14
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا: ‏2 «سەن بەنى ئىسرائىلغا: ‹سىلەر بۇرۇلۇپ، مىگدول بىلەن دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پىھاخىروتنىڭ يېنىدا، بائال-زېفوننىڭ ئۇدۇلىدا دېڭىز بويىدا چېدىر-بارگاھ تىكىڭلار› دېگىن. ‏3 شۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن: ‹بەنى ئىسرائىل زېمىندا تېنەپ يۈرۈپ ئېزىقىپ قالدى. چۆل ئۇلارنى قورشىۋالدى› دەپ خىيال قىلسۇن. ‏4 فىرئەۋن ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ چىقسۇن دەپ، مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويىمەن. مىسىرلىقلارنىڭ مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشى ئۈچۈن فىرئەۋن ۋە پۈتۈن قوشۇنىنىڭ ئۈستىدە ئۇلۇغلۇقۇمنى ئايان قىلىمەن» دېدى. بەنى ئىسرائىل شۇنداق قىلدى.
‏5 «ئۇ خەلق قېچىپ كەتتى» دەپ مىسىرنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر بېرىلگىنىدە، فىرئەۋن ۋە خىزمەتكارلىرىنىڭ خەلققە قارشى نىيىتى بۇزۇلۇپ: «بەنى ئىسرائىلنى نېمىشقا خىزمىتىمىزدىن قۇتۇلۇپ كېتىشىگە يول قويدۇق؟» دېيىشتى. ‏6 شۇنىڭ بىلەن ئۇ جەڭ ھارۋىسىنى قوشتۇرۇپ، قوشۇنىنى ئېلىپ يولغا چىقتى. ‏7 ئۇ ئالتە يۈز خىللانغان جەڭ ھارۋىسى، شۇنداقلا پۈتۈن مىسىردىكى جەڭ ھارۋىلىرىنى يىغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە سەردارلارنى ئولتۇرغۇزۇپ ماڭدى. ‏8 پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ پادىشاھى فىرئەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن، ئۇ بەنى ئىسرائىلنىڭ كەينىدىن قوغلىدى. بەنى ئىسرائىل بولسا باتۇرلۇق بىلەن چىقىپ كەتكەنىدى.    ‏9 مىسىرلىقلار، يەنى فىرئەۋننىڭ ھەممە جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىقلىرى ۋە قوشۇنى ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ، دېڭىز بويىدىكى چېدىر-بارگاھ تىككەن جايدا ئۇلارغا يېتىشتى. ئۇ يەر پىھاخىروتنىڭ يېنىدا، بائال-زېفوننىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى. ‏10 فىرئەۋن يېقىنلاشقاندا، بەنى ئىسرائىل بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، مانا، مىسىرلىقلار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىۋاتاتتى! بۇنى كۆرگەن بەنى ئىسرائىل قاتتىق قورقۇپ كېتىپ، پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلدى. ‏11 ئۇلار مۇساغا: «مىسىردا گۆرىستان يوقتەك سەن بىزنى چۆلدە ئۆلۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ ‏12 مىسىردا تۇرغاندا ساڭا: ‹بىزنى تىنچ قويغىن، مىسىرلىقلارغا قۇل بولۇپ خىزمەت قىلايلى› دېمىگەنمىدۇق؟ مىسىرلىقلارغا قۇل بولۇش چۆلدە ئۆلگىنىمىزدىن ياخشى» دېدى. ‏13 لېكىن مۇسا خەلققە: «قورقماي چىڭ تۇرۇڭلار! بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قۇتقۇزۇشىنى كۆرىسىلەر. چۈنكى سىلەر بۈگۈن كۆرگەن مىسىرلىقلارنى ھەرگىز يەنە كۆرمەيسىلەر. ‏14 پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ. لېكىن سىلەر شۈك تۇرۇڭلار» دېدى.
‏15 پەرۋەردىگار مۇساغا: «نېمىشقا ماڭا پەرياد قىلىسەن؟ بەنى ئىسرائىلغا: ‹ئالغا ئىلگىرىلەڭلار› دەپ ئېيتقىن. ‏16 ئاندىن سەن ھاساڭنى كۆتۈرۈپ قولۇڭنى دېڭىز تەرەپكە ئۇزىتىپ، ئۇنى ئىككىگە بۆلگىن. شۇنداقكى، بەنى ئىسرائىل دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتسۇن. ‏17 مانا، مەن ئۆزۈم، ئۇلارنى قوغلىسۇن دەپ، مىسىرلىقلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى قاتتىق قىلىپ، فىرئەۋن ۋە پۈتۈن قوشۇنى، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلىرى ئارقىلىق ئۇلۇغلۇقۇمنى ئايان قىلىمەن. ‏18 مەن ئۇلۇغلۇقۇمنى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلىرى ئارقىلىق ئايان قىلغىنىمدا، مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ» دېدى. ‏19 ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئەمدى ئۇلارنىڭ كەينىگە ئۆتتى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭغان بۇلۇت تۈۋرۈكىمۇ ئۇلارنىڭ كەينىگە يۆتكىلىپ، ‏20 مىسىرلىقلارنىڭ قوشۇنى بىلەن ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ توختىدى. بۇ بۇلۇت بىر تەرەپكە قاراڭغۇلۇق چۈشۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپنى يورۇتتى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن كېچە ئىككى قوشۇن بىر-بىرىگە يېقىن كېلەلمىدى. ‏21 مۇسا قولىنى دېڭىز تەرەپكە ئۇزاتتى. پەرۋەردىگار پۈتۈن كېچە شەرق تەرەپتىن قاتتىق بىر شامال چىقىرىپ، دېڭىزنىڭ سۈيىنى كەينىگە ياندۇرۇش بىلەن دېڭىزنى قۇرۇق يەر قىلدى. شۇنداق قىلىپ، سۇ ئىككىگە بۆلۈندى. ‏22 بۇ تەرىقىدە بەنى ئىسرائىل دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى. سۇلار بولسا ئۇلارنىڭ ئوڭ ۋە سول يېنىدا تامدەك كۆتۈرۈلۈپ، توختاپ تۇرغانىدى. ‏23 مىسىرلىقلار بولسا ئۇلارنى قوغلاپ، فىرئەۋننىڭ ئاتلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ كەينىدىن دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە باردى. ‏24 لېكىن تاڭ ئاتقاندا پەرۋەردىگار ئوت ۋە بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدىن مىسىرلىقلارنىڭ قوشۇنىغا قاراپ، مىسىرلىقلار ئارىسىغا بىر قالايمىقانچىلىق سېلىپ، ‏25 جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرىنى چىقىرىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ مېڭىشىنى مۈشكۈل قىلدى. مىسىرلىقلار: «يۈرۈڭلار، ئىسرائىلدىن قاچايلى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن مىسىرلىقلارغا قارشى جەڭ قىلىۋاتىدۇ» دېيىشتى. ‏26 پەرۋەردىگار مۇساغا: «سۇلار يېنىپ مىسىرلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلىرىنىڭ ئۈستىگە ئاقسۇن دەپ قولۇڭنى دېڭىز تەرەپكە ئۇزاتقىن» دېدى. ‏27 مۇسا قولىنى دېڭىز تەرەپكە ئۇزاتتى. شۇنىڭ بىلەن تاڭ ئاتقاندا دېڭىزنىڭ سۈيى يەنە ئۆز ھالىغا يېنىپ كەلدى. قاچقان مىسىرلىقلار ئۇنىڭغا ئۇچرىغاندا پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا موللاق ئاتقۇزدى. ‏28 سۇ قايتىپ كېلىپ، ئىسرائىلنى قوغلاپ دېڭىزغا كىرگەن فىرئەۋننىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلارنى، دەرۋەقە پۈتۈن قوشۇنلىرىنى غەرق قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرىمۇ ساق قالمىدى. ‏29 لېكىن بەنى ئىسرائىل دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يەردىن مېڭىپ چىقىپ كەتتى. سۇ ئۇلارنىڭ ئوڭ يېنى ۋە سول يېنىدا تامدەك كۆتۈرۈلۈپ توختاپ تۇرغانىدى. ‏30 بۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگار ئۇ كۈنى بەنى ئىسرائىلنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى. ئىسرائىللار دېڭىز بويىدا مىسىرلىقلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆردى. ‏31 ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلارنى ئۇلۇغ قۇدرىتى بىلەن ئۇرغىنىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارى مۇساغا ئىشەندى.