ماسسا ۋە مەرىبا
17
1 ئاندىن كېيىن بەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جامائىتى سىن چۆلىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە سەپەر قىلىپ يۈرۈپ، رەفىدىم دېگەن يەرگە كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى. ئەمما ئۇ يەردە خەلققە ئىچكىلى سۇ يوق ئىدى. 2 خەلق مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ: «بىزگە ئىچكىلى سۇ بەرگىن» دېدى. لېكىن مۇسا ئۇلارغا: «نېمىشقا مەن بىلەن جېدەللىشىسىلەر؟ نېمىشقا پەرۋەردىگارنى سىنايسىلەر» دەپ جاۋاب قايتۇردى. 3 ئەمما خەلق ئۇسساپ، چاڭقاپ، مۇسادىن ئاغرىنىپ: «نېمىشقا سەن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ؟ بىزنى، بالىلىرىمىزنى ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ؟» دەپ غوتۇلداشتى. 4 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: «بۇ خەلقنى قانداق قىلاي؟ ئۇلار مېنى چالما-كېسەك قىلىشقا ئاز قالدى» دېدى. 5 پەرۋەردىگار مۇساغا: «سەن خەلقنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرنەچچىسىنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ، نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۇرغىنىڭدا ئىشلەتكەن ھاساڭنى قولۇڭغا تۇتۇپ ماڭغىن. 6 مانا، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا، خورېبتىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرىمەن. سەن قورام تاشقا ئۇرغىن. بۇنىڭ بىلەن خەلققە ئىچكىلى ئۇنىڭدىن سۇ چىقىدۇ» دېدى. مۇسا ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدا شۇنداق قىلدى. 7 ئۇ بەنى ئىسرائىلنىڭ رەنجىپ: «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا بارمۇ-يوقمۇ؟» دەپ پەرۋەردىگارنى سىنىغىنى ئۈچۈن، ئۇ يەرنى ماسسا ۋە مەرىبا دەپ ئاتىدى. ■ ئامالەك بىلەن جەڭ قىلىش
8 بۇ چاغدا ئامالەك كېلىپ، رەفىدىمدە ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلدى. 9 مۇسا يەشۇئاغا: «ئۆزىمىزدىن ئادەملەرنى تاللاپ، ئامالەك بىلەن جەڭ قىلغىلى چىققىن. مەن بولسام، ئەتە خۇدانىڭ ھاسىسىنى قولۇمدا تۇتۇپ، دۆڭنىڭ چوققىسىدا تۇرىمەن» دېدى. 10 يەشۇئا مۇسانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئامالەك بىلەن جەڭ قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئەسنادا مۇسا، ھارۇن ۋە خۇر، دۆڭنىڭ چوققىسىغا چىقتى. 11 مۇسا قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرسا، ئىسرائىل ئۈستۈن كېلەتتى. لېكىن ئۇ قولىنى پەسكە چۈشۈرسە، ئامالەك ئۈستۈن كېلەتتى. 12 مۇسانىڭ قوللىرى ئېغىرلىشىپ قالغاندا، ئۇلار بىر تاش ئېلىپ، ئۇنىڭ ئاستىغا قويدى. ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى. ھارۇن ۋە خۇر ئىككىسى ئىككى تەرىپىدە ئۇنىڭ قوللىرىنى يۆلەپ تۇردى. بۇ تەرىقىدە ئۇنىڭ قوللىرى كۈن پاتقۇچە مەزمۇت تۇردى. 13 شۇنداق قىلىپ يەشۇئا ئامالەك ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى قىلىچلاپ تارمار قىلدى. 14 پەرۋەردىگار مۇساغا: «بۇنى بىر ئەسلىمە بولسۇن دەپ بىر كىتابقا يېزىپ، يەشۇئانىڭ قۇلاقلىرىغا ئوقۇپ بەرگىن. چۈنكى مەن ئامالەكنى شۇنداق يوقىتىۋېتىمەنكى، ئاسماننىڭ ئاستىدا ھەرگىز ئۇنىڭ ئىزى قالمايدۇ» دېدى. 15 مۇسا بىر قۇرباڭاھ ياساپ، ئۇنىڭ نامىنى «پەرۋەردىگار تۇغۇمدۇر» دەپ ئاتاپ: ■ 16 «پەرۋەردىگارنىڭ تەختىگە بىر قول كۆتۈرۈلگەچكە، پەرۋەردىگار نەسىلدىن نەسىلگە ئامالەككە قارشى جەڭ قىلىدۇ» دېدى.