يېترو مۇسانىڭ قېشىغا كېلىشى
18
‏1 مۇسانىڭ مىدىياندا كاھىن بولغان قېيناتىسى يېترو، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنى مىسىردىن ئېلىپ چىققىنىنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ مۇسا ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا قىلغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدى. ‏2 مۇسانىڭ قېيناتىسى يېترو مۇسانىڭ ئۇ يەرگە ئەۋەتىۋەتكەن ئايالى زىپپورا ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ، يولغا چىقتى. ‏3 بۇلارنىڭ بىرىگە گەرشوم دەپ ئات قويۇلغانىدى، چۈنكى مۇسا: «مەن ياقا يۇرتتا مۇساپىردۇرمەن» دېگەنىدى. ‏4 يەنە بىرىگە ئەلىئەزەر دەپ ئات قويۇلغانىدى، چۈنكى مۇسا: «ئاتامنىڭ خۇداسى مېنىڭ ياردەمچىم بولۇپ، مېنى فىرئەۋننىڭ قىلىچىدىن قۇتقۇزدى» دېگەنىدى. ‏5 مۇسانىڭ قېيناتىسى يېترو مۇسانىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئايالىنى ئېلىپ، مۇسا چۆلدە خۇدانىڭ تېغىنىڭ يېنىدا چېدىر-بارگاھ تىككەن يەرگە يېتىپ كەلدى. ‏6 ئۇ مۇساغا «مەن سېنىڭ قېيناتاڭ يېترو، ئۆز ئايالىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، يېنىڭغا كېلىۋاتىمەن» دەپ خەۋەر ئەۋەتتى. ‏7 شۇنىڭ بىلەن مۇسا قېيناتىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، تەزىم قىلىپ ئۇنى سۆيدى. ئۇلار بىر-بىرىدىن ھال-ئەھۋال سورىشىپ چېدىرغا كىردى. ‏8 مۇسا قېيناتىسىغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ۋەجىدىن فىرئەۋن ۋە مىسىرلىقلارغا قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى بىرمۇ-بىر بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ يولدا تارتقان ھەممە جەبرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى قانداق قۇتقۇزغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ‏9 يېترو، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا قىلغان ھەممە ياخشىلىقىنى ئاڭلاپ خۇشال بولدى. ‏10 يېترو: «سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ۋە فىرئەۋننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان، بۇ خەلقنى مىسىرلىقلارنىڭ چاڭگىلىدىن تارتىۋالغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي. ‏11 پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە ئىلاھلاردىن ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم، چۈنكى ئۇلار مەغرۇرلانغان ئىشتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.» دېدى. ‏12 ئاندىن كېيىن مۇسانىڭ قېيناتىسى يېترو خۇداغا بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە بىرنەچچە سويۇم قۇربانلىقنى كەلتۈرگىنىدە، ھارۇن ۋە ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى مۇسانىڭ قېيناتىسى بىلەن بىللە خۇدانىڭ ئالدىدا تاماق يېيىشكە كەلدى.
 
‏13 ئەتىسى مۇسا خەلق ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئولتۇردى. خەلق ئەتىگەندىن تارتىپ ئاخشامغىچە مۇسانىڭ چۆرىسىدە تۇردى. ‏14 مۇسانىڭ قېيناتىسى ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى كۆرگەندە: «سېنىڭ خەلق ئۈچۈن قىلىۋاتقان بۇ ئىشىڭ زادى قانداق ئىش؟ سەن نېمىشقا يالغۇز ئولتۇرىسەن ۋە خەلق ئەتىگەندىن تارتىپ ئاخشامغىچە سېنىڭ چۆرەڭدە كۈتۈپ تۇرىدۇ؟» دېدى. ‏15 مۇسا قېيناتىسىغا: «خەلق خۇدادىن يوليورۇق سوراش ئۈچۈن مېنىڭ ئالدىمغا كېلىدۇ. ‏16 ئۇلارنىڭ بىر دەۋاسى بولسا، ئۇلار ماڭا كېلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ قانۇن ۋە ئەمرلىرىنى بىلدۈرۈپ تۇرىمەن» دېدى. ‏17 مۇسانىڭ قېيناتىسى ئۇنىڭغا: «بۇنداق قىلغىنىڭ ياخشى ئەمەس. ‏18 سەنمۇ، چۆرەڭدىكى خەلقمۇ ھەممىڭلار جەزمەن ھېرىپ كېتىسىلەر. بۇ ئىش ساڭا بەك ئېغىر يۈك بولىدۇ، ئۇنى يالغۇز قىلالمايسەن. ‏19 ئەمدى مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سالغىن. مەن ساڭا بىر مەسلىھەت بېرەي. خۇدا بۇ ئىشتا ساڭا يار بولغاي: سەن ئۆزۈڭ خۇدانىڭ ئالدىدا خەلقنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دەۋالىرىنى خۇدانىڭ ئالدىغا يەتكۈزگىن. ‏20 سەنمۇ ئۇلارغا قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ئۆگىتىپ، ماڭىدىغان يولنى كۆرسىتىپ، نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغىن. ‏21 بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سەن ھەممە خەلقنىڭ ئارىسىدىن خۇدادىن قورقىدىغان، ناھەق پايدىنى يامان كۆرىدىغان قابىلىيەتلىك ۋە ئىشەنچلىك كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنى خەلققە باشلىق سۈپىتىدە مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى، ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىگىن. ‏22 بۇلار ھەمىشە خەلق ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارسۇن. ئەگەر چوڭراق بىر دەۋا چىقىپ قالسا، ئۇنى ساڭا تاپشۇرسۇن. لېكىن ھەممە كىچىك دەۋالارنى ئۇلار ئۆزلىرى ھەل قىلسۇن. بۇ تەرىقىدە ئۇلار يۈكنى سەن بىلەن بىللە كۆتۈرۈپ تۇرسا، ساڭا يېنىكرەك بولىدۇ. ‏23 ئەگەر شۇنداق قىلساڭ، خۇدا بۇيرۇسا، سەن چىداپ بەرداشلىق بېرەلەيسەن. بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىمۇ تىنچ-ئامان ئۆز جايىغا بارالايدۇ» دېدى.
‏24 مۇسا قېيناتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، دېگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. ‏25 مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئىچىدىن قابىلىيەتلىك ئادەملەرنى تاللاپ، ئۇلارنى خەلقنىڭ ئۈستىگە باشلىق قىلدى. ئۇ بەزىسىنى مىڭبېشى، بەزىسىنى يۈزبېشى، بەزىسىنى ئەللىكبېشى، بەزىسىنى ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىدى. ‏26 بۇلار ھەمىشە خەلق ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ تۇردى. ئۇلار قىيىنراق دەۋالارنى مۇساغا ئېلىپ باراتتى، لېكىن كىچىك دەۋالارنى ئۆزلىرى ھەل قىلاتتى. ‏27 ئاندىن كېيىن مۇسا ئۆز قېيناتىسىنى يولغا سېلىپ قويدى. ئۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.