26
‏1 ئىبادەت چېدىرىنى تاللانغان ئاق كەندىر يىپتىن ۋە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يىپتىن نەپىس توقۇلغان ئون دانە پەردىدىن ياسىغىن. ئۈستىگە ئۇستا ھۈنەرۋەننىڭ قولى بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتى كەشتىلەنسۇن. ‏2 ھەربىر پەردىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە سەككىز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولسۇن. ھەربىر پەردە ئوخشاش ئۆلچەمدە بولسۇن. ‏3 پەردىلەرنىڭ بەشى بىر-بىرىگە ئۇلانسۇن، قالغان بەش پەردىمۇ بىر-بىرىگە ئۇلانسۇن. ‏4 سەن بىر ئۇلاشقان پەردىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى پارچىسىنىڭ تۇتىشىدىغان يان تەرىپىگە كۆك رەڭلىك ئىزمە قادىغىن. ئىككىنچى ئۇلاشقان پەردىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى پارچىسىنىڭ تۇتىشىدىغان يان تەرىپىگىمۇ شۇنداق قىلغىن. ‏5 بىر پەردىگە ئەللىك ئىزمە قادىچىن. ئىككىنچى پەردىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى تۇتىشىدىغان يان تەرىپىگىمۇ ئەللىك ئىزمە قادىغىن. ئىزمىلەر بىر-بىرىنىڭ ئۇدۇلىدا بولسۇن. ‏6 ئىبادەت چېدىرىنىڭ بىر پۈتۈن بولۇشى ئۈچۈن، ئالتۇندىن ئەللىك ئىلمەك ياساپ، پەردىلەرنى بۇ ئىلمەكلەر بىلەن بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرغىن.
‏7 ئىبادەت چېدىرىنى يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە يۇڭىدىن يوپۇقلار ياسىغىن. شۇنداق يوپۇقلاردىن ئون بىر دانە ياسىغىن. ‏8 ھەر يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولسۇن. ئون بىر يوپۇقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئۆلچەمدە بولسۇن. ‏9 يوپۇقلارنىڭ بەشىنى بىر-بىرىگە ئۇلىغىن. قالغان ئالتە يوپۇقنىمۇ بىر-بىرىگە ئۇلىغىن. ئالتىنچى پارچە يوپۇقنى چېدىرنىڭ ئالدى تەرىپىگە، ئىككىگە قاتلاپ ئۇزۇنىسىغا ئېسىپ قويغىن. ‏10 سەن بىرىنچى ئۇلاشقان يوپۇقنىڭ ئەڭ چېتىدىكى پارچىسىنىڭ يان تەرىپىگە ئەللىك ئىزمە، ئىككىنچى ئۇلاشقان يوپۇقنىڭ بىرىنچىسىگە يانداشقان پارچىسىنىڭ يان تەرىپىگىمۇ ئەللىك ئىزمە قادىغىن. ‏11 سەن مىستىن ئەللىك ئىلمەك ياساپ، ئۇلارنى ئىزمىلەرگە ئۆتكۈزۈپ، ئىككى يوپۇقنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ بىر پۈتۈن قىلىپ بىرلەشتۈرگىن. ‏12 چېدىر يوپۇقىنىڭ ئېشىپ قالغان قىسمى، يەنى ئېشىپ قالغان يېرىم پەرچىسى ئىبادەت چېدىرىنىڭ كەينى تەرىپىدە ساڭگىلاپ تۇرسۇن. ‏13 چېدىر يوپۇقلىرىنىڭ بويىدىن ئېشىپ قالغان قىسمى ئىبادەت چېدىرىنى يېپىش ئۈچۈن ئۇ تەرەپتىن بىر گەز، بۇ تەرەپتىن بىر گەز چېدىرنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ساڭگىلاپ تۇرسۇن.
‏14 بۇنىڭدىن باشقا، سەن چېدىرنى قاپلاش ئۈچۈن قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن بىر يوپۇق ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان دېلفىن تېرىسىدىن بىر يوپۇق ياسىغىن.
‏15 ئىبادەت چېدىرىنىڭ تىك تاختايلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىغىن. ‏16 ھەر تاختاينىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولسۇن. ‏17 ھەربىر تاختاينىڭ ئىككى ئۇلىغۇچى بولسۇن. ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھەممە تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىغىن.    ‏18 ئىبادەت چېدىرىنىڭ تاختايلىرىنىڭ يىگىرمىسىنى جەنۇبقا قارىتىپ، جەنۇب تەرىپىگە قويغىن. ‏19 بۇ يىگىرمە تاختاينىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق پۇت ياسىغىن. ھەربىر تاختاينىڭ ئاستىغا، ئىككى ئۇلىغۇچى ئۈچۈن ئىككىدىن پۇت ئورناتقىن. ‏20 شۇنىڭدەك ئىبادەت چېدىرىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە، يەنى شىمال تەرىپىگە يىگىرمە تاختاينى قويۇپ، ‏21 بۇلار ئۈچۈنمۇ كۈمۈشتىن قىرىق پۇت ياسىغىن، ھەربىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن پۇت ئورناتقىن. ‏22 ئىبادەت چېدىرىنىڭ كەينى تەرىپى، يەنى غەرب تەرىپى ئۈچۈن ئالتە تاختاي ياسىغىن. ‏23 ئىبادەت چېدىرىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى تاختاينى ياساپ ئورناتقىن. ‏24 ھەر ئىككى بۇلۇڭدىكى ئىككى تاختاي تۆۋەن تەرىپىدىن بىر-بىرىگە چىڭ تۇتاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى تەرىپىدە بىر ھالقا بىلەن ئۇلانسۇن. ئىككى تاختاي شۇنداق قىلىنىپ، ئىككى بۇلۇڭغا قويۇلسۇن. ‏25 بۇ تەرىقىدە سەككىز تاختاي بولىدۇ. ھەربىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن پۇت، جەمئىي ئون ئالتە دانە كۈمۈش پۇت بولىدۇ.
‏26 بۇنىڭدىن باشقا، سەن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بالداقلار ياسىغىن: ئىبادەت چېدىرىنىڭ بىر تەرىپىدىكى تاختايلار ئۈچۈن بەش، ‏27 ئىبادەت چېدىرىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى تاختايلار ئۈچۈن بەش، ۋە ئىبادەت چېدىرىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى، يەنى غەرب تەرىپىدىكى تاختايلار ئۈچۈنمۇ بەش ياغاچ بالداق تەييارلىغىن. ‏28 تاختايلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان ئوتتۇرا بالداق، بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگە يەتكۈزۈلسۇن. ‏29 تاختايلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن. ياغاچ بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارنى ئالتۇندىن ياسىغىن. بالداقلارنىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن. ‏30 ئىبادەت چېدىرىنى ساڭا تاغدا كۆرسىتىلگەن نۇسخا بويىچە ياساپ تىكلىگىن.
‏31 سەن كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ ۋە ئاق كەندىر يىپتىن نەپىس توقۇلغان بىر ئايرىما پەردە ياسىغىن. ئۇنىڭدا ئۇستا ھۈنەرۋەننىڭ قولى بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتى كەشتىلەنسۇن. ‏32 ئۇنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالغان ۋە ئالتۇن بىلەن قاپلانغان تۆت تۈۋرۈككە ئېسىپ قويغىن. ئىلمەكلىرى ئالتۇندىن بولسۇن. تۈۋرۈكلەر كۈمۈشتىن ياسالغان تۆت پۇت ئۈستىگە ئورنىتىلسۇن. ‏33 ئۇ ئايرىما پەردىنى ئىلمەكلەرنىڭ ئاستىغا ئېسىپ قويغىن. شاھادەت ساندۇقىنى ئۇ يەرگە كەلتۈرۈپ، ئايرىما پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرگىن. بۇ ئايرىما پەردە سىلەر ئۈچۈن مۇقەددەس جاي بىلەن ئەڭ مۇقەددەس جاينى ئايرىپ تۇرسۇن.
‏34 ئاندىن سەن ئەڭ مۇقەددەس جايدا مەرھەمەت تەختىنى شاھادەت ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە قويغىن.
‏35 لېكىن شىرەنى ئايرىما پەردىنىڭ سىرتىدا ئورۇنلاشتۇرغىن. چىراغداننى شىرەنىڭ ئۇدۇلىغا ئىبادەت چېدىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە، شىرەنى شىمال تەرىپىگە قويغىن.
‏36 بۇنىڭدىن باشقا، سەن چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزى ئۈچۈن كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ ۋە ئاق كەندىر يىپتىن نەپىس توقۇلغان ۋە كەشتىلەنگەن بىر پەردە ياسىغىن. ‏37 بۇ پەردە ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بەش تۈۋرۈك ياساپ، ئۇلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن. تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىلمەكلىرىنىمۇ ئالتۇندىن ياسىغىن. تۈۋرۈكلەرنىڭ تېگىگە قويىدىغان بەش دانە پۇتنى مىستىن قۇيۇپ تەييارلىغىن.
ئىبادەت چېدىرى ۋە سىرتقى ھويلىسى («مىس.» 26)