ئىبادەت چېدىرىنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر
25
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏2 «بەنى ئىسرائىلغا ئېيتقىنكى، ماڭا بىر ھەدىيە كەلتۈرۈلسۇن. چىن كۆڭلىدىن بېرىدىغان ھەر كىشىدىن ماڭا ھەدىيە يىغىۋېلىڭلار. ‏3 سىلەر ئۇلاردىن ئالىدىغان ھەدىيەلەر: ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، ‏4 كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يىپ، ئاق كەندىر يىپ، ئۆچكە يۇڭى، ‏5 قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، دېلفىن تېرىسى، ئاكاتسىيە ياغىچى،    ‏6 چىراغ ئۈچۈن ياغ، مەسىھلەش يېغىغا ۋە خۇشبۇي ئىسرىققا ئىشلىتىلىدىغان دورا-دەرمەكلەر،    ‏7 ئېفود بىلەن كۆكرەكلىككە ئورنىتىلىدىغان ھېقىق تېشى ۋە باشقا ئېسىل تاشلار بولسۇن.   
 
‏8 ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇشۇم ئۈچۈن ئۇلار ماڭا بىر مۇقەددەس جاي تەييارلىسۇن. ‏9 ئىبادەت چېدىرى ۋە ئىچىدىكى ھەممە ئەسۋاب-جابدۇقلارنى مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان نەمۇنە بويىچە ياساڭلار.
‏10 ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ساندۇق ياسىسۇن. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز بولسۇن.    ‏11 سەن ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن، ئىچى ۋە سىرتىنى قاپلىغىن. ئۇنىڭ ئۈستىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك ياسىغىن. ‏12 ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيدۇرۇپ، ئۇنىڭ تۆت پۇتىغا ئورناتقىن، بۇ تەرەپتە ئىككى ھالقا، ئۇ تەرەپتە ئىككى ھالقا بولسۇن. ‏13 سەن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى خادا ياساپ، ئىككىلىسىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن. ‏14 ساندۇقنىڭ ئۇلار بىلەن كۆتۈرۈشى ئۈچۈن، بۇ خادىلارنى ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈپ قويغىن. ‏15 خادىلار ساندۇقتىكى ھالقىلاردا تۇرسۇن، ئۇنىڭدىن چىقىرىلمىسۇن. ‏16 بۇ ساندۇققا مەن ساڭا بېرىدىغان شاھادەت تاختىلىرىنى قويغىن.    ‏17 بۇنىڭدىن باشقا، سەن ساندۇقنىڭ ئۈستىگە ساپ ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولغان مەرھەمەت تەختىنى ياسىغىن.    ‏18 مەرھەمەت تەختىنىڭ ئىككى بېشىغا ئىككى كېرۇب ھەيكىلىنى ئالتۇندىن سوقۇپ ياسىغىن.    ‏19 بىر كېرۇبنى بىر بېشىغا، يەنە بىر كېرۇبنى يەنە بىر بېشىغا ياساپ ئورناتقىن. ئىككى تەرەپتىكى كېرۇبلار مەرھەمەت تەختى بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ ياسالسۇن. ‏20 كېرۇبلار قاناتلىرىنى يېيىپ كۆتۈرۈپ، قاناتلىرى بىلەن مەرھەمەت تەختىنى يېپىپ تۇرسۇن. ئۇلار بىر-بىرىگە يۈزلىنىپ، يۈزلىرى مەرھەمەت تەختىگە قارىتىلسۇن. ‏21 سەن مەرھەمەت تەختىنى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە قويغىن ۋە مەن ساڭا بېرىدىغان شاھادەت تاختىلىرىنى ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويغىن. ‏22 ئۇ يەردە مەن ئۆزۈم سەن بىلەن ئۇچرىشىمەن. مەرھەمەت تەختىدىن، يەنى شاھادەت ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جايدىن، سېنىڭ ۋاسىتەڭ بىلەن بەنى ئىسرائىلغا بېرىدىغان ھەممە ئەمرلىرىم توغرىسىدا ساڭا سۆز قىلىمەن.
‏23 سەن ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر شىرە ياسىغىن. ‏24 ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن بىر گىرۋەك ياسىغىن. ‏25 بۇنىڭدىن باشقا، سەن شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت بارماق كەڭلىكتە بىر پەۋاز ياسىغىن. ئۇ پەۋازنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن بىر گىرۋەك ياساپ قويغىن. ‏26 ئۇ شىرەگە سەن ئالتۇندىن تۆت ھالقا ياساپ، بۇ ھالقىلارنى شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى پۇتلىرىغا ئورناتقىن. ‏27 شىرەنى كۆتۈرۈشكە خادىلارنىڭ ھالقىلاردىن ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، ھالقىلار پەۋازغا يېقىن ئورنىتىلسۇن. ‏28 خادىلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن. ئۇلار بىلەن شىرە كۆتۈرۈلىدۇ. ‏29 شىرە ئۈستىگە قويۇلىدىغان تاۋاقلار، پىيالىلەر، ئىچىملىك ھەدىيەسى قۇيىدىغان چۆگۈنلەر ۋە قەدەھلەرنى ساپ ئالتۇندىن ياسىغىن.
‏30 مېنىڭ ئالدىمدا شىرەگە ھەمىشە ناننى قويۇپ تۇرغىن.
‏31 سەن يەنە ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغداننىمۇ ياسىغىن. ئۇ چىراغداننى سوقۇپ ياسىغىن. ئۇنىڭ پۇتى، غولى، قەدەھلىرى، گۈل تۈگۈنلىرى ۋە گۈللىرى بىر پۈتۈنلۈك بولۇپ ياسالسۇن. ‏32 چىراغداننىڭ يانلىرىدىن ئالتە شاخ چىقىرىلسۇن، بىر يېنىدىن ئۈچ شاخ، يەنە بىر يېنىدىن ئۈچ شاخ چىقىرىلسۇن. ‏33 بىر شاختا بادام چېچىكى شەكلىدە ئۈچ قەدەھ بولسۇن، ھەر قەدەھتە بىر گۈل غۇنچىسى ۋە بىر گۈل شەكلى بولسۇن. يەنە بىر شاختىمۇ بادام چېچىكى شەكلىدە ئۈچ قەدەھ بولسۇن، ھەربىرىدە بىر گۈل غۇنچىسى ۋە بىر گۈل شەكلى بولسۇن. چىراغداندىن چىقىرىلغان ئالتە شاخنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالسۇن. ‏34 لېكىن چىراغداننىڭ غولىدا بادام چېچىكى شەكلىدە، گۈل غۇنچىسى ۋە گۈلى بار تۆت قەدەھ بولسۇن. ‏35 بىر غۇنچە چىراغداننىڭ غولىدىن چىققان بىرىنچى جۈپ شاخنىڭ ئاستىدا بولسۇن. يەنە بىر غۇنچە ئىككىنچى جۈپ شاخنىڭ ئاستىدا بولسۇن. ئۈچىنچى غۇنچە ئۈچىنچى جۈپ شاخنىڭ ئاستىدا بولسۇن. چىراغداننىڭ غولىدىن چىقىرىلغان ئالتە شاخنىڭ ئاستى ھەممىسى شۇنداق بولسۇن. ‏36 ئۇلارنىڭ غۇنچىلىرى ۋە شاخلىرى چىراغدان بىلەن بىر پۈتۈنلۈك بولۇپ، بىر پۈتۈن ساپ ئالتۇندىن سوقۇپ ياسالسۇن. ‏37 سەن چىراغدان ئۈچۈن يەتتە چىراغنى ياسىغىن. بۇ چىراغلار شۇنداق تەرىقىدە ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلسۇنكى، ئالدى تەرەپكە يورۇق چۈشسۇن. ‏38 ئۇنىڭ پىلىك قىسقۇچلىرى ۋە كۈلدانلىرى ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن. ‏39 چىراغدان ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئەسۋابلىرى بىر تالانت ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن. ‏40 ئۇلارنى ساڭا تاغدا كۆرسىتىلگەن نەمۇنىدەك ياساشقا ئالاھىدا دىققەت قىلغىن.
ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەسۋابلىرى («مىس.» 25-27)