ئون ئەمر
20
‏1 خۇدا مۇساغا بۇ ھەممە سۆزلەرنى جېكىلەپ مۇنداق دېدى:
‏2 «مەن سىلەرنى مىسىردىن، قۇللۇق ماكانىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردۇرمەن.
‏3 مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭ بولمىسۇن. ‏4 ئۆزۈڭ ئۈچۈن، مەيلى يۇقىرىدا ئاسماندىكى نەرسىلەردىن بولسۇن، مەيلى تۆۋەندە يەردىكى ياكى يەر ئاستىدا سۇلاردىكى نەرسىلەردىن بولسۇن، ھېچبىرىنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىمىغىن. ‏5 ئۇلارغا سەجدە قىلمىغىن ۋە ئۇلارغا ئىبادەت قىلمىغىن. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قىزغىنىدىغان خۇدادۇرمەن. مېنى يامان كۆرگەنلەرنىڭ بالىلىرىغا، ھەتتا ئۈچىنچى-تۆتىنچى نەسلىگىچە، ئاتا-بوۋىلىرى قىلغان گۇناھلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى كەلتۈرىمەن. ‏6 لېكىن مېنى سۆيىدىغان ۋە مېنىڭ ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىدىغانلارغا نەچچە مىڭ ئەۋلادىغىچە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن.
‏7 پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامىنى بىھۇدە ئىشلەتمىگىن، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىنى بىھۇدە ئىشلەتكۈچىنى جازاسىز قويمايدۇ.
‏8 شابات كۈنىگە رىئايە قىلغىن، ئۇنى مۇقەددەس دەپ بىلگىن. ‏9 ئالتە كۈن ئىشلەپ، ھەممە ئىشلىرىڭنى قىلغىن. ‏10 لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ شابات كۈنى بولغاچقا، ئۇ كۈندە، مەيلى سەن ئۆزۈڭ، ئوغۇل-قىزلىرىڭ ياكى قۇل-دېدىكلىرىڭ بولسۇن، مەيلى چارۋا ماللىرىڭ ياكى دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار بولسۇن، ھېچكىم ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن. ‏11 چۈنكى ئالتە كۈن ئىچىدە پەرۋەردىگار ئاسمان، يەر، دېڭىز ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممىنى ياراتتى، لېكىن يەتتىنچى كۈنى ئارام ئالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار شابات كۈنىنى مۇبارەكلەپ، ئۇنى مۇقەددەس كۈن قىلىپ بېكىتتى.
‏12 ئاتاڭ ۋە ئاناڭغا ھۆرمەت قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن.
‏13 قاتىللىق قىلمىغىن.
‏14 زىنا قىلمىغىن.
‏15 ئوغرىلىق قىلمىغىن.
‏16 قوشناڭ ئۈستىدىن يالغان گۇۋاھلىق بەرمىگىن.
‏17 قوشناڭنىڭ ئۆيىنى تاما قىلمىغىن، قوشناڭنىڭ ئايالى، قۇلى، دېدىكى، كالىسى، ئېشىكى ياكى قوشناڭنىڭ ھېچقانداق نەرسىسىگە كۆز قىرىڭنى سالمىغىن».
‏18 پۈتۈن خەلق گۈلدۈرماما ۋە كاناي ئاۋازىنى ئاڭلاپ، چاقماق ۋە تاغدىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان تۈتۈننى كۆرگىنىدە قورقۇپ تىترىشىپ يىراق تۇرۇپ، ‏19 مۇساغا: «سەن بىزگە سۆز قىلغىن، بىز ئاڭلايمىز. لېكىن خۇدا ئۆزى بىزگە سۆز قىلمىسۇن. بولمىسا، ئۆلىمىز» دېدى. ‏20 لېكىن مۇسا خەلققە: «قورقماڭلار، چۈنكى خۇدا سىلەرنى سىناش ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن قورقۇپ، گۇناھ قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن كەلدى» دېدى. ‏21 خەلق يىراقتا تۇردى. ئەمما مۇسا خۇدا بار قويۇق قارا بۇلۇتقا يېقىن باردى.
 
قۇربانلىقلار ۋە قۇربانلىق سۇپىسى ھەققىدە
‏22 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: «سەن بېرىپ، بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹مېنىڭ سىلەرگە ئەرشتىن سۆز قىلغىنىمنى كۆردۈڭلار. ‏23 سىلەر مەندىن باشقا ئۆزۈڭلارغا ئىلاھ بولۇش ئۈچۈن نە كۈمۈشتىن، نە ئالتۇندىن ئىلاھلار ياسىماڭلار. ‏24 سەن مەن ئۈچۈن لايدىن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭ ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىڭنى، قوي ۋە كالىلىرىڭنى قويغىن. مەن ئۆز نامىمنى ئەسلىتىدىغان ھەربىر جايدا يېنىڭغا كېلىپ ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلىمەن. ‏25 ئەگەر مەن ئۈچۈن تاشتىن قۇربانلىق سۇپىسى ياسىماقچى بولساڭ، ئۇنى يونۇتۇلغان تاشتىن ياسىمىغىن، چۈنكى سەن ئۇنىڭغا ئەسۋابىڭنى تەگكۈزسەڭ، ئۇنى ناپاك قىلىسەن. ‏26 ئۇنىڭ ئالدىدا ئەۋرىتىڭنىڭ كۆرۈنۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، قۇربانلىق سۇپامغا پەلەمپەيدىن چىقمىغىن›».