11
1 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار مۇساغا: «يەنە بىر ئاپەتنى فىرئەۋن ۋە مىسىرنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن. ئاندىن كېيىن ئۇ سىلەرنى بۇ يەردىن كېتىشكە قويۇپ بېرىدۇ. ئۇ سىلەرنى قويۇپ بەرگىنىدە سىلەرنى بۇ يەردىن تامامەن قوغلاپ چىقىرىدۇ. 2 ئەمدى سەن خەلققە: ‹مەيلى ئەر كىشى ياكى ئايال بولسۇن، ھەربىرىڭلار ئۆز قوشناڭلاردىن ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملارنى سوراپ ئېلىڭلار› دېگىن» دېدى. 3 پەرۋەردىگار خەلقنى مىسىرلىقلارنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈردى. مۇسا بولسا مىسىر زېمىنىدا فىرئەۋننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ۋە خەلقنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ ئادەم ئىدى. 4 مۇسا يەنە سۆز قىلىپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن يېرىم كېچىدە مىسىرنى كېزىپ چىقىمەن. 5 شۇ ۋاقىتتا تەختتە ئولتۇرغان فىرئەۋننىڭ تۇنجى ئوغلىدىن تارتىپ يارغۇنچاقتا ئۇن تارتىدىغان دېدەكنىڭ تۇنجى ئوغلىغىچە بولغان مىسىردىكى بارلىق تۇنجى ئوغۇللار، شۇنداقلا ھەممە چارۋا ماللارنىڭ تۇنجىلىرىمۇ ئۆلىدۇ. 6 بۇ سەۋەبتىن پۈتۈن مىسىر زېمىنىدا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ بولمايدىغان چوڭ پەرياد كۆتۈرۈلىدۇ. 7 لېكىن بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن، مەيلى ئادەم ياكى ھايۋانغا بولسۇن، ھېچبىرىگە ھەتتا بىر ئىتمۇ قاۋاپ قويمايدۇ. سىلەر بۇنى كۆرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنى مىسىرلىقلاردىن پەرقلەندۈرگەنلىكىنى بىلىسىلەر›. 8 ئاندىن ھەممە خىزمەتكارلىرىڭ ئالدىمغا كېلىپ، ئالدىمدا تەزىم قىلىپ: ‹ئۆزۈڭ ۋە ساڭا ئەگەشكەن ھەممە خەلق چىقىپ كېتىڭلار› دېيىشىدۇ. ئاندىن كېيىن مەن بۇ يەردىن چىقىپ كېتىمەن» دەپ قاتتىق غەزەپلىنىپ فىرئەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. 9 پەرۋەردىگار مۇساغا: «مىسىردا كۆرسىتىدىغان مۆجىزىلىرىمنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشى ئۈچۈن، فىرئەۋن سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ» دېدى. 10 مۇسا ۋە ھارۇن بۇ مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسىنى فىرئەۋننىڭ ئالدىدا كۆرسەتتى. لېكىن پەرۋەردىگار فىرئەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن بەنى ئىسرائىلنىڭ ئۆز زېمىنىدىن كېتىشىگە يول قويمىدى.