مۇسانىڭ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشى
15
1 شۇ چاغدا مۇسا ۋە بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگارنى كۈيلەپ مۇنداق ناخشا ئوقۇدى: «پەرۋەردىگارنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىمەن،
چۈنكى ئۇ ئۇلۇغ غەلىبە قازاندى.
ئۇ مېنىڭ نىجاتكارىم بولدى.
ئۇنى مېنىڭ خۇدايىم دەپ مەدھىيىلەيمەن.
ئۇلار خۇددى تاشتەك دېڭىزنىڭ تېگىگە چۆكۈپ كەتتى. 6 ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ ئۆز قۇدرىتى بىلەن شان-شەرەپ تاپتى.
ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ دۈشمەننى ئېزىپ تارمار قىلدى. 7 ئۇلۇغ ھەيۋىتىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە قارشى چىققانلارنى نابۇت قىلدىڭ.
دولقۇنلار دۆڭلۈكتەك تىكلەندى،
دېڭىزنىڭ تېگىدىكى چوڭقۇر سۇلار قېتىپ قالدى. 9 دۈشمەن دېدىكى: ‹مەن ئۇلارنى قوغلاپ تۇتۇپ، ئولجا ئېلىپ بۆلۈشتۈرىمەن.
ئۇلاردىن ئاچچىقىمنى چىقىراي.
قىلىچىمنى سۇغۇرۇپ، ئۆز قولۇم بىلەن ئۇلارنى يوقىتاي›. 10 لېكىن سېنىڭ پۈۋلىشىڭ بىلەن دېڭىز ئۇلارنى قاپلىدى.
ئۇلار چوڭقۇر سۇلارغا قوغۇشۇندەك چۆكۈپ كەتتى. 11 ئەي پەرۋەردىگار، ئىلاھلار ئارىسىدا سېنىڭ تەڭدىشىڭ بارمۇ؟
پاك-مۇقەددەسلىكتە شانۇ-شەۋكەتلىك ،
ھەيۋىتى بىلەن قورقۇتىدىغان، مۆجىزىلەر يارىتىدىغان،
موئابنىڭ پالۋانلىرىنى تىترەك باسار.
ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ خەلقىڭ چىقىپ كەتكۈچە،
سەن قۇتقۇزغان خەلق ئۆتۈپ بولغۇچە،
ئۆز مىراسىڭ بولغان تاغدا كۆچەتتەك تىكىسەن.
ئەي پەرۋەردىگار، ئۆز ماكانىڭ بولۇشقا ھازىرلىغان مۇقەددەس جايغا
19 چۈنكى فىرئەۋننىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلىرى دېڭىزغا كىرىپ بولغاندا، پەرۋەردىگار دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياندۇردى. لېكىن بەنى ئىسرائىل دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ چىقىپ كەتتى.
20 بۇ چاغدا ھارۇننىڭ ھەدىسى ئايال پەيغەمبەر مەريەم، قولىغا بىر داپنى ئالغاندا، ھەممە ئاياللار قولىغا داپ ئېلىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. 21 مەريەم ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق ناخشا ئېيتىپ بەردى:
«پەرۋەردىگارنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇ ئۇلۇغ غەلىبە قازاندى.
ئۇ ئات ۋە ئۇنىڭ مىنگۈچىسىنى دېڭىزغا غەرق قىلىۋەتتى».
مارا بىلەن ئېلىم
22 ئاندىن كېيىن مۇسا بەنى ئىسرائىلنى قىزىل دېڭىزدىن ئېلىپ چىقىپ، شۇر چۆلىگە باشلاپ باردى. ئۈچ كۈن ئۇلار چۆلدە يۈرۈپ، سۇ تاپالمىدى. 23 ئاندىن ئۇلار ماراغا يېتىپ كەلدى، لېكىن سۈيى ئاچچىق بولغىنى ئۈچۈن ئۇلار مارانىڭ سۈيىنى ئىچەلمىدى. شۇڭا ئۇ جاي مارا دەپ ئاتالدى. ■ 24 خەلق: «نېمە ئىچىمىز ؟» دەپ مۇسادىن ئاغرىنىپ غوتۇلداشتى. 25 لېكىن ئۇ پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلغىنىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بىر شاخنى كۆرسەتتى. ئۇ ئۇنى ئېلىپ سۇغا تاشلىغىنىدا سۇ تاتلىق سۇغا ئايلاندى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار ئۇلارغا قانۇن-بەلگىلىمىلەر بېكىتتى ۋە ئۇلارنى سىنىدى. 26 پەرۋەردىگار: «ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سۆزىگە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغاننى قىلىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئاڭلاپ پەرزلىرىگە ئەمەل قىلساڭلار، مەن مىسىرلىقلارغا كەلتۈرگەن كېسەللىكلەردىن ھېچبىرىنى ئۈستۈڭلارغا كەلتۈرمەيمەن، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ تېۋىپىڭلاردۇرمەن» دېدى. 27 ئاندىن كېيىن ئۇلار ئېلىمغا يېتىپ كەلدى. ئۇ يەردە ئون ئىككى بۇلاق ۋە يەتمىش خورما دەرىخى بار ئىدى. ئۇلار ئۇ يەردە سۇنىڭ بويىدا چېدىر-بارگاھ تىكتى.