29
1 ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتاپ پاكلاپ، كاھىن بولۇپ خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەش ئۈچۈن، ئۇلار ھەققىدە قىلىدىغان ئىشىڭ مۇنداق بولىدۇ: سەن بىر تورپاق ۋە ئىككى ئەيىبسىز قوچقارنى ئالغىن. 2 يەنە ئېسىل بۇغداي ئۇندىن پېتىر نان، ياغلانغان پېتىر توقاچلار ۋە ياغ سۈرتۈلگەن پېتىر ھەمەكلەر تەييارلىغىن. 3 ئۇلارنى بىر سېۋەتكە سېلىپ، بۇ سېۋەتنى تورپاق بىلەن ئىككى قوچقارغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىپ كەلتۈرگىن. 4 ئاندىن كېيىن سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇغىن. 5 ئاندىن كىيىملەرنى ئېلىپ كېلىپ، ھارۇنغا ئىچ كۆينەك، ئېفودنىڭ ئىچىگە كىيىلىدىغان تونى ۋە ئېفودنى كىيدۈرۈپ، كۆكرەكلىكنى تاقاپ، ئېفودنىڭ بەلۋىغى بىلەن بېلىنى باغلىغىن. 6 ئۇنىڭ بېشىغا سەللىنى يۆگەپ، سەللىگە مۇقەددەس لەۋھەنى تاقىغىن. 7 ئاندىن مەسىھلەش يېغىنى ئېلىپ، بېشىغا قۇيۇپ ئۇنى مەسىھلىگىن. 8 ئاندىن كېيىن سەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا ئىچ كۆينەكلەرنى كىيدۈرگىن. 9 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەلۋاغلارنى باغلاپ، ئېگىز بۆكلەرنى كىيدۈرگىن. ئەبەدىي قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە كاھىنلىق خىزمىتىنىڭ ئۇلارغا مەنسۇپ بولۇشى ئۈچۈن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى خىزمەتكە تەيىنلىگىن. 10 ئاندىن سەن تورپاقنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگىن. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۆز قوللىرىنى تورپاقنىڭ بېشىغا قويسۇن. 11 كېيىن سەن بۇ تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى يېنىدا بوغۇزلىغىن. 12 تورپاقنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، ئۆز بارمىقىڭ بىلەن ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرگىن. قالغان قاننىڭ ھەممىسىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆككىن. 13 ئۈچەي-باغىرلىرىنى قاپلىغان ياغنىڭ ھەممىسى، جىگىرىنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ياغ، ئىككى بۆرىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ياغنى ئېلىپ قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرگىن. 14 لېكىن تورپاقنىڭ گۆشى، تېرە ۋە تېزىكىنى بارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتكىن. بۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ.
15 ئاندىن كېيىن سەن بىر قوچقار ئېلىپ كەلگىن. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۆز قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويسۇن. 16 كېيىن سەن بۇ قوچقارنى بوغۇزلاپ، ئۇنىڭ قېنىنى ئېلىپ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ چۆرىسىگە چاچقىن. 17 ئاندىن قوچقارنى پارچىلاپ، ئۇنىڭ ئۈچەي-باغىرلىرى ۋە پاچاقلىرىنى يۇيۇپ ئۇنىڭ پارچىلىرى ۋە كاللىسىنىڭ ئۈستىگە قويغىن. 18 بۇ پۈتۈن قوچقارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرگىن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. بۇ خۇش پۇراقلىق بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىقتۇر. 19 ئاندىن كېيىن سەن ئىككىنچى قوچقارنى ئېلىپ كەلگىن. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۆز قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويسۇن.
20 سەن بۇ قوچقارنى بوغۇزلاپ، قاندىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئۇلارنىڭ ئوڭ قوللىرىنىڭ باش بارمىقى ۋە ئوڭ پۇتلىرىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرگىن. قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ چۆرىسىگە چاچقىن. 21 ئاندىن كېيىن قۇربانلىق سۇپىسىدىكى قان ۋە مەسىھلەش يېغىدىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ كىيىمىگە، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگىمۇ سەپكىن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ۋە كىيىملىرى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىمۇ مۇقەددەس بولىدۇ. 22 ئاندىن كېيىن سەن قوچقارنىڭ يېغىنى، يەنى ياغلىق قۇيرۇقى، ئۈچەي-باغىرلىرىنى قاپلىغان ياغ، جىگىرىنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ياغ، ئىككى بۆرىكى ۋە ئۇلارنىڭ يېغى ۋە ئوڭ ئارقا پۇتىنى ئالغىن، چۈنكى بۇ قوچقار خىزمەتكە تەيىنلىنىش قۇربانلىقىغا ئاتالغان قوچقاردۇر. 23 بۇنىڭدىن باشقا، سەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىكى پېتىر نېنىنىڭ سېۋىتىدىن بىر گىردە، بىر ياغ سۈرتۈلگەن توقاچ ۋە بىر ھەمەك نېنىنى ئېلىپ، 24 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا قويۇپ، ئۇلارنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتقىن. 25 ئاندىن كېيىن بۇلارنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇش پۇراق پۇرىشى ئۈچۈن، قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈرگىن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق بولىدۇ. 26 سەن ھارۇننىڭ خىزمەتكە تەيىنلىنىش قۇربانلىقىغا ئاتالغان قوچقارنىڭ تۆشىنى ئېلىپ، پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتقىن. بۇ سېنىڭ ھەسسەڭ بولىدۇ. 27 بۇ تەرىقىدە سەن خىزمەتكە تەيىنلىنىش قۇربانلىقىغا ئاتالغان قوچقارنىڭ پۇلاڭلىتىلغان تۆشى ۋە ھەدىيە ئۈچۈن پۇلاڭلىتىلغان ۋە كۆتۈرۈلگەن ئارقا پۇتنى ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بېغىشلانغان بۇ پاي-ئۈلۈشلەرنى مۇقەددەس قىلغىن. ■ 28 بۇ نەرسىلەر كۆتۈرمە ھەدىيە بولغاچقا، مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بەنى ئىسرائىل تەرىپىدىن ھەمىشە ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تېگىدىغان ھەسسە بولسۇن. بۇ بەنى ئىسرائىل تەرىپىدىن سۇنۇلىدىغان ئامانلىق قۇربانلىقلىرىدىن ئېلىنغان كۆتۈرمە ھەدىيە بولۇپ، ئۇلار تەرىپىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرۈلسۇن. ■
29 ھارۇننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغۇللىرىغا قالسۇن. ئۇلار بۇلارنى كىيىپ، مەسىھلىنىپ خىزمەتكە تەيىنلەنسۇن. 30 ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھارۇننىڭ ئورنىدا كاھىن بولۇپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ مۇقەددەس جايدا خىزمەت قىلىدىغان ئوغلى يەتتە كۈنگىچە بۇ كىيىملەرنى كىيىپ يۈرسۇن.
31 سەن خىزمەتكە تەيىنلىنىش قۇربانلىقى بولغان قوچقارنى ئېلىپ، ئۇنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس يەردە پىشۇرغىن. 32 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوچقارنىڭ گۆشى ۋە سېۋەتتىكى نانلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يېنىدا يېسۇن. 33 ئۇلار ئۆزلىرىنى ئايرىپ پاك-مۇقەددەس بولۇش ئۈچۈن كەفارەتكە ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى يېسۇن. لېكىن بۇ نەرسىلەر مۇقەددەس قىلىنغاچقا، يات كىشىنىڭ يېيىشىگە بولمايدۇ. ■ 34 ئەگەر خىزمەتكە تەيىنلىنىش قۇربانلىقىنىڭ گۆشى ياكى ناندىن بىر نەرسە ئەتىسى سەھەرگىچە ئېشىپ قالسا، قالغان نەرسە ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. بۇلار مۇقەددەس بولغاچقا، ھېچ كىشى ئۇنىڭدىن يېمىسۇن.
35 بۇ تەرىقىدە سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن، مېنىڭ بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلاپ، يەتتە كۈنگىچە ئۇلارنى خاس تەرىقىدە خىزمەتكە تەيىنلەش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغىن. 36 ھەر كۈنى سەن كەفارەت ئۈچۈن بىر تورپاقنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنغىن. قۇربانلىق سۇپىسىنى پاك قىلىش ئۈچۈنمۇ كەفارەت كەلتۈرگىن، ئۇنى مۇقەددەس قىلىش ئۈچۈن ياغ بىلەن مەسىھلىگىن. 37 يەتتە كۈنگىچە سەن قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرۈپ، ئۇنى مۇقەددەس قىلغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەڭ مۇقەددەس بولىدۇ. ئۇنىڭغا تەگكەن ھەممە نەرسە مۇقەددەس بولىدۇ. 38 سەن بىر ياشلىق ئىككى ئەركەك قوزىنى ھەر كۈنى قۇربانلىق سۇپىسىدا قۇربانلىق قىلغىن. 39 بۇنىڭ بىرىنى ئەتىگەندە، يەنە بىرىنى ئاخشامدا قۇربانلىق قىلغىن. 40 سەن بىرىنچى قوزىغا تۆتتىن بىر ھىن ساپ زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان ئوندىن بىر ئېفا ئېسىل ئۇن ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى ئۈچۈن تۆتتىن بىر ھىن شاراب قوشۇپ كەلتۈرگىن. ■ 41 ئىككىنچى قوزىنى ئاخشام ۋاقتىدا قۇربانلىق قىلغىن. ئەتىگەندىكى ھەدىيەلەردەك، خۇش پۇراقلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىنى ئۇنىڭغا قوشۇپ كەلتۈرگىن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق بولىدۇ. 42 بۇ تەرىقىدە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق نەسىلدىن نەسىلگە، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى ئالدىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرسۇن. ئۇ يەردە مەن سىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ساڭا سۆز قىلىمەن. 43 مەن ئۇ يەردە بەنى ئىسرائىل بىلەن ئۇچراشقىنىمدا، ئۇ جاي مېنىڭ شان-شەرىپىم بىلەن مۇقەددەس بولىدۇ. 44 مەن ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنى مۇقەددەس قىلىمەن. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ماڭا كاھىن بولۇپ خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەپ مۇقەددەس قىلىمەن. 45 مەن بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. 46 ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان خۇداسى پەرۋەردىگار مەن ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردۇرمەن.