27
1 سەن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغىن. قۇربانلىق سۇپىسى تۆت چاسا بولسۇن. ئۇزۇنلۇقى بەش گەز، كەڭلىكىمۇ بەش گەز، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز قىلىنسۇن. 2 ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكىگە مۈڭگۈزلەر ياسىغىن. مۈڭگۈزلەر قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنىپ ياسالسۇن. قۇربانلىق سۇپىسىنى مىس بىلەن قاپلىغىن. 3 قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن، كۆيدۈرۈلگەن ياغنى ئېلىشقا داسلار، شۇنداقلا گۈرجەكلەر، جاۋۇرلار، لاخشىگىرلار ۋە ئوتدانلار ياسىغىن. بۇ ئەسۋاب-جابدۇقلارنىڭ ھەممىسى مىستىن ياسىغىن. 4 بۇنىڭدىن باشقا، سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن مىستىن بىر شالا ياساپ، شالانىڭ تۆت بۇرجىكىگە تۆت دانە مىس ھالقا بېكىتىپ قويغىن. 5 بۇ شالانى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ گىرۋىكىنىڭ ئاستىغا قويغىن. ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە يېتىپ بارىدىغان بولسۇن. 6 بۇنىڭدىن باشقا، قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى خادا ياسىغىن. بۇلارنى مىس بىلەن قاپلىغىن. 7 قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرگەندە خادىلار ئۇنىڭ ئىككى يېنىدا بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈپ قويغىن. 8 قۇربانلىق سۇپىسىنى تاختايلاردىن ياساپ ئىچىنى كاۋاك قىلغىن. ئۆزۈم تاغدا ساڭا كۆرسەتكەن نەمۇنىدەك ياسالسۇن. 9 ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن بىر ھويلا ياسىغىن. ھويلىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە، يەنى جەنۇبقا قارايدىغان تەرىپىدە ئاق كەندىر يىپتىن نەپىس توقۇلغان پەردىلەر بولسۇن. ئۇ تەرىپىنىڭ پەردىلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز بولسۇن. 10 پەردىلەر ئۈچۈن يىگىرمە تۈۋرۈك، ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويۇشقا يىگىرمە مىس پۇتى ياسالسۇن. تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە ئۇلاش تاياقلىرى بولسا كۈمۈشتىن ياسالسۇن. 11 شۇنىڭغا ئوخشاش شىمال تەرەپتىمۇ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز كېلىدىغان پەردىلەر بولسۇن. بۇ پەردىلەر ئۈچۈن يىگىرمە تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويۇشقا يىگىرمە مىس پۇت ياسالسۇن. تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە ئۇلاش تاياقلىرى بولسا كۈمۈشتىن بولسۇن. 12 ھويلىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى پەردىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز بولسۇن. ئۇلار ئۈچۈن ئون تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويۇشقا ئون پۇت ياسالسۇن. 13 كۈن چىقىش تەرەپكە قارايدىغان ھويلىنىڭ شەرق تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ ئەللىك گەز بولسۇن. 14 ئۇنىڭ بىر تەرىپىدىكى پەردىلەرنىڭ كەڭلىكى ئون بەش گەز بولسۇن. ئۇلارنىڭ ئۈچ تۈۋرۈكى ۋە ئۈچ پۇتى بولسۇن. 15 يەنە بىر تەرىپىدىكى پەردىلەرنىڭ كەڭلىكى ئون بەش گەز بولسۇن. ئۇلارنىڭ ئۈچ تۈۋرۈكى ۋە ئۈچ پۇتى بولسۇن. 16 ھويلىنىڭ دەرۋازىسى ئۈچۈن ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز بولغان بىر پەردە ياسالسۇن. ئۇ كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ ۋە ئاق كەندىر يىپتىن نەپىس توقۇلسۇن. ئۇنىڭ تۆت پۇتقا بېكىتىلگەن تۆت تۈۋرۈكى بولسۇن. 17 ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى ھەممە تۈۋرۈكلەر كۈمۈشتىن ياسالغان ئۇلاش تاياقلىرى بىلەن بىر-بىرىگە ئۇلاشسۇن. ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى كۈمۈشتىن، پۇتلىرى مىستىن ياسالسۇن. 18 ھويلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز، كەڭلىكى ھەر تەرەپتىن ئەللىك گەز بولسۇن. ھويلىنىڭ پەردىسى ئاق كەندىر يىپتىن نەپىس توقۇلۇپ، ئېگىزلىكى بەش گەز قىلىنسۇن. تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى بولسا مىستىن ياسالسۇن.
19 ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ھەممە جابدۇقلار ھەمدە چېدىر ۋە ھويلىنىڭ ھەممە قوزۇقلىرى مىستىن بولسۇن.
20 بەنى ئىسرائىلگا بۇيرۇغىنكى، چىراغنىڭ ھەمىشە يېنىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ساپ زەيتۇن يېغى كەلتۈرسۇن. 21 ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىدە، شاھادەت ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئايرىما پەردىنىڭ سىرتىدا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئاخشامدىن تارتىپ ئەتىگەنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چىراغداننى يورۇتۇپ تۇرسۇن. بۇ ئىش بەنى ئىسرائىلغا نەسىلدىن-نەسىلگە مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بولىدۇ. ■