تۇنجى تۇغۇلغانلارنى خۇداغا بېرىش
13
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: ‏2 «مەيلى ئىنساننىڭ بولسۇن ياكى ھايۋاننىڭ بولسۇن، بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا تۇغۇلۇپ بالىياتقۇنى ئاچقان ھەر تۇنجى ئەركەكنى ماڭا ئاتاڭلار، چۈنكى ئۇ ماڭا مەنسۇپتۇر» دېدى.    ‏3 مۇسا خەلققە: «سىلەر مىسىردىن چىقىپ، ئۇ قۇللۇق ئۆيىدىن كەتكەن بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۇ يەردىن قۇدرەتلىك قولى بىلەن ئېلىپ چىقتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ بولدۇرۇلغان خېمىردىن پىشۇرۇلغان نان يېيىلمىسۇن. ‏4 ئابىب ئېيىنىڭ بۇ كۈنى چىقىدىغان بولدۇڭلار. ‏5 ئەمدى پەرۋەردىگار سىلەرگە بېرىشكە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا، يەنى كەنئانلار، ھېتىتلار، ئامورىيلار، خىۋۋىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنىغا سىلەرنى ئېلىپ بارغىنىدا مۇشۇ ئايدا بۇ مۇراسىمنى ئۆتكۈزىسىلەر. ‏6 يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەپ، يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتىنى ئۆتكۈزىسىلەر. ‏7 يەتتە كۈن پېتىر نان يېيىلسۇن. بولدۇرۇلغان خېمىردىن پىشۇرۇلغان نان ئاراڭلاردا تېپىلمىسۇن. پۈتۈن زېمىنىڭدا ھېچ خېمىرتۇرۇچ تېپىلمىسۇن. ‏8 ئۇ كۈندە سەن ئۆز ئوغلۇڭغا: ‹مىسىردىن چىققىنىمدا پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتىنى ئەسلەش ئۈچۈن بۇنى قىلىمەن› دەپ ئېيتىپ بەرگىن. ‏9 پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنىڭ ئاغزىڭلاردا تۇرۇشى ئۈچۈن، بۇ بەلگىلىمە قولۇڭغا قويۇلغان بىر بەلگە ۋە كۆزلىرىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان بىر ئەسلەتمە بولسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنى قۇدرەتلىك قولى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.    ‏10 ئەمدى بېكىتىلگەن ۋاقىتتا يىلمۇ-يىل بۇ بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىڭلار. ‏11 پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلغىنىدەك سىلەرنى كەنئانلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى سىلەرگە بەرگەندىن كېيىن، ‏12 بالىياتقۇنى ئاچقان ھەممىسىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىشىڭ كېرەك، شۇنداقلا چارۋا ماللىرىڭنىڭ ھەممە تۇنجى ئەركەكلىرىمۇ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولسۇن. ‏13 ئەمما ئېشەكلەرنىڭ ھەممە تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىغا بىردىن قوزا بېرىسەن. ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىغا بىر نەرسە بەرمىسەڭ، ئۇنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇۋەتكىن. ئەمما ئىنساننىڭ ھەممە تۇنجىلىرى ئورنىغا بەدەل تۆلىشىڭ كېرەك. ‏14 كېيىنكى كۈنلەردە ئوغلۇڭ سەندىن: ‹بۇنىڭ مەنىسى نېمىدۇر؟› دەپ سورىسا، سەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ‹پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئۇ قۇللۇق ئۆيىدىن ئازاد قىلىپ قويدى. ‏15 چۈنكى فىرئەۋن قاتتىق جاھىللىق قىلىپ، بىزنى قويۇپ بەرگىلى ئۇنىمىغاندا، پەرۋەردىگار مىسىر زېمىنىدىكى، مەيلى ئىنساننىڭ بولسۇن ياكى مالنىڭ بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممە تۇنجىلىرىنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن چارۋا مالنىڭ بالىياتقۇنى ئاچقان ھەممە تۇنجىلىرىنى پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىمەن ۋە ئوغۇللىرىمنىڭ ھەممە تۇنجىلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ بېرىمەن› دەپ ئېيتقىن. ‏16 بۇ بەلگىلىمە قولۇڭدا بىر ئەسلەتمىدەك بولۇپ تۇرسۇن، پېشانەڭدە بىر بەلگىدەك بولسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى» دېدى.
 
قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈش
‏17 فىرئەۋن خەلقنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، فىلىستىنلەرنىڭ زېمىنىدىن ئۆتىدىغان يول يېقىنراق بولسىمۇ، خۇدا، خەلق جەڭگە ئۇچرىغىنىدا، قورقۇپ پۇشايمان قىلىپ، مىسىرغا قايتىپ كەتمىسۇن دەپ، ئۇلارنى ئۇ يول بىلەن باشلىمىدى. ‏18 شۇ سەۋەبتىن خۇدا خەلقنى قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆلنىڭ يولى بىلەن باشلاپ باردى. بەنى ئىسرائىل مىسىردىن چىققىنىدا قوراللىنىپ جەڭگە تەييار بولۇپ ماڭدى. ‏19 مۇسا يۈسۈپنىڭ سۆڭەكلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتتى. چۈنكى يۈسۈپ بەنى ئىسرائىلغا: «خۇدا چوقۇم سىلەرنى يوقلاپ كېلىدۇ. ئۇ چاغدا مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى بۇ يەردىن بىللە ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ ئۇلارنى قەسەم قىلدۇرغانىدى. ‏20 ئاندىن ئۇلار سۇككوتتىن چىقىپ، چۆلنىڭ چېتىدىكى ئېتامدا چېدىر-بارگاھ تىكتى. ‏21 پەرۋەردىگار كۈندۈزى بىر بۇلۇت تۈۋرۈكىدە ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىدە ئۇلارغا يورۇقلۇق بېرىپ ئالدىدا ماڭدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار كېچە-كۈندۈز ماڭالايتتى. ‏22 بۇلۇت تۈۋرۈكى كۈندۈزى ۋە ئوت تۈۋرۈكى كېچىسى خەلقتىن ئايرىلماي، ئالدىدا ماڭاتتى.