قۇللار توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر
21
‏1 «سەن خەلقنىڭ ئالدىغا قويىدىغان ئەھكاملار مۇنۇلاردۇر: ‏2 ئەگەر سەن بىر ئىبرانىي قۇلنى سېتىۋالغان بولساڭ، ئۇ ئالتە يىلغىچە خىزمەت قىلىپ، يەتتىنچى يىلى تۆلەمسىز ئازاد قىلىنسۇن. ‏3 ئۇ يالغۇز كەلگەن بولسا، يالغۇز كەتسۇن. ئايالىنى ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئايالىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتسۇن. ‏4 ئەگەر خوجايىنى ئۇنىڭغا خوتۇن ئېلىپ بەرگەن بولسا ۋە ئۇ ئۇنىڭغا ئوغۇل-قىزلارنى تۇغۇپ بەرگەن بولسا، بۇ ئايال بالىلىرى بىلەن خوجايىنىغا تەۋە بولىدۇ. ئەر يالغۇز كەتسۇن. ‏5 لېكىن قۇل: ‹خوجايىنىمغا، ئايالىمغا ۋە بالا-چاقامغا مۇھەببىتىم بولغىنى ئۈچۈن مەن ئازاد بولۇشنى خالىمايمەن› دېسە، ‏6 ئۇنىڭ خوجايىنى ئۇنى خۇدانىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ئىشىك كېشىكىنىڭ يېنىدا تۇرغۇزسۇن. خوجايىنى بىر بىگىز بىلەن ئۇنىڭ قۇلىقىنى تەشسۇن. ئاندىن ئۇ ھەمىشە ئۇنىڭ قۇلى بولۇپ قالىدۇ.
‏7 ئەگەر بىرى ئۆز قىزىنى دېدەك قىلىپ ساتسا، ئۇ ئەر قۇللار ئازاد قىلىنغاندەك ئازاد قىلىنمىسۇن.
‏8 خوجايىنى ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن ئالغان بولسا ۋە ئۇ خوجىسىغا ياقماي قالسا، ئۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلىنىپ ئازاد قىلىنىشىغا يول قويسۇن. ئەمما ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغىنى ئۈچۈن، ئۇنى يات خەلققە سېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ‏9 ئەگەر ئۇ ئۇنى ئۆز ئوغلى ئۈچۈن ئالغان بولسا، ئۇنىڭغا ئۆز قىزىدەك مۇئامىلە قىلسۇن. ‏10 ئەگەر ئۇ باشقا بىر خوتۇن ئالسا، ئىلگىرىكىسىنىڭ يېمەك-ئىچمىكى، كىيىم-كېچىكى ۋە ئەر-خوتۇنچىلىق بۇرچىنى كېمەيتمىسۇن. ‏11 ئەگەر ئۇ ئۇنىڭغا بۇ ئۈچ ھەقنى بەرمىسە، ئۇ بەدەل تۆلەنمەي ئازاد بولىدۇ.
 
ئۆزگىگە زىيان كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر
‏12 كىمكى بىر كىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. ‏13 بىراق ئۇ كىشى ئۇنىڭ جېنىنى قەستلىمىگەن بولسا، بەلكى خۇدانىڭ يول قويۇشى بىلەن بۇ ئىش يۈز بەرگەن بولسا، مەن سىلەرگە ئۇنىڭ قاچىدىغان جايىنى كۆرسىتىمەن. ‏14 ئەگەر بىر كىشى ئۆز قوشنىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرسە، ئۇ قۇربانلىق سۇپامغا قاچقان بولسىمۇ، شۇ يەردە تۇتۇلۇپ، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن.
‏15 كىمكى ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ئۇرسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.
‏16 كىمكى بىر ئادەمنى بۇلاپ، ئۇنى ساتقان بولسا ياكى ئۇنى ئۆز قولىدا ساقلىغاندا تۇتۇلسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.
‏17 كىمكى ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىنى قارغىسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.
‏18 ئەگەر ئىككى كىشى ئۇرۇشۇپ قېلىپ، بىرى يەنە بىرىنى تاش ياكى مۇشتى بىلەن ئۇرسا، بىراق ئۇرۇلغان كىشى ئۆلمەي يېتىپ قېلىپ، ‏19 ئاندىن قوپۇپ ھاسىغا تايىنىپ تاشقىرىغا چىققۇدەك بولسا، ئۇنى ئۇرغان كىشى جازالانمىسۇن، پەقەت ئۇنىڭغا ۋاقىت جەھەتتىكى زىيىنىنى تۆلەپ بەرسۇن ۋە ئۇنى داۋالىتىپ ساقايتسۇن.
‏20 ئەگەر بىر كىشى ئۆز قۇلى ياكى دېدىكىنى تاياق بىلەن ئۇرسا ۋە ئۇ ئۇنىڭ قولى ئاستىدا ئۆلسە، ئۇ چوقۇم جازاغا تارتىلسۇن.
‏21 لېكىن تاياق يېگۈچى خوجىسىنىڭ شەخسىي مېلى بولغاچقا، ئۇ يەنە بىر-ئىككى كۈن ھايات قالسا، ئۇنىڭ خوجىسى جازاغا تارتىلمىسۇن.
‏22 ئەگەر كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، بىر ئېغىر ئاياغ ئايالنى ئۇرۇپ سالسا، لېكىن ئۇنىڭدا بالىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن باشقا زەخىملىنىش بولمىسا، ھاكىمنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسەن ئايالنىڭ ئېرىنىڭ تەلىپى بويىچە جەرىمانە تۆلىسۇن. ‏23 لېكىن باشقا زەخىملىنىش بولسا، جانغا جان، ‏24 كۆزكە كۆز، چىشقا چىش، قولغا قول، پۇتقا پۇت، ‏25 كۆيۈككە كۆيۈك، ياراغا يارا، كۆككە كۆك تۆلىتىلسۇن.
‏26 ئەگەر بىر كىشى ئۆز قۇلى ياكى دېدىكىنىڭ كۆزىگە ئۇرۇپ، ئۇنى كور قىلىپ قويسا، كۆزنىڭ ۋەجىدىن ئۇنى ئازاد قىلسۇن. ‏27 ئەگەر بىر كىشى ئۆز قۇلى ياكى دېدىكىنىڭ چىشىنى ئۇرۇپ چىقىرىۋەتسە، چىشنىڭ ۋەجىدىن ئۇنى ئازاد قىلسۇن.
‏28 ئەگەر بىر كالا بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرسە، كالا چوقۇم چالما-كېسەك قىلىنسۇن. ئۇنىڭ گۆشى يېيىلمىسۇن. ئەمما كالىنىڭ ئىگىسى گۇناھكار بولمايدۇ. ‏29 لېكىن بۇ كالا بۇرۇندىن ئۈسكەك بولسا ۋە ئۇنىڭ ئىگىسىگە بۇ توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن بولسا، ۋە ئىگىسى ئۇنى باغلاپ قويمىغىنى ئۈچۈن كالا بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرسە، كالا چالما-كېسەك قىلىنسۇن، ئىگىسىمۇ ئۆلتۈرۈلسۇن. ‏30 بىراق ئۇنىڭدىن خۇن ھەققى تەلەپ قىلىنسا، ئۆز جېنىنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭغا قانچىلىك تۆلەم قويۇلغان بولسا شۇنى تۆلىسۇن. ‏31 كالا ئۈسكەن كىشى مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن، ئىگىسى بۇ ئەھكام بويىچە ھۆكۈم قىلىنسۇن. ‏32 ئەگەر كالا بىر قۇل ياكى دېدەكنى ئۈسكەن بولسا، ئىگىسى ئۈسۈلگەن كىشىنىڭ خوجىسىغا ئوتتۇز شېكەل كۈمۈش تۆلەپ بەرسۇن، ئەمما كالا چالما-كېسەك قىلىنسۇن.
‏33 ئەگەر بىر كىشى بىر قۇدۇق ئېچىپ ياكى ئورا كولاپ، ئاغزىنى ياپماي قويغىنى ئۈچۈن بىر كالا ياكى ئېشەك ئۇنىڭغا چۈشۈپ كەتسە، ‏34 قۇدۇقنىڭ ئىگىسى ھايۋاننىڭ ئىگىسىگە تۆلەم بەرسۇن، لېكىن ئۆلگەن مال ئۇنىڭ بولىدۇ.
‏35 ئەگەر بىر كىشىنىڭ كالىسى يەنە بىرىنىڭ كالىسىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرسە، ئۇلار ھايات قالغان كالىنى سېتىپ، پۇلنى باراۋەر بۆلۈشسۇن ۋە شۇنداقلا ئۆلۈك كالىنىمۇ بۆلۈشسۇن. ‏36 لېكىن كالىنىڭ بۇرۇندىن ئۈسكەكلىكى مەلۇم بولۇپ تۇرۇپ، ئىگىسى ئۇنى باغلاپ قويمىغان بولسا، ئۇ كالىغا كالا تۆلەپ بەرسۇن، ئەمما ئۆلگەن كالا ئۇنىڭ بولىدۇ. ‏37 ئەگەر بىر كىشى بىر كالا ياكى بىر قوينى ئوغرىلاپ ئۇنى سويسا ياكى ساتسا، ئۇ بىر كالىغا بەش كالا، بىر قويغا تۆت قوي تۆلەپ بەرسۇن.