31
1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 2 «مانا، مەن ئۆزۈم يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بېزالەلنى ئىسمىنى ئاتاپ چاقىردىم. 3 مەن ئۇنى خۇدانىڭ روھى بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھېكمەت، ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىم ئاتا قىلىپ، ھەر خىل ھۈنەرگە ماھىر قىلدىم. 4 مەن ئۇنى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىستىن نەرسىلەرنى ياساشنى ئويلاپ چىقىشقا، 5 تاشلارنى ئويۇپ ئورنىتىشقا، ياغاچقا نەقىش ئويۇشقا، شۇنداقلا ھەر خىل ھۈنەر ئىشلىرىغا ماھىر قىلىپ قويدۇم. 6 مانا، مەن ئۇنىڭغا دان قەبىلىسىدىن ئاھىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىيابنى ياردەمچى قىلىپ قويدۇم. ئۆزۈم ساڭا بۇيرۇغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىش ئۈچۈن، مەن ھەممە ئەقىل-پاراسەتلىك ئۇستا كىشىلەرگە ھېكمەت ئاتا قىلدىم. 7 ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرى، شاھادەت ساندۇقى، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مەرھەمەت تەختى، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھەممە ئەسۋاب-جابدۇقلىرى، 8 شىرە ۋە ئۇنىڭ قاچا-قۇچىلىرى، ئالتۇن چىراغدان ۋە ئۇنىڭ ھەممە سايمانلىرى، خۇشبۇي ئىسرىق سۇپىسى، 9 كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن ئۇنىڭ ھەممە ئەسۋاب-جابدۇقلىرى ۋە داس بىلەن تەگلىكىنى ياساشقا، 10 شۇنداقلا توقۇلغان كىيىم، يەنى كاھىن ھارۇننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاھىنلىق كىيىملىرىنى تىكىشكە ۋە 11 مەسىھلەش يېغى ۋە مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان خۇشبۇي ئىسرىقىنى تەييارلاشقا قابىلىيەتلىك بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بەرگەن ئەمرىم بويىچە قىلسۇن».
12 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
13 «سەن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹مېنىڭ شابات كۈنلىرىمگە چوقۇم رىئايە قىلىڭلار، چۈنكى بۇ، سىلەرنى پاك-مۇقەددەس قىلىدىغان پەرۋەردىگار مەن ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن، نەسىلدىن نەسىلگە مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا بىر بەلگىدۇر. 14 شابات كۈنى مۇقەددەس كۈن بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا رىئايە قىلىڭلار. كىمكى ئۇنى بۇزسا، چوقۇم ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلسۇن، كىمكى ئۇ كۈندە بىرەر ئىش قىلسا، ئۆز خەلقى ئارىسىدىن يۇلۇپ تاشلانسۇن. 15 ئالتە كۈن ئىچىدە ئىش قىلىنسۇن، لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس كۈن بولغاچقا، ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولىدۇ. كىمكى شابات كۈنىدە بىر ئىش قىلسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. 16 بەنى ئىسرائىل بىر مەڭگۈلۈك ئەھدە سۈپىتىدە شابات كۈنىگە نەسىلدىن نەسىلگە رىئايە قىلسۇن. 17 بۇ مەن بىلەن بەنى ئىسرائىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈلۈك بەلگىدۇر، چۈنكى ئالتە كۈن ئىچىدە پەرۋەردىگار ئاسمان بىلەن يەرنى يارىتىپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىپ، راھەت تاپتى›». 18 خۇدا سىناي تېغىدا مۇساغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئىككى شاھادەت تاختىسىنى ئۇنىڭغا بەردى. بۇ تاختىلار تاشتىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى خەتلەر خۇدانىڭ ئۆز بارمىقى بىلەن يېزىلغانىدى.