خۇدانىڭ ئىسرائىل خەلقى بىلەن باغلىغان ئەھدىسى
24
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا: «سەن ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ھارۇن، ناداب، ئابىھۇ ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىن يەتمىش ئاقساقالنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا چىقىپ يىراقتىن ماڭا سەجدە قىلىڭلار. ‏2 يالغۇز مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېقىن كەلسۇن، لېكىن باشقىلار يېقىن كەلمىسۇن. خەلقمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاغقا چىقمىسۇن» دېدى. ‏3 مۇسا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزلىرى ۋە بۇيرۇقلىرىنى خەلققە سۆزلەپ بەردى. پۈتۈن خەلق بىر ئېغىزدىن: «پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىمىز» دەپ جاۋاب بەردى. ‏4 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى خاتىرىلىۋالدى. ئۇ ئەتىسى سەھەر قوپۇپ، تاغنىڭ تۈۋىدە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇ يەردە ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى تاش تۈۋرۈك تىكلەپ قويدى. ‏5 ئۇ بەنى ئىسرائىل ئىچىدىن بىرنەچچە يىگىتنى قۇربانلىق قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار بېرىپ پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇندى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن تورپاقلار سويۇپ قۇربانلىق قىلدى. ‏6 ئاندىن كېيىن مۇسا قاننىڭ يېرىمىنى ئېلىپ، قاچىلارغا قۇيدى، قالغان يېرىمىنى قۇربانلىق سۇپىسى ئۈستىگە چاچتى. ‏7 ئاندىن ئۇ ئەھدە كىتابىنى ئېلىپ، خەلققە ئوقۇپ بەردى. ئۇلار: «پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سېلىپ ئىتائەت قىلىمىز» دېيىشتى. ‏8 مۇسا قاننى ئېلىپ، خەلققە سېپىپ: «مانا، بۇ قان پەرۋەردىگار پۈتۈن بۇ سۆزلەرگە ئاساسەن سىلەر بىلەن باغلىغان ئەھدىنىڭ قېنىدۇر» دېدى.
‏9 ئاندىن كېيىن مۇسا، ھارۇن، ناداب، ئابىھۇ ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش كىشى تاغقا چىقىشتى. ‏10 ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى كۆردى. ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئاسمانغا ئوخشاش سۈزۈك، كۆك ياقۇتتىن ياسالغان پاياندازدەك بىر جىسىم بار ئىدى. ‏11 لېكىن ئۇ بەنى ئىسرائىلنىڭ باشلىقلىرىغا زىيان يەتكۈزۈشكە قولىنى ئۇزاتمىدى. ئۇلار خۇدانى كۆرسىمۇ، يەپ-ئىچىپ تۇرالىدى.
‏12 پەرۋەردىگار مۇساغا: «تاغ ئۈستىگە ئالدىمغا چىقىپ، شۇ يەردە تۇرغىن. ئۇلارغا ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ئۆزۈم قانۇن ۋە ئەمرلىرىمنى يېزىپ قويغان تاش تاختىلارنى ساڭا بېرىمەن» دېدى. ‏13 مۇسا قوزغىلىپ، ئۆز خىزمەتكارى يەشۇئانى ئېلىپ باردى. شۇنداق قىلىپ، مۇسا خۇدانىڭ تېغى ئۈستىگە چىقتى. ‏14 ئۇ ئاقساقاللارغا: «بىز قايتىپ كەلگۈچە بۇ يەردە بىزنى ساقلاپ تۇرۇڭلار. مانا، ھارۇن ۋە خۇر سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا قالىدۇ. ئەگەر سىلەردىن بىر كىشىنىڭ ئىشى بولسا، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسۇن» دېدى.
‏15 مۇسا تاغنىڭ ئۈستىگە چىققىنىدا، تاغنى بۇلۇت قاپلىدى. ‏16 پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سىناي تېغىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. بۇلۇت ئۇنى ئالتە كۈنگىچە سايە قىلىپ قاپلاپ تۇردى. لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدىن مۇسانى چاقىردى. ‏17 پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بەنى ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا تاغنىڭ چوققىسىدا ھەممىنى يۇتقۇچى ئوتتەك كۆرۈندى. ‏18 مۇسا بۇلۇتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، تاغنىڭ ئۈستىگە چىقتى. مۇسا قىرىق كېچە-كۈندۈز تاغدا تۇردى.