30
‏1 سەن خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرۈش ئۈچۈن بىر خۇشبۇي ئىسرىق سۇپىسى تەييارلىغىن. ئۇنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىغىن. ‏2 ئۇ تۆت چاسا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى ئىككى گەز بولسۇن. مۈڭگۈزلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ ياسالسۇن. ‏3 سەن ئۇنى، يەنى ئۇنىڭ ئۈستى، تۆت ئەتراپى ۋە مۈڭگۈزلىرىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن. ئۇنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇن گىرۋەك ياسىغىن. ‏4 خۇشبۇي ئىسرىق سۇپىسىنى كۆتۈرىدىغان خادىلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالتۇندىن ئىككى ھالقىنى ياساپ، ئۇلارنى خۇشبۇي ئىسرىق سۇپىسىنىڭ ئىككى يېنىدىكى گىرۋەكنىڭ ئاستىغا بېكىتكىن. ‏5 كۆتۈرۈش خادىلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن. ‏6 سەن خۇشبۇي ئىسرىق سۇپىسىنى شاھادەت ساندۇقىنىڭ ئالدىدىكى ئايرىما پەردىنىڭ سىرتىغا قويغىن. شۇنداقكى، ئۇ مەن سەن بىلەن ئۇچرىشىدىغان جاي بولغان شاھادەت ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى مەرھەمەت تەختىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرسۇن. ‏7 ھارۇن شۇنىڭ ئۈستىدە خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرسۇن. ئۇ ھەر ئەتىگەنلىكى چىراغلارنى رەتلەيدىغان ۋاقىتتا خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرسۇن. ‏8 ھارۇن ئاخشامدا چىراغلارنى يورۇتقىنىدىمۇ خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرسۇن. پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا نەسىلدىن نەسىلگە ھەمىشە خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرۈلۈپ تۇرسۇن. ‏9 سىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدە زىنھار غەيرىي خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرمەڭلار، ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنماڭلار، ھەمدە ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچىملىك ھەدىيەسى قۇيماڭلار. ‏10 يىلدا بىر قېتىم ھارۇن خۇشبۇي ئىسرىق سۇپىسىنىڭ مۈڭگۈزلىرى ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسۇن. كەفارەت ئۈچۈن سۇنۇلغان گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنى بىلەن ھەر يىلدا بىر قېتىم نەسىلدىن-نەسىلگە ئۇنىڭ ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرۈلسۇن. بۇ پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەستۇر.
 
‏11 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏12 «سەن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلىش ئۈچۈن بەنى ئىسرائىلنى سانىغىنىڭدا ئۇلارنىڭ بېشىغا بالا-قازا كەلمىسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ساناق ۋاقتىدا پەرۋەردىگارغا ئۆز جېنى ئۈچۈن كەفارەت پۇلى تاپشۇرسۇن.    ‏13 ساناقتىن ئۆتۈپ سانالغانلارغا قوشۇلغان ھەربىر كىشى مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە يېرىم شېكەل بەرسۇن. بۇ يېرىم شېكەل پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەدىيە بولىدۇ. بىر شېكەل يىگىرمە گېراھقا باراۋەردۇر. ‏14 يىگىرمە ياشتىن ئېشىپ، ساناقتىن ئۆتۈپ سانالغانلارغا قوشۇلغان ھەربىر كىشى پەرۋەردىگارغا بۇ ھەدىيەنى بەرسۇن. ‏15 جېنىڭلارغا كەفارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە بەرگىنىڭلاردا، باي كىشى ئارتۇق بەرمىسۇن ۋە كەمبەغەل كىشى يېرىم شېكەلدىن كەم بەرمىسۇن. ‏16 بەنى ئىسرائىلدىن كەفارەت ئۈچۈن بېرىلىدىغان پۇلنى ئېلىپ، بۇنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلەتكىن. بەنى ئىسرائىلنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ياد ئېتىلىشى ۋە جېنىڭلارغا كەفارەت كەلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن، شۇنداق بولسۇن.
 
‏17 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏18 «سەن يۇيۇنۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە مىستىن بىر داس ياسىغىن. ئۇنىڭ تەگلىكىمۇ مىستىن بولسۇن. بۇنى ئۇچرىشىش چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىچىگە سۇ توشتۇرۇپ قويغىن. ‏19 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ سۈيىدە پۇت-قوللىرىنى يۇسۇن. ‏20 ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرگەندە ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن سۇ بىلەن ئۆزىنى يۇسۇن. ئۇلار خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىن بېرىپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق سۇنماقچى بولسىمۇ، ‏21 ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن پۇت-قوللىرىنى يۇسۇن. بۇ ئۇلار ۋە ئەۋلادلىرى ئۈچۈن نەسىلدىن-نەسىلگە مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولىدۇ.
 
‏22 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏23 «سەن مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئەڭ ئېسىل خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەردىن، يەنى سۇيۇق مۇرمەككىدىن بەش يۈز شېكەل، دارچىندىن ئىككى يۈز ئەللىك شېكەل، شىرىن ئېگىردىن ئىككى يۈز ئەللىك شېكەل،    ‏24 قوۋزاقدارچىندىن بەش يۈز شېكەل ۋە زەيتۇن يېغىدىن بىر ھىن ئالغىن.    ‏25 بۇ دورا-دەرمەكلەردىن ئەتتىرچىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە تەڭشەلگەن خۇشبۇي ياغ ياساپ، مەسىھلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مۇقەددەس ياغ تەييارلىغىن. بۇ مۇقەددەس مەسىھلەش يېغى بولىدۇ. ‏26 سەن بۇ ياغ بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى، شاھادەت ساندۇقى، ‏27 شىرە ۋە ئۇنىڭ قاچا-قۇچىلىرى، چىراغدان ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرى، خۇشبۇي ئىسرىق سۇپىسى، ‏28 كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئەسۋاب-جابدۇقلىرى، ھەم شۇنداقلا داس ۋە ئۇنىڭ تەگلىكىنى مەسىھلىغىن. ‏29 ئۇلارنى شۇنداق مۇقەددەس قىلغىنىڭ بىلەن ئۇلار ئەڭ مۇقەددەس بولىدۇ. بۇ نەرسىلەرگە تەگكەن ھەممە نەرسىمۇ مۇقەددەس بولىدۇ. ‏30 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ماڭا كاھىن بولۇپ خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن مەسىھلەپ، مۇقەددەس قىلغىن. ‏31 بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹بۇ ياغ نەسىلدىن نەسىلگىچە ماڭا ئاتالغان مۇقەددەس مەسىھلەش يېغى بولىدۇ. ‏32 ئۇ بىر كىشىنىڭ بەدىنىگە ئىشلىتىلمىسۇن ۋە ئۇنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلىدا ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا ياغ ياسالمىسۇن. ئۇ مۇقەددەس بولغاچقا، سىلەرگىمۇ مۇقەددەس بولسۇن. ‏33 كىمكى بۇنداق ياغ تەييارلىسا ياكى بۇنىڭدىن ئېلىپ يات كىشىگە سۈرسە، ئۆز خەلقىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ›».
 
‏34 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: «سەن خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر، يەنى خۇشبۇي يېلىم، قۇلۇلە قېپى، ئاق دېۋىرقاي ۋە ساپ مەستىكىدىن ئوخشاش مىقداردا ئېلىپ،    ‏35 ئۇلارنى تۇزلاپ، ئەتتىرچىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ساپ ۋە مۇقەددەس خۇشبۇي ئىسرىقنى تەييارلىغىن. ‏36 بۇنىڭدىن ئازراق ئېلىپ، ئوبدان ئېزىپ ئۇۋاقلاپ، ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى مەن ئۆزۈم سىلەر بىلەن ئۇچرىشىدىغان جاي بولغان شاھادەت ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قويغىن. بۇ سىلەرگە ئەڭ مۇقەددەس بولسۇن. ‏37 بۇ خۇشبۇي ئىسرىقنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلىدا، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئوخشاش خۇشبۇي ئىسرىق تەييارلىماڭلار. بۇ ساڭا مۇقەددەس ھېسابلىنىپ پەرۋەردىگارغا خاس بولسۇن. ‏38 كىمكى پۇراش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر نېمىنى ياسىسا، ئۆز خەلقىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ».