خۇدا ئاسماندىن ماننا ياغدۇرىدۇ
16
‏1 ئاندىن كېيىن بەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جامائىتى ئېلىمدىن ئايرىلىپ يولغا چىقتى. ئۇلار مىسىر زېمىنىدىن چىقىپ بىر يېرىم ئايدىن كېيىن، ئېلىم بىلەن سىناينىڭ ئارىسىدىكى سىن چۆلىگە يېتىپ كەلدى. ‏2 ئەمما بەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جامائىتى چۆلدە مۇسا ۋە ھارۇندىن ئاغرىنىپ غوتۇلدىشىپ، ‏3 ئۇلارغا: «كاشكى پەرۋەردىگارنىڭ قولى بىزنى مىسىر زېمىنىدا ئۆلتۈرگەن بولسا ئىدى. ئۇ يەردە بىز گۆش قازانلىرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، تويغۇدەك نان يېمىدۇقمۇ؟ لېكىن سىلەر بۇ جامائەتنىڭ ھەممىسىنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ چۆلگە ئېلىپ كەلدىڭلار!» دېدى. ‏4 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: «مانا، مەن ئاسماندىن سىلەرگە نان ياغدۇرىمەن. خەلق ھەر كۈنى چىقىپ، بىر كۈنلۈك لازىملىقىنى يىغىۋالسۇن. بۇ تەرىقىدە مەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ قانۇنۇم بويىچە مېڭىشنى خالامدۇ-خالىمامدۇ دەپ سىناپ كۆرىمەن. ‏5 ئالتىنچى كۈنى بولسا ئۇلارنىڭ يىغقان نەرسىلىرى باشقا كۈننىڭكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدۇ» دېدى.
‏6 مۇسا ۋە ھارۇن ھەممە بەنى ئىسرائىلغا: «سىلەر بۇ ئاخشام ئۆزۈڭلارنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققۇچىنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر ۋە ‏7 ئەتە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرىسىلەر. مانا، پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن رەنجىگىنىڭلارنى ئاڭلىدى. چۈنكى سىلەر بىزدىن ئاغرىنىپ غوتۇلدىغۇدەك بىز كىمتۇق؟» دېدى. ‏8 مۇسا يەنە سۆز قىلىپ: «بۇ ئاخشام پەرۋەردىگار سىلەرگە يېگىلى گۆش بېرىدۇ، ئەتىگەندە تويغۇدەك نان بېرىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەر ئۇنىڭدىن رەنجىپ غوتۇلداشقىنىڭلارنى ئاڭلىدى. بىز نېمىتۇق؟ ئەمەلىيەتتە سىلەر بىزدىن ئەمەس، پەرۋەردىگاردىن رەنجىدىڭلار» دېدى. ‏9 ئاندىن كېيىن مۇسا ھارۇنغا: «بەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جامائىتىگە: ‹پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىڭلار، چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ رەنجىپ غوتۇلداشقىنىڭلارنى ئاڭلىدى› دەپ ئېيتقىن» دېدى. ‏10 ھارۇن بەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جامائىتىگە سۆزلەپ تۇرغىنىدا ئۇلار چۆل تەرەپكە قارىسا، مانا، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بۇلۇتتا كۆرۈندى.
 
‏11 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
‏12 «مەن بەنى ئىسرائىلنىڭ رەنجىپ غوتۇلداشقىنىنى ئاڭلىدىم. ئەمدى ئۇلارغا: ‹خۇدا: «بۇ ئاخشام سىلەر گۆش يەيسىلەر، ئەتىگەندە نانغا تويىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر» دېدى› دەپ ئېيتقىن».
 
‏13 ئاخشام بولغاندا بۆدۈنىلەر كېلىپ بارگاھنى قاپلاپ كەتتى ۋە ئەتىگەندە بارگاھنىڭ چۆرىسىدە شەبنەم چۈشۈپ قالغانىدى. ‏14 لېكىن شەبنەم كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندە، مانا، چۆللۈكنىڭ يۈزىدە بىر قەۋەت قىروۋدەك نېپىز كىچىك ياپراقسىمان نەرسىلەر كۆرۈندى. ‏15 بەنى ئىسرائىل ئۇنى كۆرگەندە ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي: «بۇ نېمىدۇ؟» دېيىشتى. مۇسا ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار سىلەرگە يېيىش ئۈچۈن بەرگەن يېمەكلىكتۇر. ‏16 پەرۋەردىگار: ‹ھەربىرىڭلار ئېھتىياجىڭلارغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئۇنىڭدىن يىغىۋېلىڭلار. ئائىلىدىكىلەرنىڭ سانىغا قاراپ ھەربىر كىشى ئۈچۈن بىر ئومەر مىقداردا ھېسابلاپ يىغىڭلار. ھەر ئادەم ئۆز چېدىرىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن يىغىۋالسۇن› دەپ بۇيرۇغان» دېدى.    ‏17 بەنى ئىسرائىل شۇنداق قىلىپ، بەزىسى جىقراق بەزىسى ئازراق يىغىۋالدى. ‏18 لېكىن ئۇلار ئۇنى ئومەر ئۆلچىمى بىلەن تارتقاندا، جىقراق يىغقان كىشىنىڭ ئوشۇق چىقمىدى، ئازراق يىغقان كىشىنىڭمۇ كەم چىقمىدى. ھەربىر كىشى ئۆز يەيدىغىنىغا يەتكۈدەك يىغقانىدى. ‏19 مۇسا ئۇلارغا: «سىلەردىن ھېچكىم بۇنىڭدىن ھېچ نېمىنى ئەتىگە قالدۇرمىسۇن» دېدى. ‏20 شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار مۇسانىڭ سۆزىنى تىڭشىماي، بەلكى بەزىسى ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى ئەتىسىگە ساقلاپ قويدى. ئەمما ساقلاپ قويۇلغانلىرى قۇرتلاپ سېسىپ كەتتى. بۇ ئىش ئۈچۈن مۇسا ئۇلارغا خاپا بولۇپ ئاچچىقلاندى.
‏21 بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى ھەر ئەتىگەن ئۆز يەيدىغىنىغا قاراپ يىغىۋالاتتى. چۈنكى ئېشىپ قالغىنى ئاپتاپ چىققاندا ئېرىپ كېتەتتى.
‏22 لېكىن ئالتىنچى كۈنى ئۇلار كۈنلۈك ئوزۇقنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى توپلاپ، ھەربىر كىشى ئۈچۈن ئىككى ئومەر يىغىۋالدى. جامائەت رەھبەرلىرى ھەممىسى كېلىپ بۇنى مۇساغا ئېيتتى. ‏23 ئۇ ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار: ‹ئەتە ئارام كۈنى، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس شابات كۈنى بولغاچقا، بۈگۈن پىشۇرىدىغىنىڭلارنى پىشۇرۇپ، قاينىتىدىغىنىڭلارنى قاينىتىۋېلىپ، ئېشىپ قالغىنىنى ئەتىگىچە ساقلاپ قويۇڭلار› دەپ بۇيرۇغان» دېدى.    ‏24 ئۇلار مۇسا بۇيرۇغاندەك، ئۇنى ئەتىسىگە ساقلاپ قويغاندا، ئۇ سېسىماي، قۇرتلىماي، ساق تۇردى. ‏25 مۇسا: «بۈگۈن بۇنى يەڭلار، چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ شابات كۈنى بولغىنى ئۈچۈن بۈگۈن يەردىن ھېچنېمە تاپالمايسىلەر. ‏26 ئالتە كۈن بۇنىڭدىن يىغىڭلار، بىراق يەتتىنچى كۈنى شابات بولغىنى ئۈچۈن ئۇ كۈندە ھېچنېمە تېپىلمايدۇ» دېدى. ‏27 خەلقتىن بىرنەچچىسى يەنىلا يەتتىنچى كۈنى ئوزۇق يىغقىلى چىقتى، لېكىن ھېچنېمە تاپالمىدى. ‏28 بۇ چاغدا پەرۋەردىگار مۇساغا: «سىلەر قاچانغىچە مېنىڭ ئەمرلىرىم ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىشنى رەت قىلىسىلەر؟ ‏29 مانا، پەرۋەردىگار سىلەرگە شابات كۈنىنى بەرگىنى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلار ئۆز جايىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، يەتتىنچى كۈنى ھېچكىم ئۆز ئۆيىدىن تاشقىرىغا چىقمىسۇن دەپ ئىككى كۈنلۈك ئوزۇقنى ئالتىنچى كۈنى بەردى ئەمەسمۇ؟» دېدى. ‏30 شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق يەتتىنچى كۈنى ئارام ئالدى.
‏31 بەنى ئىسرائىل بۇ يېمەكلىكنىڭ نامىنى «ماننا» قويۇپ قويدى. ئۇ ئاشكۆكى ئۇرۇقىدەك ئاق بولۇپ، ئۇنىڭ تەمى ھەسەل قوشۇلغان قۇيماققا ئوخشايتتى. ‏32 مۇسا: «پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى شۇكى: ‹كەلگۈسى ئەۋلادلىرىڭلارغا، مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا سىلەرگە چۆلدە يېيىشكە بەرگەن ناننى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن بىر ئومەر توشقۇزۇپ ساقلاپ قويۇڭلار› » دېدى. ‏33 مۇسا ھارۇنغا: «قاچىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا بىر ئومەر مىقدارى ماننا سېلىپ، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن ساقلانسۇن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا قويۇپ قويغىن» دېدى. ‏34 ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك، ساقلاش ئۈچۈن قاچىنى شاھادەت ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدى.    ‏35 بۇ تەرىقىدە بەنى ئىسرائىل ئولتۇراقلاشقان بىر زېمىنغا يېتىپ كەلگۈچە، قىرىق يىل ماننا يېدى. ئۇلار كەنئان زېمىنىنىڭ چېگرىسىغا يەتكۈچە ماننا يېدى. ‏36 بىر ئومەر بولسا ئېفانىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر ئىدى.