سىناي تېغىدا
19
‏1 بەنى ئىسرائىل مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىن دەل ئۈچىنچى ئاينىڭ باشلانغان كۈنى ئۇلار سىناي چۆلىگە يېتىپ كەلدى. ‏2 ئۇلار رەفىدىمدىن چىققاندىن كېيىن سىناي چۆلىگە يېتىپ كېلىپ، چۆلدە چېدىر تىكتى. ئىسرائىل شۇ يەردە تاغنىڭ ئۇدۇلىدا چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏3 مۇسا خۇدانىڭ ئالدىغا چىققاندا، پەرۋەردىگار تاغ تەرەپتىن ئۇنىڭغا جاراڭلىق ئاۋازدا سۆزلەپ: «سەن ياقۇبنىڭ جەمەتىگە مۇنداق سۆزلەپ، بەنى ئىسرائىلغا مۇنۇ خەۋەرنى يەتكۈزگىن: ‏4 ‹مېنىڭ مىسىرلىقلارغا نېمىلەرنى قىلغىنىمنى، شۇنداقلا سىلەرنى بۈركۈت قاناتلىرىغا مىندۈرۈپ، يېنىمغا ئېلىپ كەلگىنىمنى ئۆزۈڭلار كۆردۈڭلار. ‏5 ئەمدى سىلەر مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ، ئەھدەمگە ئەمەل قىلساڭلار، باشقا ھەممە خەلقلەر ئارىسىدا ماڭا خاس بىر خەلق بولىسىلەر، چۈنكى پۈتۈن يەر مېنىڭكىدۇر. ‏6 سىلەر ماڭا ئاتالغان بىر كاھىنلار پادىشاھلىقى ۋە مۇقەددەس بىر خەلق بولىسىلەر›. مانا، بۇ سۆزلەرنى بەنى ئىسرائىلغا ئېيتقىن» دېدى.
‏7 شۇنىڭ بىلەن مۇسا يېنىپ كېلىپ، خەلقنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. ‏8 خەلقنىڭ ھەممىسى بىر ئېغىز بىلەن جاۋاب بېرىپ: «پەرۋەردىگار بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىنى قىلىمىز» دېدى. ئاندىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، خەلقنىڭ جاۋابىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى.
‏9 پەرۋەردىگار مۇساغا: «مانا، مەن ساڭا سۆز قىلغىنىمدا، خەلق بۇنى ئاڭلاپ، ھەمىشە ساڭا ئىشىنىشى ئۈچۈن، بىر قويۇق بۇلۇت ئىچىدە سېنىڭ يېنىڭغا كېلىمەن» دېدى. مۇسا بولسا خەلقنىڭ ئېيتقانلىرىنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزدى. ‏10 پەرۋەردىگار مۇساغا: «سەن خەلقنىڭ يېنىغا بېرىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە ئۇلارنى ماڭا ئاتاپ پاكلىغىن، ھەم ئۇلارنىڭ ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشىنى بۇيرۇغىن.    ‏11 ئۇلار ئۈچىنچى كۈنىگە تەييار بولسۇن، چۈنكى ئۈچىنچى كۈنى پۈتۈن خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار سىناي تېغىغا چۈشىدۇ. ‏12 سەن خەلق ئۈچۈن تاغنىڭ چۆرىسىگە بىر چېگرا بەلگىلەپ: ‹سىلەر ئېھتىيات قىلىپ، تاغقا چىقماڭلار، ھەتتا ئۇنىڭ ئېتىكىگىمۇ تېگىپ كەتمەڭلار. كىمكى تاغقا تەگسە، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. ‏13 ئۇنىڭغا قول تەگكۈزۈلمەي چالما-كېسەك قىلىنسۇن ياكى ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلسۇن. مەيلى ھايۋان ياكى ئىنسان بولسۇن، مۇنداق قىلغانلار تىرىك قالدۇرۇلمىسۇن› دەپ ئېيتقىن. پەقەت كاناي ئۇزۇن ئاۋاز بىلەن چېلىنغاندا، ئاندىن ئۇلار تاغقا چىقسۇن» دېدى.
‏14 مۇسا تاغدىن چۈشۈپ، خەلقنىڭ يېنىغا بېرىپ، خەلقنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ پاكلىدى ۋە ئۇلار كىيىملىرىنى يۇدى. ‏15 ئاندىن ئۇ خەلققە: «ئۈچىنچى كۈنى ئۈچۈن تەييار تۇرۇڭلار، ئاياللارغا يېقىنلاشماڭلار» دېدى. ‏16 ئۈچىنچى كۈنى تاڭ يورۇغاندا ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، قويۇق بىر بۇلۇت تاغنىڭ ئۈستىدە پەيدا بولدى. كاناينىڭ ئىنتايىن قاتتىق بىر ئاۋازى ئاڭلاندى. بارگاھتىكى ھەممە خەلق قورقۇپ تىترەپ كەتتى. ‏17 مۇسا خەلقنى خۇدانىڭ ئالدىدا ھازىر قىلىش ئۈچۈن بارگاھتىن ئېلىپ چىقتى. ئۇلار تاغنىڭ تۈۋىدە تۇردى. ‏18 پەرۋەردىگار ئوت ئىچىدە سىناي تېغىنىڭ ئۈستىگە چۈشكىنى ئۈچۈن پۈتۈن تاغ تۈتۈن بىلەن قاپلانغانىدى. تۈتۈن بىر خۇمداندىن چىققان تۈتۈندەك يۇقىرى ئۆرلىدى. پۈتۈن تاغ قاتتىق تەۋرەپ كەتتى. ‏19 كاناي ئاۋازى بارغانسېرى كۈچەيدى. مۇسا سۆز قىلىۋىدى، خۇدا ئۇنىڭغا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن جاۋاب بەردى. ‏20 پەرۋەردىگار سىناي تېغىنىڭ چوققىسىغا چۈشتى. ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسانى تاغنىڭ چوققىسىغا چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا تاغقا چىقتى. ‏21 پەرۋەردىگار مۇساغا: «سەن چۈشۈپ، خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ‹پەرۋەردىگارنى كۆرەيلى دەپ چېگرىدىن ئۆتۈپ يېقىنلاشماڭلار. بولمىسا، سىلەردىن كۆپ ئادەم ھالاك بولىدۇ› دېگىن. ‏22 پەرۋەردىگارغا يېقىن كېلەلەيدىغان كاھىنلارمۇ ئۆزلىرىنى ماڭا ئاتاپ پاكلىسۇن، بولمىسا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ» دېدى. ‏23 مۇسا پەرۋەردىگارغا: «خەلق سىناي تېغىغا چىقالمايدۇ. چۈنكى سەن ئۆزۈڭ بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ‹تاغنىڭ چۆرىسىگە بىر چېگرا بەلگىلەپ، تاغنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار› دەپ بۇيرۇدۇڭ» دېدى. ‏24 پەرۋەردىگار مۇساغا: «سەن چۈشۈپ، ھارۇننى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ چىققىن. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۇلارغا قارشى قوزغالماسلىقى ئۈچۈن، كاھىنلار ۋە خەلق پەرۋەردىگارغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن چېگرىدىن بۆسۈپ ئۆتمىسۇن» دېدى. ‏25 مۇسا خەلقنىڭ يېنىغا چۈشۈپ، ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزدى.