنگۈچى بولما! چۈنكى سەن مېنىڭ يۈزۈمنى يەنە كۆرگەن كۈندە ئۆلىسەن» دېدى. ‏29 مۇسا ئۇنىڭغا: «راست ئېيتتىڭ، مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى يەنە كۆرمەيمەن» دېدى.