باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر
23
‏1 يالغان گەپنى يايمىغىن ۋە يامان كىشىگە يان بېسىپ، يالغان گۇۋاھچى بولمىغىن.
‏2 كۆپچىلىككە ئەگىشىپ يامانلىق قىلمىغىن. بىر دەۋادا گۇۋاھلىق بەرگەندە كۆپچىلىككە قوشۇلۇپ ھەقىقەتنى بۇرمىلىمىغىن.
‏3 كەمبەغەلگىمۇ ئۇنىڭ دەۋاسىدا يان باسمىغىن.
‏4 دۈشمىنىڭنىڭ كالا ياكى ئېشىكى ئېزىقىپ كېتىپ، ساڭا ئۇچراپ قالسا، ئۇنى چوقۇم ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگىن. ‏5 ئەگەر سەن دۈشمىنىڭنىڭ ئېشىكىنى يۈكىنىڭ ئاستىدا يىقىلىپ ياتقىنىنى كۆرسەڭ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە كۆڭلۈڭ تارتمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ئېشىكىنى قوپۇرۇشۇپ بېرىشىڭ لازىم.
‏6 ئاراڭلاردىكى كەمبەغەللەرنىڭ دەۋاسىدا ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلمىغىن.
‏7 يالغان ئىشتىن ئۇزاق تۇرغىن، بىگۇناھ ۋە ھەققانىي ئادەمنى ئۆلتۈرمىگىن، چۈنكى يامان ئادەمنى ئاقلىمايمەن. ‏8 پارا ئالمىغىن، چۈنكى پارا كۆرىدىغانلارنى كور قىلىپ، ھەققانىيلارنىڭ سۆزىنى بۇرمىلايدۇ.
‏9 بىر مۇساپىر كىشىگە زۇلۇم قىلمىغىن، چۈنكى ئۆزۈڭلار مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغان بولغاچقا، مۇساپىرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىسىلەر.
‏10 ئالتە يىل ئۆز يېرىڭنى تېرىپ، ھوسۇلىنى يىغقىن. ‏11 لېكىن يەتتىنچى يىلى خەلقىڭنىڭ كەمبەغەللىرى ئۇنىڭدىن يېسۇن، ئېشىپ قالغىنىنى دالادىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن، يەرگە ئارام بېرىپ ئۇنى بىكار قويغىن. ئۈزۈمزارلىقىڭ ۋە زەيتۇنلۇق بېغىڭنىمۇ شۇنداق قىلغىن.
‏12 ئالتە كۈن ئىشلىرىڭنى قىلىپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئالغىن. بۇنىڭ بىلەن كالا ۋە ئېشەكلىرىڭمۇ ئارام تاپىدۇ، دېدىكىڭنىڭ ئوغلى ۋە مۇساپىر كىشىمۇ دېمىنى ئالىدۇ.
 
خۇدانىڭ ئېيتقىنىنى ساقلاش كېرەك
‏13 مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلىغىن.
باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىنى ئاتىمىغىن، ھەتتا تىلىڭغىمۇ ئالمىغىن.
‏14 يىلدا ئۈچ قېتىم مەن ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. ‏15 پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. سىلەرگە بۇيرۇغىنىمدەك ئابىب ئېيىدا يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەڭلار. چۈنكى ئۇ ئايدا مىسىردىن چىققانىدىڭلار. ھېيتتا ھېچ كىشى ئالدىمغا قۇرۇق قول كەلمىسۇن.    ‏16 سىلەر مېھنەت قىلىپ تېرىغان زىرائەتلىرىڭلارنىڭ تۇنجى ھوسۇلىنى ئورغاندا ئورما ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. شۇنىڭدەك يىلنىڭ ئاخىرىدا يەردىن ھوسۇلۇڭلارنى يىغقىنىڭلاردا، ھوسۇل يىغىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. ‏17 يىلدا ئۈچ قېتىم ھەممە ئەركەكلىرىڭلار رەب پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلسۇن.
‏18 سەن ماڭا قىلىدىغان سويۇم قۇربانلىقنىڭ قېنىنى بولدۇرۇلغان خېمىردىن پىشۇرۇلغان نان بىلەن بىللە سۇنمىغىن. ھېيت قۇربانلىقىنىڭ يېغىنى، ئەتىسى سەھەرگىچە قالدۇرمىغىن.
‏19 يېرىڭنىڭ تۇنجى پىشقان زىرائەتلىرىنىڭ ئېسىلىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ بەيتىگە ئېلىپ كەلگىن.
ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرمىغىن.
‏20 مانا، مەن بىر پەرىشتىنى، سىلەرنى يولدا قوغداپ، مەن تەيىنلىگەن يەرگە سىلەرنى ئېلىپ بارسۇن دەپ، ئالدىڭلاردا ئەۋەتىمەن. ‏21 سىلەر ئۇنىڭ ئالدىدا ئاگاھ بولۇڭلار، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇنى خاپا قىلماڭلار. چۈنكى مېنىڭ نامىم ئۇنىڭدا بولغاچ، ئۇ ئاسىيلىقلىرىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ. ‏22 لېكىن سىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلىساڭلار، مەن سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارغا دۈشمەن بولۇپ، سىلەرگە قارشى تۇرغۇچىلارغا قارشى تۇرىمەن. ‏23 چۈنكى مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭلاردا مېڭىپ، سىلەرنى ئامورىيلار، ھېتىتلار، پەرىززىيلەر، كەنئانلار، خىۋۋىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنىغا باشلاپ ئېلىپ كىرىدۇ. مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن. ‏24 سىلەر ئۇلارنىڭ بۇت ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلىپ ئىبادەت قىلماڭلار ۋە ھەم ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماڭلار. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى ئۆرۈۋېتىپ بۇزۇڭلار، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى چېقىۋېتىڭلار. ‏25 لېكىن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ نان بىلەن سۈيۈڭلارغا بەرىكەت بېرىدۇ. مەن كېسەللىكلەرنى ئاراڭلاردىن چىقىرىپ تاشلايمەن. ‏26 بۇنىڭ بىلەن زېمىنىڭلاردا ھېچبىر ئايالنىڭ بالىسى چۈشۈپ كەتمەيدۇ ۋە ھېچبىر ئايال تۇغماس بولمايدۇ. ئۆمرۈڭلارنىڭ كۈنلىرىنى تولۇق قىلىمەن. ‏27 مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ھەيۋىتىمنى ئەۋەتىمەن، سىلەر ئۇچرايدىغان ھەممە ئەللەرنى پاراكەندە قىلىمەن، ھەممە دۈشمەنلىرىڭلارنى كەينىگە ياندۇرۇپ قاچۇرىمەن. ‏28 ھىۋۋىيلار، كەنئانلار ۋە ھېتىتلارنى ئالدىڭلاردىن قوغلاپ قاچۇرۇش ئۈچۈن چوڭ سېرىق ھەرىلەرنى ئەۋەتىمەن. ‏29 ئەمما زېمىننىڭ چۆل-باياۋانغا ئايلىنىپ كەتمەسلىكى، دالادىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئاۋۇپ كېتىپ، سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى بىر يىل ئىچىدە ئالدىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمايمەن. ‏30 بەلكى سىلەر كۆپىيىپ، زېمىننى مىراس قىلىپ ئىگىلىۋالغۇچە مەن ئۇلارنى ئاستا-ئاستا ھەيدەپ چىقىرىمەن. ‏31 سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنىڭ چېگرىلىرىنى قىزىل دېڭىزدىن تارتىپ، فىلىستىنلەرنىڭ دېڭىزىغىچە، چۆلدىن تارتىپ فىرات دەرياسىغىچە قىلىپ بېكىتىمەن. چۈنكى شۇ زېمىندىكى ئاھالىنى قولۇڭلارغا بېرىمەن. شۇندىلا سىلەر ئۇلارنى ئالدىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرالايسىلەر. ‏32 سىلەر ئۇلار ياكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن زىنھار ئەھدە تۈزمەڭلار. ‏33 ئۇلار زېمىنىڭلاردا تۇرمىسۇن. بولمىسا ئۇلار سىلەرنى مېنىڭ ئالدىمدا گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىبادەت قىلساڭلار، بۇ سىلەرگە چوقۇم بىر تۇزاق بولىدۇ›».