ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى توغرىسىدىكى قائىدىسى
12
1 پەرۋەردىگار مىسىر زېمىنىدا مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى: 2 «ئايلىرىڭلار ئىچىدە بۇ ئاي سىلەر ئۈچۈن يىلنىڭ بېشى دەپ ھېسابلىنىپ، يىلنىڭ بىرىنچى ئېيى بولسۇن. 3 ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىگە مۇنداق دەڭلار: ‹بۇ ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئائىلىلىرى بويىچە ھەربىر كىشى بىر قوزا ئالسۇن. شۇنداقكى، ھەربىر ئائىلىگە بىر قوزا ئېلىپ قويۇلسۇن. 4 ئەگەر بىر كىچىك ئائىلىگە بىر قوزا كۆپ بولسا، ئۆي ئىگىسى ۋە يېنىدىكى قوشنىسى بىرلىشىپ كىشىلەرنىڭ سانىغا قاراپ بىر قوزا ئالسۇن. ھەربىر كىشىنىڭ يېمىكىنى ھېسابلاپ قوزىنى ھازىرلاڭلار. 5 سىلەر تاللايدىغان قوزا، قوي ياكى ئۆچكە پادىلىرىدىن تاللىنىپ، بىر ياشلىق ئەيىبسىز ئەركەك بولسۇن. 6 ئۇنى بۇ ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىگىچە ساقلاڭلار. ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جامائىتى شۇ كۈنى ئاخشىمى ئۇنى سويۇپ، 7 ئۇنىڭ قېنىدىن ئېلىپ، ئۇنى يېگەن ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ بېشى ۋە ئىككى تەرىپىدىكى كېشىكىگە سۈركەپ قويسۇن. 8 ئۇلار شۇ كېچىسى گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ، پېتىر نان ۋە ئاچچىق كۆكتات بىلەن قوشۇپ يېسۇن. 9 لېكىن بۇنىڭدىن ھېچنېمىنى خام ياكى سۇدا پىشۇرۇپ ئەمەس، بەلكى ئۇنى باش، پۇت ۋە ئۈچەي-باغىرلىرى بىلەن ئوتتا كاۋاپ قىلىپ يەڭلار. 10 ئۇنىڭ ھېچنېمىسىنى ئەتىسى سەھەرگىچە قالدۇرماڭلار. ئەگەر بىر نېمىسى ئەتىسى سەھەرگىچە ئېشىپ قالغان بولسا، ئۇنى ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. 11 ئۇنى يېگەن ۋاقتىڭلاردا بەللىرىڭلارنى باغلاپ، پۇتلىرىڭلارغا چورۇق كىيىپ، قوللىرىڭلاردا ھاسا تۇتۇپ، ئۇنى ئالدىراشلىق بىلەن يەڭلار. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش قوزىسىدۇر. ■ 12 چۈنكى مەن ئۇ كېچىسى مىسىر زېمىنىنى كېزىپ، مەيلى ئىنسان بولسۇن، مەيلى ھايۋان بولسۇن، ئۇ يەردىكى ھەممە تۇنجىلارنى ئۆلتۈرىمەن. مەن مىسىرنىڭ ھەممە ئىلاخلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 13 ئەمما بۇ قان، سىلەر تۇرۇۋاتقان ئۆيلەردە سىلەرگە قۇتۇلۇش يەتكۈزىدىغان بەلگە بولىدۇ، چۈنكى قاننى كۆرسەم، سىلەردىن ئۆتۈپ كېتىمەن. بۇ تەرىقىدە مىسىر زېمىنىنى ئۇرغىنىمدا، ھالاكەت ئېلىپ كېلىدىغان ئاپەت سىلەرگە تەگمەيدۇ. 14 ئۇ كۈن سىلەرگە بىر خاتىرە كۈنى بولىدۇ. سىلەر ئۇ كۈندە پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. نەسىلدىن نەسىلگە بۇ ھېيت ئۆتكۈزۈش بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىڭلار. 15 يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. بىرىنچى كۈندىن تارتىپ ئۆيلىرىڭلاردىن خېمىرتۇرۇچنى چىقىرىۋېتىڭلار. چۈنكى كىمكى بىرىنچى كۈندىن تارتىپ يەتتىنچى كۈنگىچە بولدۇرۇلغان خېمىردىن پىشۇرۇلغان نان يېسە، بەنى ئىسرائىلدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ. 16 بىرىنچى كۈنى بىر مۇقەددەس مەجلىس ئۆتكۈزۈلسۇن، يەتتىنچى كۈنىمۇ شۇنداق بىر مۇقەددەس مەجلىس ئۆتكۈزۈلسۇن. بۇ ئىككى كۈندە ھېچ ئىش قىلىنمىسۇن. پەقەت ھەر ئادەم يەيدىغان تامىقىنىلا تەييارلىسا بولىدۇ. 17 مەن شۇ كۈنى قوشۇنلىرىڭلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغىنىم ئۈچۈن، سىلەر نەسىلدىن نەسىلگە شۇ كۈننى ھېيت كۈنى قىلىپ، پېتىر نان ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولسۇن. 18 بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئاخشامدىن تارتىپ، شۇ ئاينىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى ئاخشامغىچە پېتىر نان يەڭلار. 19 يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆيلىرىڭلاردا ھېچ خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن. چۈنكى مەيلى يات كىشى ياكى يەرلىك كىشى بولسۇن، ئۆرلىگەن بىر نېمىنى يېگەن ھەربىر كىشى ئىسرائىل جامائىتىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ. 20 سىلەر ھېچ خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان نەرسىنى يېمەڭلار، تۇرىدىغان ھەممە جايلىرىڭلاردا پېتىر نان يەڭلار›». 21 مۇسا ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «بېرىپ، ئائىلىلىرىڭلار بويىچە ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بىر قوزىنى ئېلىپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سويۇڭلار. 22 ئاندىن بىر تۇتام زۇپا ئېلىپ، ئۇنى جاۋۇردىكى قانغا چىلاپ، قاننى ئىشىكنىڭ بېشى ۋە ئىككى تەرىپىدىكى كېشىكىگە سۈركەڭلار. سىلەردىن ھېچبىرى ئەتىسى سەھەرگىچە ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشىكىدىن چىقمىسۇن. ■ 23 چۈنكى پەرۋەردىگار مىسىرنى ئۇرۇش ئۈچۈن زېمىننى كېزىپ ئۆتىدۇ. لېكىن ئۇ ئىشىكنىڭ بېشى ۋە ئىككى كېشىكىدىكى قاننى كۆرگەندە، پەرۋەردىگار شۇ ئىشىكنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپ، ھالاك قىلغۇچىنىڭ ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ، سىلەرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشىگە يول قويمايدۇ. 24 سىلەر بۇ بەلگىلمىگە ئەمەل قىلىڭلار. بۇ ئۆزۈڭلار ۋە بالىلىرىڭلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولىدۇ. 25 پەرۋەردىگار ئۆز ۋەدىسى بويىچە سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا بۇ ھېيت مۇراسىمىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇڭلار. 26 ئەگەر بالىلىرىڭلار سىلەردىن: ‹بۇ مۇراسىمىڭلارنىڭ مەنىسى نېمە؟› دەپ سورىسا: 27 ‹مىسىرنى ئۇرغىنىدا بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزنى ساقلاپ، مىسىردا بەنى ئىسرائىلنىڭ ئۆيلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئۆتۈپ كېتىش قۇربانلىقى بولىدۇ› دەڭلار». خەلق شۇنى ئاڭلاپ، ئېڭىشىپ سەجدە قىلدى. 28 ئاندىن بەنى ئىسرائىل بېرىپ، پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، شۇنداق قىلدى.
ئونىنچى ئاپەت
29 يېرىم كېچىسى پەرۋەردىگار تەختتە ئولتۇرغان فىرئەۋننىڭ تۇنجىسىدىن تارتىپ، زىنداندا ياتقان مەھبۇسنىڭ تۇنجىسىغىچە، مىسىر زېمىنىدىكى ھەممە تۇنجىلارنى ئۆلتۈردى، شۇنداقلا چارۋا مالنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنىڭمۇ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى.
30 بۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن ئۆزى، ئۇنىڭ ھەممە خىزمەتكارلىرى ۋە مىسىرلىقلارنىڭ ھەممىسى كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇشتى. ئۆلۈم بولمىغان ھېچ ئۆي قالمىغاچقا، مىسىردا قاتتىق يىغا-زار كۆتۈرۈلدى. 31 فىرئەۋن كېچىسى مۇسا ۋە ھارۇننى چاقىرتىپ: «سىلەر بەنى ئىسرائىل بىلەن بىللە مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ، ئېيتقىنىڭلاردەك بېرىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىڭلار. 32 دېگىنىڭلاردەك قوي-كالىلىرىڭلارنىمۇ ئېلىپ كېتىڭلار. ماڭىمۇ خەيرلىك دۇئا قىلىڭلار» دېدى. 33 مىسىرلىقلار خەلقنى زېمىندىن تېز چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئالدىرىتىپ: «ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز» دېيىشتى. 34 خەلق تېخى ئۆرلىمىگەن خېمىرلىرىنى تەڭنىلەرگە سېلىپ، تەڭنىلەرنى كىيىم-كېچەكلىرىگە يۆگەپ، مۈرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ مېڭىشتى. 35 بەنى ئىسرائىل مۇسا بۇيرۇغاندەك قىلىپ، مىسىرلىقلاردىن ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملار ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى سورىغانىدى. 36 پەرۋەردىگار خەلقنى مىسىرلىقلارنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈرگىنى ئۈچۈن مىسىرلىقلار ئۇلارغا سورىغىنىنى بەردى. بۇ تەرىقىدە ئۇلار مىسىرلىقلاردىن ئولجا ئېلىپ كەتتى.
37 بەنى ئىسرائىل، بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئالتە يۈز مىڭچە ئەركەك بولۇپ، رامسەس شەھىرىدىن چىقىپ سۇككوت شەھىرىگىچە پىيادە باردى. 38 چوڭ بىر ئارىلاش گۇرۇھمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ ماڭدى ۋە ناھايىتى كۆپ چارۋا مال، قوي-كالا پادىلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە چىقتى. 39 مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن خېمىردىن ئۇلار پېتىر نان پىشۇرۇپ قويدى. چۈنكى ئۇلار مىسىردا بىر دەممۇ تۇرالماي ھەيدەلگىنى ئۈچۈن، خېمىر بولدۇرۇلمىغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاشقا ئۈلگۈرەلمىگەنىدى. 40 بەنى ئىسرائىلنىڭ مىسىردا تۇرغان ۋاقتى تۆت يۈز ئوتتۇز يىل ئىدى. 41 بۇ تۆت يۈز ئوتتۇز يىل توشقان كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە قوشۇنلىرى مىسىر زېمىنىدىن چىقىپ كەتتى. ■ 42 پەرۋەردىگار ئۇلارنى بۇ كېچە مىسىر زېمىنىدىن چىقارغىنى ئۈچۈن، بۇ كېچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈش كېرەك بولغان ھېيت بولىدۇ. نەسىلدىن نەسىلگە ھەممە بەنى ئىسرائىل شۇ كېچىنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تۈنەش كېچىسى دەپ تۇتۇپ، ئويغاق تۇرۇشى كېرەك.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ۋە مۇساپىرلار
43 پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا: «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ توغرىسىدىكى بەلگىلىمە شۇ بولسۇنكى، ھېچبىر يات يۇرتلۇق ئادەم ئۇنىڭدىن يېمىسۇن. 44 لېكىن بىرىنىڭ پۇلغا ئېلىنغان قۇلى بولسا، سەن ئۇنى خەتنە قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇنىڭدىن يېسۇن. 45 ئەمما مۇساپىر ۋە مەدىكار بۇنىڭدىن يېمىسۇن. 46 قوزىنىڭ گۆشىدىن ھېچنېمە تاشقىرىغا چىقىرىلمىسۇن، شۇ بىرلا ئۆيدە يېيىلسۇن ۋە ئۇنىڭ ھېچبىر سۆڭىكى سۇندۇرۇلمىسۇن. 47 پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى بۇنىڭغا رىئايە قىلسۇن. 48 ئەگەر ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان بىر مۇساپىر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىسا، ئۇنىڭ ھەممە ئەركەكلىرى خەتنە قىلىنسۇن. ئاندىن ئۇ كېلىپ ھېيتنى ئۆتكۈزۈپ، يەرلىك كىشى بولۇپ ھېسابلانسۇن. لېكىن ھېچبىر خەتنىسىز ئادەم ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقىدىن يېمىسۇن. ■ 49 يەرلىك كىشى ۋە ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ئۈچۈن ئوخشاش قائىدە بولسۇن» دېدى. 50 بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، شۇنداق قىلدى. 51 دەل شۇ كۈنى پەرۋەردىگار بەنى ئىسرائىلنى ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى بويىچە مىسىر زېمىنىدىن چىقاردى. ■