ئۆزگىنىڭ مېلى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر
22
1 ئوغرى تام تېشىپ بىرەر ئۆيگە ئوغرىلىقچە كىرگىنىدە تۇتۇلۇپ قېلىپ، تاياق يەپ ئۆلۈپ قالسا، ئۆلتۈرگۈچىگە قان تۆكۈش گۇناھى ئارتىلمىسۇن. 2 لېكىن شۇ ۋەقە كۈن چىققاندىن كېيىن يۈز بەرگەن بولسا، ئوغرىنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە قان تۆكۈش گۇناھى ئارتىلسۇن. ئوغرى ئوغرىلىغىنىنى تولۇق تۆلەپ بەرسۇن. ئۇنىڭ ھېچنېمىسى بولمىسا، ئوغرىلىغىنىنى تۆلەش ئۈچۈن ئۇ قۇللۇققا سېتىلسۇن. 3 ئەگەر ئوغرىلىغان مال، مەيلى كالا، ئېشەك ياكى قوي بولسۇن، ئۇنىڭ قولىدا تىرىك ھالەتتە تېپىلسا، ئوغرى ئىگىسىگە مالنىڭ باھاسى بويىچە ئىككى ھەسسە تۆلەپ بەرسۇن.
4 ئەگەر بىر كىشى يەنە بىرىنىڭ ئېتىزلىقى ياكى ئۈزۈمزارلىقىغا ئۆز چارۋا ماللىرىنى ئوتلاشقا قويۇپ بېرىپ، چارۋا ماللىرىنىڭ ئۇنىڭ زىرائەتلىرى ياكى مېۋىلىرىنى يېيىشىگە يول قويسا، ئۆز ئېتىزلىقى ياكى ئۈزۈمزارلىقىنىڭ ئەڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرىدىن ئۇنىڭغا زىياننى تۆلەپ بەرسۇن.
5 ئەگەر ئوت كېتىپ، تىكەنلىككە تۇتىشىپ، ئورۇلغان باغلاملارنى، ئورۇلمىغان زىرائەتنى ياكى پۈتۈن ئېتىزلىقنى كۆيدۈرۈۋەتسە، ئوت ياققان كىشى بارلىق زىياننى تۆلەپ بەرسۇن.
6 ئەگەر بىر كىشى ئۆز قوشنىسىغا پۇل ياكى مال-مۈلكىنى ئامانەت قويغان بولسا ۋە بۇلار ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئوغرىلىنىپ كەتسە، كېيىن ئوغرى تۇتۇلسا، ئۇ ئۇنىڭ باھاسى بويىچە ئىككى ھەسسە تۆلەپ بەرسۇن. 7 لېكىن ئوغرى تېپىلمىسا، ئۆي ئىگىسى قوشنىسىنىڭ مېلىغا قول تەگكۈزگەن ياكى تەگكۈزمىگەنلىكى مەلۇم بولسۇن دەپ ھاكىمنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن.
8 ھەرقانداق خىيانەتچىلىك، مەيلى ئۇ كالا، ئېشەك، قوي ياكى كىيىم-كېچەك توغرىسىدا ياكى باشقا يوقالغان بىر نەرسە توغرىسىدا بولسۇن، بىرى: ‹بۇ مېنىڭ› دېسە، ھەر ئىككى تەرەپ ھاكىمنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن. كىمگە گۇناھ بېكىتىلسە، ئۇ كىشى قوشنىسىغا شۇ نەرسىنىڭ باھاسى بويىچە ئىككى ھەسسە تۆلەپ بەرسۇن.
9 ئەگەر بىر كىشى قوشنىسىغا ئېشەك، كالا، قوي ياكى باشقا بىر ھايۋاننى ئامانەت قويۇپ، بۇ ئامانەت مېلى كىشى كۆرمەستىن ئۆلۈپ كەتسە، زەخىملەنسە ياكى بۇلىنىپ كەتسە، 10 قوشنىسىنىڭ مېلىغا قول تەگكۈزمىگەنلىكى توغرىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قەسەم ئىچىلسۇن. مال ئىگىسى بۇ قەسەمنى قوبۇل قىلسۇن، ۋە قوشنىسى ئۇنىڭغا زىياننى تۆلەپ بەرمىسۇن. 11 لېكىن مال ئۇنىڭدىن ئوغرىلانغان بولسا، ئۇ ئىگىسىگە زىياننى تۆلەپ بەرسۇن. 12 ئەگەر ئۇنى يىرتقۇچ ھايۋان پارچىلىۋەتكەن بولسا، پارچىلانغان ھايۋاننى ئىسپات ئۈچۈن كۆرسەتسۇن. بۇ ئەھۋالدا ئۇ زىياننى تۆلەپ بەرمىسۇن.
13 ئەگەر بىر كىشى ئۆز قوشنىسىدىن بىر ھايۋاننى ئۆتنە ئېلىپ، ھايۋان ئۇنىڭ ئىگىسى بولمىغان ۋاقىتتا ئۆلۈپ قالسا، ئۆتنە ئالغۇچى زىياننى تولۇق تۆلەپ بەرسۇن. 14 لېكىن ئىگىسى نەق مەيداندا بولسا، ئۆتنە ئالغۇچى زىياننى تۆلەپ بەرمىسۇن. چۈنكى ئەگەر ھايۋان كىراغا ئالغان بولسا، كىراسى زىياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
جىسمانىي ھەم روھىي بۇزۇقچىلىق توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر
15 ئەگەر بىر ئادەم باشقا بىر كىشى بىلەن ۋەدىلەشمىگەن بىر قىزنى ئازدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتسا، ئۇ ئۇنىڭ تويلۇقىنى بېرىپ، ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالسۇن. 16 لېكىن قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئۇنىڭغا بېرىشكە ئۇنىمىسا، ئۇ ئادەم پاك قىزنىڭ تويلۇقىغا باراۋەر كېلىدىغان مىقداردا پۇل تۆلەپ بەرسۇن.
17 جادۇگەر ئايالنى تىرىك قالدۇرماڭلار.
18 كىمكى بىر ھايۋان بىلەن يېتىپ مۇناسىۋەت قىلسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.
19 كىمكى يېگانە پەرۋەردىگاردىن باشقا ئىلاھلارغا قۇربانلىق سۇنسا، چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن.
ئاجىزلار توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر
20 مۇساپىر كىشىنى ئازابلىماڭلار، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلماڭلار. چۈنكى سىلەرمۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇردۇڭلار.
21 تۇل خوتۇن ۋە يېتىملارنى خورلىماڭلار. 22 سىلەر ئۇلارنى خورلىساڭلار، ئۇلار ماڭا پەرياد قىلغىنىدا مەن چوقۇم ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ، 23 غەزىپىم قوزغىلىپ، سىلەرنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىمەن. شۇنداقكى، ئۆز خوتۇنلىرىڭلار تۇل، بالىلىرىڭلار يېتىم بولۇپ قالىدۇ.
24 ئەگەر سەن مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئىچىدىن ساڭا قوشنا بولغان كەمبەغەلگە قەرز بەرسەڭ، ئۇنىڭغا جازانىخوردەك مۇئامىلە قىلمىغىن، ئۇنىڭدىن ئۆسۈم ئالمىغىن.
25 ئەگەر سەن قوشناڭنىڭ چاپىنىنى گۆرۈگە ئالساڭ، كۈن ئولتۇرماستا ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەرگىن. 26 چۈنكى چاپىنى ئۇنىڭ بىردىنبىر يېپىنچىسى، بەدىنىنى ياپىدىغان كىيىمىدۇر. بۇ چاپان بولمىسا، نېمىنى يېپىنىپ ئۇخلايدۇ؟ بۇ سەۋەبتىن ئۇ ماڭا پەرياد قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ پەريادىنى ئاڭلايمەن، چۈنكى شەپقەتلىكتۇرمەن.
ھۆرمەت ۋە ئىبادەت توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر
27 خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلمىغىن ۋە خەلقىڭنىڭ رەھبىرىنى قارغىمىغىن.
28 خامىنىڭنىڭ ھوسۇلىدىن ۋە شاراب سىققۇچۇڭنىڭ شەربىتىدىن ئېلىنغان ھەدىيەلىرىڭنى ئايىماي ماڭا كەلتۈرگىن.
ئوغۇللىرىڭنىڭ تۇنجىسىنى ماڭا ئاتىغىن. 29 كالا-قويلىرىڭنىڭ تۇنجىلىرىنىمۇ شۇنداق ئاتىغىن. ئۇلار يەتتە كۈنگىچە ئۆز ئانىسى بىلەن تۇرسۇن، ئەمما سەككىزىنچى كۈنى ئۇلارنى ماڭا ئاتاپ كەلتۈرگىن.
30 سىلەر ماڭا بىر مۇقەددەس خەلق بولىسىلەر. شۇڭا دالادا يىرتقۇچ ھايۋان پارچىلىۋەتكەن بىر ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېمەڭلار، بەلكى ئۇنى ئىتلارغا تاشلاپ بېرىڭلار.