28
‏1 سەن ماڭا كاھىن بولۇپ خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى، يەنى ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامارنى يېنىڭغا ئالغىن.
‏2 سەن ئاكاڭ ھارۇن ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئىززەت ۋە زىننەت بولسۇن دەپ مۇقەددەس كىيىملەر تەييارلىغىن. ‏3 ھارۇننىڭ ماڭا ئاتاپ پاكلىنىپ، كاھىن بولۇپ ماڭا خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن، مەن كۆڭۈللىرىنى ھېكمەت روھى بىلەن تولدۇرغان ھەممە ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرنى ئۇنىڭ كىيىملىرىنى تىكىشكە بۇيرۇغىن. ‏4 ئۇلار تىكىدىغان كىيىملەر مۇنۇلاردۇر: كۆكرەكلىك، ئېفود، تون، كەشتىلەنگەن ئىچ كۆينەك، سەللە ۋە بەلۋاغ. ماڭا كاھىن بولۇپ خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇقەددەس كىيىملەر تىكسۇن.    ‏5 ئۇلار بۇنىڭغا زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ ۋە ئاق كەندىر يىپ ئىشلەتسۇن. ‏6 ئېفودنى ئۇلار زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ ۋە ئاق كەندىر يىپتىن نەپىس توقۇپ، ئۇستا ھۈنەرۋەننىڭ قولى بىلەن كەشتىلەپ تىكسۇن. ‏7 ئېفودنىڭ ئىككى قىسمىنىڭ بېشىنى بىر-بىرىگە باغلاش ئۈچۈن مۈرىسىدە ئىككى مۈرە تاسمىسى بولسۇن. ‏8 ئېفودنىڭ ئۈستىگە باغلايدىغان بەلۋاغ ئېفود بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ ۋە ئاق كەندىر يىپتىن نەپىس توقۇلۇپ، ئۇستا ھۈنەرۋەن قولى بىلەن ياسالسۇن. ‏9 سەن ئىككى دانە ئاق ھېقىقنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئويدۇرغىن. ‏10 ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە، ئالتىسى بىر تاشقا، قالغان ئالتىسى يەنە بىر تاشقا ئويۇلسۇن. ‏11 ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى تاش ئويغۇچىلار تەرىپىدىن مۆھۈر ئويۇلغاندەك ئىككى تاشقا ئويۇلسۇن ۋە ئالتۇن كۆزلۈككە قادالسۇن. ‏12 ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ خاتىرە تېشى بولسۇن دەپ ئىككىلا تاشنى ئېفودنىڭ ئىككى مۈرە تاسمىسىغا قاداپ قويغىن. ھارۇن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بارغىنىدا ئېسىدە تۇتۇش ئۈچۈن ئۆز مۈرىلىرىدە كۆتۈرىدۇ. ‏13 بۇنىڭدىن باشقا، سەن ئالتۇندىن ئىككى كۆزلۈك ياسىغىن. ‏14 يەنە ساپ ئالتۇندىن شوينىدەك ئېشىلگەن ئىككى زەنجىر ياسىچىن. بۇ ئېشىلگەن زەنجىرلەرنى كۆزلۈكلەرگە بېكىتكىن.
‏15 سەن ئۇستا ھۈنەرۋەننىڭ قولى بىلەن بىر ھۆكۈم كۆكرەكلىكىنى ياساتقىن. بۇنىمۇ ئېفودقا ئوخشاش زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ ۋە ئاق كەندىر يىپتىن نەپىس توقۇلۇپ ياسالسۇن. ‏16 ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر غېرىچ، كەڭلىكىمۇ بىر غېرىچ بولۇپ، ئىككى قاتلىق تۆت چاسا بولسۇن. ‏17 ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت قاتار قىلىپ قىممەتلىك تاشلارنى ئورناتقىن. بىرىنچى قاتاردا بىر قىزىل ياقۇت، بىر توپاز ۋە بىر زۇمرەت بولسۇن. ‏18 ئىككىنچى قاتاردا بىر كۆك قاشتاش، بىر كۆك ياقۇت ۋە بىر ئالماس بولسۇن. ‏19 ئۈچىنچى قاتاردا بىر سۆسۈن ياقۇت، بىر ھېقىق ۋە بىر سۆسۈن كۋارتس بولسۇن. ‏20 تۆتىنچى قاتاردا بىر سېرىق ياقۇت، بىر ئاق ھېقىق ۋە بىر يېشىل قاشتاش بولسۇن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈكلەرنىڭ ئىچىگە ئورنىتىلسۇن. ‏21 بۇ قىممەتلىك تاشلار ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى بويىچە ئون ئىككى دانە بولىدۇ. مۆھۈر ئويۇلغاندەك، ھەربىر تاشقا ئون ئىككى قەبىلىنىڭ ئىسمى بىردىن-بىردىن ئويۇلسۇن. ‏22 كۆكرەكلىككە ساپ ئالتۇندىن ئېشىلگەن زەنجىرلەر ياسىغىن. ‏23 بۇنىڭدىن باشقا، سەن كۆكرەكلىك ئۈچۈن ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياسىغىن. بۇلارنى كۆكرەكلىكنىڭ ئىككى بېشىغا بېكىتىپ، ‏24 ئالتۇندىن ئېشىلىپ ياسالغان ئىككى زەنجىرنى كۆكرەكلىكنىڭ ئىككى بېشىغا بېكىتىلگەن ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈپ، ‏25 ئېشىلگەن زەنجىرلەرنىڭ قالغان ئىككى ئۇچىنى ئىككى كۆزلۈككە قادىغىن، بۇلارنى ئېفودنىڭ ئىككى مۈرە تاسمىسىنىڭ ئالدى قىسمىغا ئورناتقىن. ‏26 بۇنىڭدىن باشقا سەن ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى كۆكرەكلىكنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتكىن. ئۇلار ئېفودقا تېگىپ تۇرىدىغان قىلىنىپ ئىچ تەرىپىگە ئورنىتىلسۇن. ‏27 ئالتۇندىن يەنە ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى ئېفودنىڭ ئىككى مۈرە تاسمىسىنىڭ ئالدى تەرەپتىكى تۆۋەن قىسمىغا، ئۇلىنىدىغان جايغا يېقىن، بەلۋاغدىن يۇقىرى بېكىتكىن. ‏28 كۆكرەكلىكنىڭ ئېفودنىڭ بەلۋېغىدىن يۇقىرى تۇرۇشى ۋە ئېفودتىن ئاجراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بىر كۆك يىپ بىلەن كۆكرەكلىكنىڭ ۋە ئېفودنىڭ ھالقىلىرى بىر-بىرىگە چېتىلسۇن. ‏29 ھارۇن مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، ئېسىدە تۇتۇشى ئۈچۈن، ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان ھۆكۈم كۆكرەكلىكىنى كۆكسىدە كۆتۈرۈپ بارسۇن. ‏30 ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بارغاندا «ئۇرىم» ۋە «تۇمىم»نىڭ ئۇنىڭ كۆكسىدە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھۆكۈم كۆكرەكلىكىنىڭ ئىچىگە قويغىن. بۇنىڭ بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بەنى ئىسرائىل توغرىسىدىكى ھۆكۈملىرىنى ھەمىشە ئۆز كۆكسىدە كۆتۈرىدىغان بولىدۇ.   
‏31 سەن ئېفودنىڭ ئىچىگە كىيىلىدىغان توننى پۈتۈنلەي كۆك رەختتىن قىلغىن. ‏32 ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا باش تۆشۈكى بولسۇن. يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، خۇددى ساۋۇتنىڭ ياقىسىدەك ئۇنىڭ چۆرىسىگە توقۇلغان پەۋاز تۇتۇلسۇن. ‏33 ئۇنىڭ ئېتىكىنىڭ پۈتۈن چۆرىسىگە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يىپتىن ياسالغان ئانارلارنى ئورناتقىن ۋە ئانارلارنىڭ ئارىسىغا ئالتۇن قوڭغۇراق ئېسىپ قويغىن. ‏34 شۇنداقكى، توننىڭ ئېتىكىنىڭ پۈتۈن چۆرىسىدە بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، ئاندىن كېيىن بىر ئانار، ئاندىن يەنە بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، ئاندىن كېيىن يەنە بىر ئانار بولسۇن. ‏35 ھارۇن خىزمەت قىلىدىغان ۋاقىتتا بۇ توننى كىيسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، مۇقەددەس جايغا كىرىپ-چىققاندا، توننىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇ ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ.
‏36 سەن ساپ ئالتۇندىن بىر لەۋھە ياسىغىن، ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈرگە ئويۇلغاندەك: ‹پەرۋەردىگارغا ئاتالغان› دېگەن خەتلەر ئويۇلسۇن. ‏37 ئۇنى كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىسىگە چىگىپ قويغىن. ئۇ سەللىنىڭ ئالدى تەرىپىدە بولسۇن. ‏38 ئۇ ھارۇننىڭ پېشانىسىدا تۇرسۇن. بۇنىڭ بىلەن ھارۇن بەنى ئىسرائىلنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان مۇقەددەس ھەدىيەلىرىگە چاپلاشقان يامانلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كۆتۈرىدىغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا مەقبۇل بولۇشى ئۈچۈن، بۇ لەۋھە ھەمىشە ھارۇننىڭ پېشانىسىدە بولسۇن.
‏39 بۇنىڭدىن باشقا ئاق كەندىر يىپتىن بىر ئىچ كۆينەك ۋە بىر سەللە توقۇغىن. ھەمدە كەشتىلەنگەن بىر بەلۋاغ ياسىغىن.
باش كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى («مىس.» 39:28)
‏40 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئىچ كۆينەكلەر، بەلۋاغلار ۋە ئېگىز بۆكلەر تەييارلىغىن. بۇلار ئۇلارغا ھەم ئىززەت ھەم زىننەت بولسۇن. ‏41 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا كىيدۈرۈپ، ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا كاھىن بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنى مەسىھلەپ، ماڭا ئاتاپ پاقلاپ، خىزمەتكە تەيىنلىغىن.   
‏42 ئۇلارغا كەندىر يىپتىن ئەۋرەتلىرىنى يېپىدىغان تامبال تىككىن. ئۇ بەلدىن تارتىپ يوتىغىچە بەدەننى يېپىپ تۇرسۇن. ‏43 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرگەندە ياكى مۇقەددەس جايدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىنلاشقاندا ئۇلار گۇناھكار بولۇپ ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بۇلارنى كىيسۇن. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان نەسىللىرى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولىدۇ.